ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىلىدە، بۇ ئۇزۇقلۇقلارنى تولۇقلايسىز
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 7492:قېتىم كورۇلدى
   ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئېيى، ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ئىنتايىن ھالقىلىق بىر مەزگىل بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ھامىلدار ئاياللار، ئۇزۇقلۇق ماددىلارنى يىتەرلىك دەرىجىدە قوبۇل قىلىشى كېرەك، بۇنىڭدا ئاندىن ھامىلدار ئايالنىڭ ۋە ھامىيلىنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. تۆۋەندە، ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىلىدە قايسى خىل ئۇزۇقلۇقلارنى تولۇقلاش كېرەكلىكىنى كۆرۈپ باقايلى!
ھامىلدارلىق بىرىنچى ئېيىدا فولىن كىسلاتا تولۇقلاش
   فولىن كىسلاتاسى(叶酸)، ھامىيلىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىدە كەم بولسا بولمايدىغان ئوزۇقلۇق ماددا. تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللار، ھامىلدارلىققا تەييارلىق كۆرۈشنىڭ ئالدىنقى ئۈچ ئېيىدىن باشلاپ فولىن كىسلاتاسى تولۇقلاشنى باشلاش كېرەك؛ ھامىلدار بولۇپ بولغاندىن كېيىنمۇ، دەسلەپكى ئۈچ ئايدا فولىن كىسلاتاسى تولۇقلاشتا چىڭ تۇرماق لازىم. ئادەتتە، ھەركۈنى 800-400 مىكرو گىرام فولىن كىسلاتاسى تولۇقلىساق، ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىنىڭ ئېھتىياجىنى قامداشقا بولىدۇ. ئەگەر ھامىلدار ئايالنىڭ بەدىنىدە فولىن كىسلاتاسى كەمچىل بولسا، ھامىيلىدە بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەن تۇغۇلۇش، كالپۇكى يېرىق تۇغۇلۇش ۋە يۈرىكىدە كەمتۈكلۈك بار تۇغۇلۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئەگەر ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئېيىدا فولىن كىسلاتاسى كەمچىل بولۇپ قالسا، ھامىيلىنىڭ نىرۋا كانىلىنىڭ يېتىلىشىدە كەمتۈكلۈك پەيدا قىلىپ، بۇ سەۋەبلىك ھامىيلىنىڭ غەلىتە يېتىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
ھامىلدارلىق ئىككىنچى ئېيىدا ۋىيتامىنB ۋە ۋىيتامىنC تولۇقلاش
   ھامىلدارلىق ئىككىنچى ئېيىدا، ئاز بولمىغان ھامىلدار ئاياللاردا ھامىلدارلىق ئىنكاسى(ئادەتتە بىز ئېيتىدىغان سىزىك) كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. بۇ ۋاقىتتا، ھامىلدار ئاياللار Bئائىلىسىدىكى ۋىيتامىنلارنى تولۇقلاپ بەرسە بولىدۇ؛ بولۇپمۇ ۋىيتامىنB6نى چوقۇم تۇلۇقلاش كېرەك، بۇ خىل ماددا ئادەتتە، كېلىنكىدا قۇسۇپ ياندۇرۇش قاتارلىق ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىلى ئىنكاسلىرىنى ياخشىلاشقا ئىشلىتىلىدۇ. ۋىيتامىنB6دىن باشقا، ۋىيتامىنB1، ۋىيتامىنB2 ۋە ۋىيتامىنC قاتارلىقلارنىڭمۇ، بۇ خىل ھامىلدارلىق ئىنكاسىنى ياخشىلاش ئۈنۈمى بار. لېكىن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە شۇكى، ئادەتتە، ھامىلدار ئاياللار مەخسۇس ئىشلىتىدىغان ۋىيتامىنلىق تابلىتكىلارنى ئىچىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ؛ يېمەكلىك جەھەتتىكى كېلىش مەنبەسى بولسا، كۆكمۇچ، چېچەكسەي، بەسەي، پەمىدۇر، تەرخەمەك، پالەك، لىمون، بۆلجۈرگەن، ئالما قاتارلىقلار تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
ھامىلدارلىق ئۈچىنچى ئېيىدا ۋىيتامىنA، كالتسىي ۋە فوسفور تۇلۇقلاش
   ھامىلدارلىق ئۈچىنچى ئېيى، ھامىيلىنىڭ سۆڭىكى ۋە چوڭ مېڭىسى يېتىلىشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى بولۇپ، بۇ ئاي ئىنتايىن مۇھىم. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇزۇقلۇق جەھەتتە ئاساسلىقى ھامىيلىنى ئاساس قىلىپ تۇلۇقلاش ئېلىپ بېرىش كېرەك؛ بۇ مەزگىلدە، بەدەنگە زۈرۈر بولغان ياغ كىسلاتالىرى، كالتسىي، فوسفور، ۋىيتامىنA قاتارلىقلارنى قوبۇل قىلىشقا ئەھمىيەت بىرىش لازىم بولۇپ، بۇلارنىڭ ئاساسلىق رولى بولسا، ھامىيلىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتۇر.
   ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئېھتىياجلىق بولىدىغان ئۇزۇقلۇق ئومۇميۈزلۈك بولىدۇ، شۇڭلاشقا، يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە، ھامىلدار ئاياللار ھەرخىل يېمەكلىك ئۇزۇقلۇقلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا ئەھمىيەت بىرىپ، مىۋە-كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىشى كېرەك. لېكىن، ئۇزۇقلۇق تولۇقلاش گەرچە ناھايىتى مۇھىم بولسىمۇ، ئەمما مۇۋاپىق بولۇشقا دىققەت قىلماق لازىم؛ ئەڭ ياخشىسى دوختۇرلارنىڭ كۆرسەتمىسى ئاستىدا ئۇزۇقلۇق تولۇقلاش ئېلىپ بارساق، ھامىيلىنىڭ يېتىلىشىگە تېخىمۇ پايدىلىق بولىدۇ.

بوۋاقلارنىڭ دۈم يېتىشىنىڭ قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟

دۈم ياتقان ۋاقىتتا، بوۋاقلار ئۆزىنى تىرەپ كۆتۈرۈگەندە، ئاندىن ئانىسىنى ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتنى كۆرەلەيدۇ؛ بۇ جەرياندا، بوۋاقنىڭ باش قىس

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

تۇغۇت ئالدىدىكى تولغاقنىڭ بالىغا بولغان پايدىسى

ماتىرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر دۇنيادىكى ئاغرىقنى 12دەرىجىگە بۆلسەك، ئۇنداقتا ھامىلدار ئايالنىڭ تۇغۇت ئالدىدىكى تولغان ئاغرىقى ئە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号