ھامىيلىنىڭ قورسىقى ئېچىپ قالسا بۇ ئىككى خىل سىگنال تارقىتىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5813:قېتىم كورۇلدى
   ھامىيلە ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىدا، نۇرغۇنلىغان ئۇزۇقلۇق ماددىلارغا مۇھتاج بولىدۇ، شۇڭا ھامىلدار ئاياللار، ھامىيلە ئۈچۈن ھەرۋاقىت ھەر تۈرلۈك ئۇزۇقلۇقلارنى تەمىنلەپ تۇرۇشى كېرەك؛ بۇنىڭدا، ھامىيلە ئاندىن تېخىمۇ ساغلام ئۆسۈپ-يېتەلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاياللارنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى يېمەك-ئىچمىكى ئىنتايىن مۇھىم. بىراق، بەزى ھامىلدار ئاياللار تەجىربىسى كەمچىل بولغانلىق سەۋەبىدىن، بىر قىسىم ئىنچىكە ھالقىلارغا يىتەرلىك ئەھمىيەت بىرىپ بولالمايدۇ ۋە ھامىلدارلىقتىكى نۇرغۇن مەسىلىلەرنى قانداق بىتەرەپ قىلىشنى بىلمەيدۇ.
   ئەگەر، ھامىلدار ئايالدا تۆۋەندىكى ئىككى خىل ئەھۋال كۆرۈلسە، بۇ بەلكىم، ھامىيلىنىڭ قورسىقىنىڭ ئېچىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن!
ھامىيلە مىدىرلاش قاتتىق بولسا
   ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىغا تۆت ئايلىق بولغاندىن كىيىن، ھامىيلە مىدىرلاش ھادىسىسى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدىكى ھامىيلە مىدىرلاش، ئاساسلىقى ھامىيلىنىڭ قوساقتا ئۇيان-بۇيان ئۆرۈلىشىنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن بىز دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر ئەھۋال بار، ئۇ بولسىمۇ، ئەگەر ھامىيلىنىڭ قورسىقى ئېچىپ ئىنىرگىيە تولۇقلاشقا ئىھتىياجلىق بولغان بولسا، ئۇلار پۇت-قوللىرىنى پولاڭلىتىپ تېپىچەكلەپ مىدىرلايدۇ. شۇڭلاشقا، ھامىلدار ئاياللار بۇ ئىككى خىل مىدىرلاش ھالىتىنى پەرقلەندۈرۈشنى بىلىشى ھەمدە ھامىيلىنىڭ پۇت-قوللىرىنى پولاڭلىتىپ مىدىرلىغانلىقىنى بايقىغاندا، ۋاقىتدا ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلاشقا دىققەت قىلىشى لازىم.
ھامىلدار ئايالدا قوساق ئېچىش تۇيغۇسى پەيدا بولسا
   ئەگەر ھامىلدار ئايالمۇ قوسىقى ئېچىپ كەتكەندەك ھىس قىلسا، بۇ ۋاقىتتا، ھامىيلىمۇ تەبىئىيلا ئۇزۇقلۇققا ئىھتىياجلىق بولغان بولىدۇ؛ چۈنكى، ھامىيلىگە كېتەرلىك ئۇزۇقلۇق، پۈتۈنلەي ئانىدىن كېلىدۇ. شۇڭا ئانىنىڭ قورسىقى ئاچسا، قوساقتىكى بالىنىڭمۇ قورسىقىنىڭ ئاچقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ. ئايال كىشى ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، سەمىرىپ كىتىشتىن كۆپ ئەنسىرەپ كەتمەي، ۋاقتىدا ھەم يىتەرلىك دەرىجىدە ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلاشقا ئەھمىيەت بىرىشى كېرەك.

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

تۇغۇت ئالدىدىكى تولغاقنىڭ بالىغا بولغان پايدىسى

ماتىرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر دۇنيادىكى ئاغرىقنى 12دەرىجىگە بۆلسەك، ئۇنداقتا ھامىلدار ئايالنىڭ تۇغۇت ئالدىدىكى تولغان ئاغرىقى ئە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بۇ تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىڭ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايال تۆۋەندىكى تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىشى كىرەك، بولمىغاندا، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر ي

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号