يەسلى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئاتا-ئانىلارغا بەرگەن ئون تۈرلۈك تەكلىپى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 9488:قېتىم كورۇلدى
   يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئاتا-ئانىلارغا دىيىشنى ئويلايدىغان نۇرغۇن گەپلىرى بار بولۇپ، تۆۋەندىكى ئون تۈرلۈك تەكلىپنى، ئۇلار ئاتا-ئانىلارغا بىلدۈرۈشنى ھەممىدىن بەك ئۈمىد قىلىدۇ.
   1. سىز ئەگەر ھەر كۈنى ئىشقا كېچىكىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ، بالىڭىزنى ئالدىراش ھالدا يەسلىگە ئاپىرىپ قويسىڭىز، بۇنداق قىلمىشىڭىز بالىغا جىددىيلىشىش تۇيغۇسى ھېس قىلدۇرۇپ قويىدۇ. ئازراق ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ، بالىڭىزنىڭ ئورۇنلىشىۋىلىشىغا ياردەملىشىشىڭىز كېرەك؛ ئەگەر مەلۇم بىر كۈنى چۈشتىن كىيىن، سىز ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كەتسىڭىز، بىزگە ئالدىنئالا تېلفون قىلىپ، بىزنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويىشىڭىز كېرەك.
   2. بالىنى يەسلىگە ئېلىپ كەلگەندە، ئۇنىڭغا بەك قىممەت باھالىق ياخشى كىيىملەرنى كېيگۈزمەڭ؛ بولمىغاندا، ئەگەر ئۇلار ئېھتىياتسىزلىقتىن كىيىملىرىگە رەڭ تۆكۈپ بەرسە(بۇ خىل ئەھۋالنىڭ يۈز بىرىش نىسبىتى %99.9بولىدۇ)، ئۇلاردا ئوڭۇشسىزلىق تۇيغۇسى شەكىللىنىپ قالىدۇ.
   3. كىچىك بالىلار ئادەتتە، ئۆزىنىڭ ئويۇنچۇقلىرىنى باشقىلار بىلەن ھەمبەھىرلىنىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، كىچىك دوستلارنىڭ ئورتاق ئوينىشى ئۈچۈن، يەسلى ئاللىبۇرۇنلا بىر تۈركۈم ئويۇنچۇقلارنى تەييار قىلىپ قويغان.
   4. ئەگەر سىزنىڭ بالىڭىزنىڭ زاكىسى ئىشلىتىلىپ بولسا، بىز باشقا بالىلارنىڭكىنى ئۆتنە ئېلىپ ئىشلىتىپ تۇرساق، بۇ ئادىل بولمايدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، پەقەت ئۆزى ئېلىپ كەلگىنىلا، ئاندىن ئۇلارنىڭ رازمىرىغا ماس كېلىدۇ.
   5. بالىڭىز يەسلىگە بىللە ئېلىپ كىلىدىغان نەرسىلەرگە، بالىنىڭ ئىسمىنى يېزىپ ئەسكەرتىپ قويۇڭ؛ بەزىدە، بىز ھەممە بالىلارنىڭ نەرسىلىرىنى ئېنىق ئايرىپ بولالمايمىز.
   6. بالىڭىزنى يەسلىگە ئەكىلىپ قويغاندىن كېيىن، ئۇلار بىلەن كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ خوشلىشىڭ. بالىڭىزنى بىر كۈن كۆرەلمەيدىغانلىقىڭىزنى ئويلىغاندا، كۆڭلىڭىز چوقۇم بىئارام بولىدۇ، ئەمما بۇلارنى بالىڭىزغا بىلدۈرمەڭ. چۈنكى، ئەگەر سىز بالىنى ئەكىلىپ قويۇپ قايتىدىغان ۋاقىتتا كۆڭلىڭىزنىڭ يېرىم بولغانلىقىنى سىرتقا ئىپادىلەپ چىقارسىڭىز، بالىلار كۆڭلى تېخىمۇ بەكرەك يېرىم بولۇپ، سىزدىن ئايرىلىشنى خالىماي قالىدۇ.
   7. بالىلارنىڭ ھەمىشە خۇشال-خۇرام، كەيپىياتى ياخشى ھالەتتە تۇرىۋەرمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يىتىشىڭىز كېرەك. بالىڭىز ئۆيدىكى ۋاقىتتىمۇ كەيپىياتى ناچار بولۇپ قالىدىغان ۋاقىتلىرى بار بولغان ئىكەن، ئۇنداقتا يەسلىدىمۇ ئوخشاش بولىدۇ. بىراق، يەسلىدىكى كۆپ قىسىم ۋاقىتتا بالىنىڭ كەيپىياتى ناھايىتى خۇشال بولغان ئىكەن، ئۇنداقتا ئۇنىڭ بەزىبىر ۋاقىتلاردا خاپا بولۇپ قېلىشىغا قارىتا بەك سەزگۈر بولۇپ كەتمەڭ.
   8. ئىمكان قەدەر ۋاقىتقا رىئايە قىلىڭ. ئەگەر سائەت بەشتە ئىشتىن چۈشىدىغان بولساق، بالىنى ئالغىلى سائەت ئالتە بولغاندا، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كىيىن كىلىشتىن ئىمكان قەدەر ساقلىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز؛ چۈنكى، بىزمۇ ئۆيىمىزگە ۋاقتىدا قايتىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىمىز.
   9. بىز سىزگە قالدۇرغان باغاقچىنى ياكى قالدۇرغان سۆزلىرىمىزنى ئىمكان بار ۋاقتىدا كۆرۈڭ؛ بۇنىڭدا ئادەتتە مۇھىم ئۇچۇرلار بار. مەسىلەن، يەسلى، يېغىن ئېچىش ياكى بالىلارنى ساياھەتكە ئېلىپ چىقىشنى پىلانلىغان بولسا، ئەڭ ياخشىسى ئالدىنئالا تەييارلىق كۆرۈپ قويىشىڭىز لازىم بولىدۇ.
   10. ئۆيىڭىزدە، يەسلىنىڭ تەلىپى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاڭ. ئەگەر سىز ئۆيدە، بالىلارنىڭ ئويۇنچۇقلىرىنى قالايمىقان تاشلاپ قويۇشىغا رۇخسەت قىلسىڭىز، بىز يەسلىدە بۇنداق قىلىشقا يول قويمىساق، بالىلار نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالىدۇ.

بوۋاقلارنىڭ دۈم يېتىشىنىڭ قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟

دۈم ياتقان ۋاقىتتا، بوۋاقلار ئۆزىنى تىرەپ كۆتۈرۈگەندە، ئاندىن ئانىسىنى ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتنى كۆرەلەيدۇ؛ بۇ جەرياندا، بوۋاقنىڭ باش قىس

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

تۇغۇت ئالدىدىكى تولغاقنىڭ بالىغا بولغان پايدىسى

ماتىرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر دۇنيادىكى ئاغرىقنى 12دەرىجىگە بۆلسەك، ئۇنداقتا ھامىلدار ئايالنىڭ تۇغۇت ئالدىدىكى تولغان ئاغرىقى ئە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号