قانداق قىلغاندا ئانا سۈتىنڭ مىقدارىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 10128:قېتىم كورۇلدى
   بالا ئىمىتىدىغان ئاياللارنىڭ سۈت چىقىش مىقدارىنى ئاشۇرۇشتا، خەلق ئارىسىدا نۇرغۇنلىغان خاتا ئۇسۇللار بار بولۇپ، ئەگەر تۇغۇتتىن كىيىن ئانا سۈتىنىڭ چىقىشىنى توغرا ئۇسۇلدا ئىلگىرى سۈرىمىسەك، ئەكسىچە، دەسلەپكى مەزگىلدىكى سۈتنىڭ زىيادە قۇيۇق بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، سۈت چىقىش راۋان بولماسلىق كېلىپ چىقىدۇ. بۇ سەۋەبلىك، بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، يىڭى تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئانا سۈتىنى ئاشۇرىدىغان ئىلمىي ئۇسۇللارنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
يېمەك-ئىچمەككە ۋە دەم ئېلىشقا دىققەت قىلىش
   تۇغۇتلۇق ئايال ھەر ۋاقىت خۇشال روھى ھالەتنى ساقلاپ، بالىسىنى ئانا سۈتىدە بېقىشقا ئىشەنچى بار بولۇشى، بولۇپمۇ ئارام ئېلىشقا دىققەت قىلىپ، ئۇيقۇ ۋە دەم ئېلىش ۋاقتىنىڭ يىتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم؛ ئەڭ ياخشىسى بوۋاق بىلەن ماس قەدەملىك ئارام ئېلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئارام ئېلىشقا دەخلى يىتىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. باشقا ئائىلە ئەزالىرىمۇ بالا ئىمىتىدىغان ئايالنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىپ، روھى جەھەتتىن كۆپرەك رىغبەتلەندۈرۈش بىرىشى ۋە ئۆي ئىشلىرىنى ئۆزلىكىدىن كۆپرەك ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
بالا ئىمىتىش جەريانىدىكى نامۇۋاپىق ھادىسىلەرنى ئۆزگەرتىش
   ئانا سۈتىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىدىكى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان سەۋەب، بوۋاقنىڭ ئىمىپ شوراش ۋاقتىنىڭ يىتەرلىك بولماسلىقىدا؛ شۇڭلاشقا، ئانا، بوۋاقنىڭ ئىمىش ۋاقتىنىڭ يىتەرلىك بولىشىغا دىققەت قىلىشى كېرەك. بولۇپمۇ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا نىسبەتەن، ھەركۈنلۈك ئىمىتىش ۋاقتى 8سائەتكە يىتىپ قېلىشى مۇمكىن؛ 2-1ئايلىق بولغان بوۋاقلارغا نىسبەتەن، ھەركۈنى 10-8قېتىم ئىمىتىش لازىم بولىدۇ؛ 3ئايلىق بولغان بوۋاقلارغا نىسبەتەن، 24سائەتلىك ئىچىدىكى ئىمىتىش قېتىم سانى، ئاز دېگەندىمۇ 8قېتىم بولۇشى كېرەك.
ئانا سۈتىنىڭ يىتىشمەي قېلىشىدىكى باشقا سەۋەبلەرنى ئىزدەش
   مەسىلەن، ئانا ياكى بوۋاق كېسەل بولۇپ قالدىمۇ يوق، ئانىنىڭ ئەمچەك توپچىسىدا بىنورماللىق كۆرۈلدىمۇ يوق، ئىمىتىش ماھارىتىنى پىششىق ئىگىلىگەنمۇ يوق دېگەنلەرگە ئوخشاش؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە، بالا ئىمىتىۋاتقان ئاياللار، ئاغرىق توختىتىش دورىسى ۋە تىنچلاندۇرۇش دورىسى ئىشلىتىشتىن ئىمكان قەدەر ساقلىنىشى كېرەك. بالا ئىمىتىش مەزگىلىدە، ئاياللىق ھورمۇنى، تۇغۇت ھورمۇنى تىپىدىكى ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، بولمىغاندا، ئانىنىڭ تېنىدە سۈت ئاجرىلىپ چىقىشنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدۇ.
ئىلمىي ئۇسۇلدا ۋاقتىدا ئۇزۇقلۇق تولۇقلاش
   بالا ئىمىتىش مەزگىلىدە تاماق تاللاشقا بولمايدۇ. تۇغۇتتىن كىيىنكى بىر ھەپتە ئىچىدە، تۆۋەن ئاقسىللىق ۋە تۆۋەن ماي تەركىبلىك سۇيۇق تاماقلارنى ئاساس قىلىش كېرەك. بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، مۇۋاپىق تۈردە ئۇزۇقلۇقنى كۆپەيتىپ، ئۆزىنىڭ تەم خاھىشى ۋە بۇرۇنقى ئادىتىگە ئاساسەن، بېلىق، شورپا قاتارلىق سۈت كەلتۈرىدىغان تائاملارنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بەرسەك بولىدۇ. بۇندىن باشقا يەنە، سېرىق پۇرچاق، ياڭاق مېغىزى، كۈنجۈت، ئاغىچا(丝瓜) قاتارلىق يېمەكلىكلەرنىمۇ مۇۋاپىق تۈردە كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بەرسەك بولىدۇ.
ئىمىتىش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلىش
   ئىمىتكەندە، ئىككى ئەمچەكنى ئالماشتۇرۇپ نۆۋەت بويىچە ئىمىتىش كېرەك؛ بولمىغاندا، كەلگۈسىدە ئىككى تەرەپنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىدە پەرق شەكىللىنىپ، گۈزەللىككە تەسىر يىتىدۇ. ئەگەر ئانا بىلەن بوۋاق ئىچىدىكى بىر تەرەپ كېسەل بولۇپ قېلىپ ئىمىتىشكە ئامال بولمىغاندا، ئەمچەككە يېغىلغان سۈتنى چوقۇم ۋاقتىدا سېغىپ چىقىرۋىتىش كېرەك، ئادەتتە كۈندە 8-6قېتىم سىقىپ چىقىرۋەتمەك لازىم. پەقەت ئەمچەكتە يېغىلىپ قالغان سۈتنى سېغىپ چىقىرۋەتكەندىلا، كىيىن ئاندىن نورمال ھالدا سۈت ئاجرىتىپ چىقىرىشقا بولىدۇ.

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

تۇغۇت ئالدىدىكى تولغاقنىڭ بالىغا بولغان پايدىسى

ماتىرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر دۇنيادىكى ئاغرىقنى 12دەرىجىگە بۆلسەك، ئۇنداقتا ھامىلدار ئايالنىڭ تۇغۇت ئالدىدىكى تولغان ئاغرىقى ئە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بۇ تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىڭ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايال تۆۋەندىكى تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىشى كىرەك، بولمىغاندا، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر ي

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号