بالىڭىزغا يەتتە سىكونت ئىنكاس قايتۇرمىسىڭىز كۆڭلى يېرىم بولامدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6173:قېتىم كورۇلدى
   سىز، مۇكەممەل بىر ئانىغا ئايلىنىمەن دېمىسىڭىزمۇ بولىدۇ؛ كۆپ قىسىم ئەھۋاللار ئاستىدا، سىز پەقەت بالىنىڭ ئېھتىياجىغا توغرا ئىنكاس قايتۇرۇپ، بالىنىڭ ئىزدىنىشى ۋە ئوينىشىنى ھۆرمەت قىلسىڭىزلا، سىز ياخشى بىر ئانا بولغان بولىسىز.
   ئانىغا ئايلانغاندىن كىيىن، سىز مۇنداق بىر قاراشنى ئاڭلاپ باققانمۇ؟ بەزىبىر بالا بېقىپ تەربىيەلەش توغرىسىدىكى ماقالىلاردا دىيىلىشىچە، بوۋاق ئەگەر ئانىسىغا سىگنال بەرسە، ئەمما ئانا 7سىكونت ئىچىدە توغرا ھالدا ئىنكاس قايتۇرالمىسا، بوۋاقتا ئوڭۇشسىزلىق تۇيغۇسى پەيدا بولىدىكەن؛ ئەگەر بوۋاق ھەمىشە بۇنداق ئوڭۇشسىزلىق ھېس قىلىۋەرسە، بوۋاقنىڭ ئانىسىغا ئىشەنمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بوۋاقنىڭ ئانىسىغا قارىتا سىگنال تارقىتىشى ئازلاپ كېتىدىكەن.
   بىراق، ئامىرىكا لىخەي داشۆسىدىكى بوۋاقلارنىڭ رىشتە باغلىشى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان مۇتەخەسسىس سۇسان.ۋۇدخاۋۇس، ئۆزىنىڭ تەتقىقاتى ئارقىلىق بۇ خىل قاراشقا رىقابەت ئېلان قىلغان.
   ۋۇدخاۋۇس، تۆت يېرىم ئايلىق، يەتتە ئايلىق، توققۇز ئايلىق ۋە 12ئايلىق بوۋىقى بار بولغان 83جۈپ ئانا-بالىغا قارىتا كۆزىتىش ۋە باھالاش ئېلىپ بارغان. تەتقىقاتچىلار، بوۋاقنىڭ يىغلىغان ۋاقتىدا ئانىسىنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى كۆزىتىش ئارقىلىق، بوۋاقنىڭ رىشتە باغلاش دەرىجىسىنى پەرەز قىلغان. ۋۇدخاۋۇسنىڭ بايقىشىچە، ئانا ئەگەر كۆپ قىسىم ۋاقىتلاردا(%50دىن ئاشقان ۋاقىت) بوۋاقنىڭ يىغلىشىغا قارىتا توغرا ئىنكاس قايتۇرالىسا، ئۇنداقتا بوۋاق ئانىسىنى ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغان ھېس قىلىدىكەن.
   بۇ تۈرلۈك تەتقىقاتتا، ۋۇدخاۋۇسنىڭ قارىشىچە، بىخەتەر تىپتىكى رىشتە قۇرۇپ چىقىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، بوۋاق تارقاتقان سىگنالغا قانچىلىك تىزلىكتە ئىنكاس قايتۇرۇش ئەمەس، بەلكىم بالىنى ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىغا ئىشەندۈرۈش—يەنى، يىغلاش ئارقىلىق ئانىسىنىڭ كۆڭۈل بۆلىشى ۋە تەسەللى بىرىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە بولىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرۈش ئىكەن.
   بۇندىن باشقا، بالىلار بىرەر نەرسە ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان ۋاقىتتا، ئانا ئۇلارنىڭ پائالىيىتىنى خالىغانچە توختىتىۋەتمەسلىكى كېرەك ھەمدە بالىغا "ئەگەر سىز ماڭا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز مەن يېنىڭىزدا بار، سىز ماڭا تايانسىڭىز بولىدۇ" دېگەنگە ئوخشاش تۇيغۇس ھېس قىلدۇرۇش كېرەك؛ بۇنىڭدا، بۇ بوۋاقنىڭ بىخەتەرلىك تىپىدىكى رىشتە مۇناسىۋىتى زىيانلىق تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ.
   ۋۇدخاۋۇسنىڭ دېيىشىچە، ئاتا-ئانىلار، ھەقىقىي تۈردە مۇھىم بولغان كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ ۋە ئامراقلىقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى قايتىدىن چۈشىنىپ چىقىشى كېرەك ئىكەن؛ كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئامراقلىق قىلىش، ئاتا-ئانىلارنىڭ بوۋاقنىڭ ئېھتىياجىغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئىنكاس قايتۇرۇشىنى ئەمەس، بەلكى توغرا ھالەتتە ئىنكاس قايتۇرۇشىنى تەلەپ قىلىدىكەن.
   ئۇنداقتا، قايسى خىل ئىشلار بالىلارنىڭ بىخەتەر رىشتە قۇرۇپ چىقىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ بوۋاق تېخى يېغىسىدىن توختىمىغان ۋاقىتتا ئۇنى قۇچاقتىن چۈشۈرۋىتىش، بالىنى يىغلىغىلى قويماسلىق، بالىنى گەپ ئاڭلىمىدىڭ دەپ ئەيىبلەش ۋە چېكىدىن ئاشقان قوغداش، بالىنىڭ ئويۇن ئوينىشىنى خالىغانچە توختىۋىتىش(بىخەتەرلىك ئۈچۈن بولغاندىن سىرت)، بالىنىڭ ئىزدىنىش قىلىشىغا يول قويماسلىق، بالىنى ئۆزىنىڭ خاھىشى بويىچە ئىش كۆرۈشكە مەجبۇرلاش قاتارلىق قىلمىشلار، بالىدا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
   ئانىنىڭ بالىغا ھەرۋاقىت دىققەت قىلىپ تۇرۇشى بىھاجەت، ھەر قېتىمدا بالىنىڭ ئېھتىياجىغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئىنكاس قايتۇرىمەن دېمىسىمۇ بولىدۇ؛ بالىلار ناھايىتى كەڭ قوساق بولۇپ، پەقەت كۆپ قىسىم ۋاقىتلاردا، بالىنىڭ ئىھتىياجىنى چۈشىنەلىسە ھەمدە توغرا ئىنكاس قايتۇرالىساقلا بولىدۇ. سىز دەرھال توغرا ئىنكاس قايتۇرالمىغان تەقدىردىمۇ، پەقەت داۋاملىق تۈردە سىناپ توغرا ئىنكاس قايتۇرۇشقا تىرىشسىڭىز، بالىڭىز سىزنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى ھېس قىلىپ يىتەلەيدۇ.

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

تۇغۇت ئالدىدىكى تولغاقنىڭ بالىغا بولغان پايدىسى

ماتىرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر دۇنيادىكى ئاغرىقنى 12دەرىجىگە بۆلسەك، ئۇنداقتا ھامىلدار ئايالنىڭ تۇغۇت ئالدىدىكى تولغان ئاغرىقى ئە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بۇ تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىڭ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايال تۆۋەندىكى تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىشى كىرەك، بولمىغاندا، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر ي

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号