ھامىلدارلىقتىكى بۇۋاسىردىن قۇتۇلۇش ئۇسۇللىرى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 9604:قېتىم كورۇلدى
   ئايال كىشى ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھامىيلىنى ئاسراپ كۈتۈنۈش لازىم ئىكەنلىكىنى ھەممەيلەن بېلىدۇ، بىراق ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى بۇۋاسىرنى قانداق ياخشىلاش كېرەكلىكىنى ھەممەيلەننىڭ بىلىپ كېتىشى ناتايىن.
   سىتاستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، %70 ھامىلدار ئايال ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى بۇۋاسىرنىڭ ئازابىغا ئۇچرايدىغان بولۇپ، پەقەت ئېغىر-يېنىكلىك دەرىجىسى ئوخشاش بولمايدىكەن. ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى بۇۋاسىرغا سەل قاراشقا بولمايدۇ، ئۇنداقتا، ھامىلدارلىقتىكى بۇۋاسىردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟
   1. ھەركۈنى قەررەللىك تۈردە چوڭ تەرەت قىلىش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش. چوڭ تەرەت قىستىغان ۋاقىتتا ۋاقتىدا ھاجەتكە ئولتۇرۇش، ئۇزۇن كەينىگە سوزماسلىق؛ ھاجەتكە ئولتۇرغان ۋاقىتتا كۈچىمەسلىك كېرەك؛ بولمىغاندا، مەقئەت ئەتراپى ۋە قوساق قىسىمغا بولغان بېسىم ئېشىپ كىتىپ، بۇۋاسىر ئېغىرلاپ كېتىدۇ. بۇندىن باشقا، ھاجەتكە ئولتۇرغان ۋاقىتتا دىققەتنى يېغىپ ئولتۇرۇش، يانفون ئوينىماسلىق ياكى گىزىت-ژورنال كۆرمەسلىك لازىم؛ ئەگەر بەش مىنۇت ئىچىدە چوڭ تەرەت يۈرۈشمىسە، ئۇزۇن ئولتۇرۋالماي، ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن قايتا ھاجەتكە ئولتۇرساق بولىدۇ.
   2. ئۇزۇن ۋاقىت ئۆرە تۇرۋالماسلىق ياكى ئولتۇرۋالماسلىق. ئەگەر خىزمەتچى ھامىلدار ئايال بولسا، ئۇنداقتا ھەر 60-40مىنۇتتا بىر قېتىم ئورنىدىن تۇرۇپ ھەرىكەتلىنىپ بىرىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
   3. ئۇخلاش ھالىتى جەھەتتە، ئىمكان بار سول يېنىنى بېسىپ يېتىپ ئۇخلاش كېرەك. بۇ خىل ئۇخلاش ھالىتى، تۈز ئۈچەي ۋىنرا قان تومۇرلىرى ئۇچرىغان بېسىمنى يەڭگىللىتىپ، بەدەننىڭ ئاستى قىسىمدىكى قان سۇيۇقلۇقلىرىنىڭ نورمال ھالەتتە يۈرەككە قايتىشىغا پايدىلىق بولىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق بۇۋاسىر كېلىپ  چىقىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ھەمدە بالىياتقۇ ۋە ھامىيلە ھەمرىيىگە ئېقىپ كىرگەن قان مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، ھامىيلىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە پايدىلىق بولىدۇ. ئەلۋەتتە، ئۇخلىغان ۋاقىتتا بىر خىل ھالەتتە يېتىپ ئۇخلايمەن دېگىلى بولمايدۇ؛ ئادەتتە ئوڭ-سول يېنىمىزنى ئالماشتۇرۇپ يېتىش، ئىمكان قەدەر سول يېنىمىزنى كۆپرەك بېسىپ يېتىشىمىز لازىم.
   4. سۇ تەركىبىنىڭ يىتەرلىك بولۇشىغىمۇ كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇسسىغاندا ئاندى سۇ ئىچىمەن دىمەي، ئادەتتە ئاز مىقداردا كۆپ قېتىم سۇ ئىچىپ بىرىش ئادىتى يىتىلدۈرۈش كېرەك.
   5. تازىلىققا دىققەت قىلىش. ئادەتتە بۇۋاسىر بولۇپ قالغان كىشىلەر، مەقئەت ئەتراپىدا ئاجرالما ماددىلار بىرقەدەر كۆپ بولىدۇ ھەمدە ئاسانلا مەقئەت ئەتراپى تەمرەتكىسى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭلاشقا، ئادەتتە تازىلىققا دىققەت قىلىپ، كۆپرەك يۇيۇپ تازىلاپ تۇرۇش كېرەك.
   6. مۇتەئەسسىپ داۋالاش ئالدىنقى تاللاش. ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى بۇۋاسىر، تۇغۇتتىن كىيىن قوساق ئىچى بېسىمى تۆۋەنلەپ، ۋىنرا قان تومۇردىكى قان ئايلىنىش توسالغۇسى يوقالغان ۋە بەدەندىكى ھورمۇن سەۋيىسى ئەسلىگە كەلگەندىن كىيىن، ئادەتتە  4-3ئاي ئىچىدە ئۆزلىكىدىن ياخشىلىنىپ كېتىدۇ. شۇڭلاشقا، ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى بۇۋاسىرنى داۋالاشتا، ئالدىنقى تاللاش مۇتەئەسسىپ داۋالاشتۇر، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈنۈمىمۇ ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ.

بوۋاقلارنىڭ دۈم يېتىشىنىڭ قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟

دۈم ياتقان ۋاقىتتا، بوۋاقلار ئۆزىنى تىرەپ كۆتۈرۈگەندە، ئاندىن ئانىسىنى ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتنى كۆرەلەيدۇ؛ بۇ جەرياندا، بوۋاقنىڭ باش قىس

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

تۇغۇت ئالدىدىكى تولغاقنىڭ بالىغا بولغان پايدىسى

ماتىرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر دۇنيادىكى ئاغرىقنى 12دەرىجىگە بۆلسەك، ئۇنداقتا ھامىلدار ئايالنىڭ تۇغۇت ئالدىدىكى تولغان ئاغرىقى ئە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号