بەزى بالىلار نېمىشقا ھەمىشە كىچىسى چىشىنى غۇچۇرلىتىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 9911:ئادەم ئۆگەندى
   بالىلاردىكى كىچىسى ئۇخلىغاندا چىشىنى غۇچۇرلىتىش قانداق ئەھۋال؟ زىيىنى بارمۇ؟ دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىتىش كېتەمدۇ؟.... ئەمەلىيەتتە، بالىلارنىڭ چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىشى، بالىلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل ھادىسە بولۇپ، مۇتلەق كۆپ قىسىملىرى يىنىك دەرىجىدە بولىدۇ، شۇڭا ئارتۇقچە ئارىلىشىش كەتمەيدۇ.
   بېيجىڭ شەھەرلىك بالىلار كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى شۈنيى ئانا-بالىلار دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى چېن تۇڭيىڭنىڭ تۇنۇشتۇرىشىچە، چىشىنى غۇچۇرلىتىش، مەجبۇرلاش خاراكتېرىدىكى بىر خىل ھەرىكەت توسالغۇسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى ئۇخلىغاندا چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىش ۋە چىشلىرىنى چىڭ چىشلىۋىلىش ئىكەن. تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، تەخمىنەن %50 ئەتراپىدىكى بالىلاردا ئىلگىرى چىشىنى غۇچۇرلىتىش ھادىسىسى كۆرۈلۈپ باققان، كۆرۈلۈش ياش مەزگىلى بولسا، تەخمىنەن 10ئايلىق ئەتراپىدا بولغان؛ بەزىبىر ئالاھىدە بولغان بالىلاردا، مەسىلەن، ئەقلى ئىقتىدارى يېتىلىشى كىچىكىپ قالغان ياكى مېڭە پارالىچىغا گىرىپتار بولغان بالىلاردا، كۆرۈلۈش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە يۇقىرى بولىدىكەن.
   ئۇنداقتا، بالىلاردىكى چىشىنى غۇچۇرلىتىش نېمە سەۋەبتىن كېلىپ چىقىدۇ؟ چىن تۇڭيىڭ دوختۇرنىڭ بىلدۈرىشىچە، بالىلاردىكى چىشىنى غۇچۇرلىتىش ھادىسىسىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى، ھازىرچە ئېنىق ئەمەس ئىكەن. بىراق، تۆۋەندىكى بەزىبىر ئەھۋاللار، بالىلارنىڭ چىشىنى غۇچۇرلىتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن: مەسىلەن، بالىلارنىڭ چىشىنىڭ قىسمەن چىشلەش ئىقتىدارى ياخشى بولماسلىق؛ بالىنىڭ پىسخىكىسىدا ياكى يېتىلىشىدە بەزىبىر مەسىلىلەر ساقلىنىپ قالغان بولۇش قاتارلىقلار. قىسقىسى، ھازىرچە ئېنىق بىر سەۋەب ئامىلنى بىكىتكىلى بولمايدىكەن. قورامىغا يەتكەنلەرگە قارىتىلغان باشقا بىر تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، مۇھىت ئامىلى ياكى پىسخىكىلىق جەھەتتىكى جىددىيلىشىش، چىشىنى غۇچۇرلىتىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن؛ بۇندىن باشقا، چىشىنى غۇچۇرلىتىش ھادىسىسىنىڭ، بەلگىلىك دەرىجىدە جەمەت ئىرسىيەت خۇسۇسىيىتى بار ئىكەن.
   بالىدا كىچىسى چىشىنى غۇچۇرلىتىپ ئۇخلاش مەسىلىسى كۆرۈلسە دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىش كېرەكمۇ يوق دېگەن مەسىلىگە قارىتا، چېن تۇڭيىڭ دوختۇرنىڭ بىلدۈرىشىچە، چىشىنى غۇچۇرلىتىش، چىشنىڭ بىنورمال ھالدا سۈركىلىپ زەخمىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن؛ ئېغىر بولغاندا، چىش ئەتراپى ئورگانىزىملىرىنى زەخمىلەندۈرۈش سەۋەبلىك، چىش مىلىكى قورۇلۇپ يېغىلىش، ياللۇغ، چايناش مۇسكۇلى يوغىناپ قېلىش، ئېڭەك بوغۇملىرىدا بىنورماللىق كۆرۈلۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
   بالىلاردىكى چىشىنى غۇچۇرلىتىش ھادىسىسىگە نىسبەتەن، مۇتلەق كۆپ قىسىم بالىلاردىكى چىشىنى غۇچۇرلىتىش ھادىسىسى يىنىك دەرىجىگە تەۋە بولۇپ، كۆپ ئارىلىشىش كەتمەيدۇ. بىراق، چىشىنى غۇچۇرلىتىش ھادىسىسى كۈندە كىچىدە كۆرۈلسە ھەمدە بەزىبىر پىسخىكىلىق جەھەتتىكى ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارى زەخمىگە ئۇچراش ئەھۋالى كۆرۈلسە، ھەتتا چىشى زەخمىگە ئۇچراش، ئېڭەك بوغۇمىدا بىنورماللىق كۆرۈلۈش قاتارلىق ئېغىر دەرىجىدىكى ئالامەتلەر كۆرۈلسە، بۇنداق ئەھۋالدا دوختۇرخانىغا بېرىپ ئونۋېرسال خاراكتېرلىك داۋالاشنى قوبۇل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. كونكرېتنى داۋالىنىش جەھەتتە، دوختۇرلاردىن مەسلىھەت سوراپ، ئۇلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە داۋالىنىش ۋە دورا ئىشلىتىش لازىم بولىدۇ؛ ئاتا-ئانىلار ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ، قارىغۇلارچە دورا ئىشلىتىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

