بالىڭىزنى بۇ "خەتەرلىك يېمەكلىكلەر"دىن يىراق قىلىڭ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 8651:قېتىم كورۇلدى
   ئەنخۇي ئۆلكىلىك بالىلار كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلىمىنىڭ مۇدىرى، جۇڭخۇا تىبابەت ئىلمىي جەمئىيىتى ئېغىر دەرىجىدىكى بالىلار كېسەللىكى دوختۇرلىرى تارماق جەمئىيىتى جاراھەتلىنىشنى تىز قۇتقۇزۇش ۋە ئېغىر دەرىجىدىكى تاشقى كېسەللەر كومتېتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى شۈ ۋېيخۇا دوختۇرنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، قورامىغا يەتكەن كىشىلەر ھېيت-بايرام كۈنلىرىدە ئېغىز خۇمارىنى چىقىرىدىغان ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى، كىچىك بالىلارغا يىگۈزۈشكە قەتئى بولمايدىكەن؛ مەسىلەن، ئىسپىرت تەركىبى بار بولغان يېمەكلىكلەر. ئۇنىڭ دىيىشىچە، بالىلارنىڭ جىگەر ۋە بۆرەك ئىقتىدارى ئىنتايىن ئاجىز بولۇپ، ئىسپىرتنى پارچىلىيالمايدىكەن، شۇڭا ناھايىتى ئاز مىقداردا بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ نىرۋا سېستىمىسىنى زىيانغا ئۇچرىتىدىكەن. يېقىنقى يىللاردىن بويان، چوڭلار كىچىك بالىنى ئەركىلىتىپ، ئۇلارنىڭ ئېغىزىغا ھاراق تېمىتىش سەۋەبلىك بالىنىڭ دەلدۈش بولۇپ قېلىشىنى، ھەتتا ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مىساللار ئاز ئەمەس؛ بەزى دوختۇرخانىلاردا، يەنە تېخى ئىسپىرت تەملىك شاكلاتنى ئۇقۇشماي يەپ سالغان بالىلارنى جىددىي قۇتقۇزغان ئەھۋاللار كۆرۈلگەن.
   ئىسپىرتتىن باشقا، ئادەتتە خەتەر كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەردىن، گازىر، خاسىڭ قاتارلىق قاتتىق پوستلۇق يېمەكلىكلەر ۋە گودوڭ قاتارلىقلار بار. بۇ خىلدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ بالىلارغا خەۋپ ئېلىپ كىلىشىدىكى سەۋەب، كىچىك بالىلارنىڭ چايناپ يۇتۇش ئىقتىدارى تېخى تولۇق يېتىلىپ بولالمىغاچقا، يۇقىرىدا ئېيتىلغان يېمەكلىكلەر ئاسانلا نەپەسلىنىش يولىغا كىرىپ كىتىپ، بالىنىڭ نەپەسلىنەلمەي قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
   بۇلاردىن باشقا، كىچىك بالىلارنىڭ بەدەن ساپاسى، ئۇلارنىڭ خام يىمەكلىك، پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مۇراببا ۋە ھەسەل قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى يىيىشكە ماس كەلمەسلىكىنى بەلگىلەيدۇ. چۈنكى، خام يېمەكلىكلەر تەركىبىدە باكتىرىيە، پارازىنت قۇرت قاتارلىقلار بار بولۇپ، بالىلارنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى نىسبەتەن ئاجىز بولغاچقا، ئاسانلا يۇقۇملىنىش پەيدا بولىدۇ؛ ھەسەل تەركىبىدە بولسا، بوتۇلىزىم تاياقچە باكتىرىيەسى سىپورىسى ۋە ئاياللىق ھورمۇنى بار؛ پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مۇراببا تەركىبىدە بولسا، رەڭ ماددىسى، ئىپار قاتارلىقلار بار بولۇپ، كىچىك بالىلارنىڭ مىتابولىزىم ئىقتىدارى نىسبەتەن ئاجىز بولغاچقا، بۇ ماددىلار ئۇلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىغا زىيانلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ.
   شۈ ۋېيخۇا دوختۇرنىڭ بىلدۈرىشىچە، بالىلار يەنە گازلىق ئىچىملىكلەرنى كۆپ ئىچىۋالسىمۇ بولمايدىكەن. يېقىنقى يىللاردىن بويان بالىلار دىئابىت كېسەللىكى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، گازلىق ئىچىملىكلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا يۇقىرى قەنت ۋە يۇقىرى ئىنىرگىيە تەركىبلىك بولۇشتۇر. بۇنداق ئەھۋالدا، ئەگەر بالىلار گازلىق ئىچىملىكنى كۆپ ئىچسە، ئۇلاردا ئاسانلا دىئابىت كېسىلى جىددىي قوزغىلىش، جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

تۇغۇت ئالدىدىكى تولغاقنىڭ بالىغا بولغان پايدىسى

ماتىرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر دۇنيادىكى ئاغرىقنى 12دەرىجىگە بۆلسەك، ئۇنداقتا ھامىلدار ئايالنىڭ تۇغۇت ئالدىدىكى تولغان ئاغرىقى ئە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بۇ تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىڭ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايال تۆۋەندىكى تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىشى كىرەك، بولمىغاندا، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر ي

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号