بوۋاقلارنىڭ "تەسلىم بولۇش" شەكلىدىكى ئۇخلاش ھالىتى

يېقىندا بەزى ئانىلار سۆز قالدۇرۇپ، بوۋىقىنىڭ تەسلىم بولغانغا ئوخشاش قوللىرىنى ئېگىز كۆتۈرۋىلىپ ئۇخلايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، بۇنداق ئەھۋ

تۇغۇتتا ياخشى كۈتۈنمىسىڭىز بۇ ئۈچ ئىشتىن قۇتۇلالمايسىز

يىڭى تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ كۈتۈنىشىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، ئەگەر تۇغۇت كۈتۈنىشى ياخشى بولمىسا، كىيىلىك تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، بۈگۈن ك

بالىلارنىڭ گېلىغا نەرسە تۈرۈپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك

كىچىك بالىلاردا، ئادەتتە تاماق يىگەن ۋاقىتتا گېلىغا سۆڭەك ياكى باشقا يىمەكلىك تۈرۈپ قالىدىغان، ياكى بولمىسا بىرەر نەرسە ئويناپ يۈتۈپ س

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە قورسىقىڭىزنى قولىڭىزدا تاتىلىماڭ

ئايال كىشى ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھامىلدارلىق ئوتتۇرا ياكى ئاخىرىقى مەزگىللىرىدە، نۇرغۇنلىغان ھامىلدار ئاياللاردا ھەمىشە قورسىقى

بوۋاقنىڭ كۆزلىرى چىرايلىق تۇغۇلۇشقا پايدىلىق يېمەكلىكلەر

ھامىلدار ئايال سەۋزىنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بەرسە، ھامىلدار ئايالنىڭ بەدىنى ئارقىلىق ھامىيلىگە ئۆتۈپ، ئۇلارنىڭ كۆزىگە پايدىلىق تەسىر

بوۋاقلارنىڭ دۈم يېتىشىنىڭ قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟

دۈم ياتقان ۋاقىتتا، بوۋاقلار ئۆزىنى تىرەپ كۆتۈرۈگەندە، ئاندىن ئانىسىنى ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتنى كۆرەلەيدۇ؛ بۇ جەرياندا، بوۋاقنىڭ باش قىس

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号