ھامىلدار ئايال يىغلىسا، قورساقتىكى بالىمۇ ئەگىشىپ بىللە يىغلامدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 8732:قېتىم كورۇلدى
   ھامىلدار ئايالنىڭ روھى كەيپىياتىنىڭ، ھامىيلىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ھەممەيلەن بىلىدۇ. ئەگەر ھامىلدار ئايال ئازابلىنىپ يىغلىسا، كەيپىياتىدا ئۆزگىرىش كۆرۈلگەنلىك سەۋەبىدىن، ھامىلدار ئايالنىڭ بەدىنىدىكى قان ئايلىنىش سۈرئىتىمۇ تىزلىشىپ كېتىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ ئەھۋال ئەينە قان تومۇرلىرىنىڭ كېڭىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، ھامىيلە، ھامىيلە ھەمرىيى ۋە كىندىن بېغى ئارقىلىق، ھامىلدار ئايالدىكى بۇ ئۆزگىرىشلەرنى سىزىپ يىتەلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەگەر ھامىلدار ئايال ئازابلىنىپ يىغلىسا، قورساقتىكى بالىمۇ تەڭ ئازابلىنىپ كۆڭلى يېرىم بولىدۇ؛ ئۇلار دەرىجىسى قاتتىق بولغان مىدىرلاش ھەرىكىتى ئارقىلىق، ئانىسىغا ئازابلانماسلىقنى، ئۆزىنى خۇشال تۇتۇشنى ئېيتىدۇ.
   ئۇنداقتا، ھامىلدار ئايالنىڭ يىغلىشى، ھامىيلىگە قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كىلىدۇ؟ بىز ئادەتتە كۆڭلىمىز يېرىم بولۇپ ئازابلانغان ۋاقىتتا، ئىشتىھايىمىز تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، بەزىدە ھەتتا ئازراقمۇ نەرسە يىگۈمىز كەلمەيدۇ. ئەگەر ھامىلدار ئاياللاردىمۇ بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلۈپ قالسا، تاماق يىمىگەچكە يىتەرلىك تۈردە ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلىيالمايدۇ؛ بۇنىڭدا ھامىيلىمۇ يىتەرلىك ئۇزۇقلۇققا ئىرىشەلمىگەچكە، تەبىئىيلا ئۇلارنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇندىن باشقا، ھامىلدار ئايال يىغلىغان ۋاقىتتا، يۈرەك سوقۇش تىزلىشىش، قان ئايلىنىش تىزلىشىش، قان بېسىمى يۇقىرى ئۆرلەش قاتارلىق ئەھۋاللار بىللە ئەگىشىپ كېلىدىغان بولغاچقا، بۇ سەۋەبلىك ھامىلدار ئايالنىڭ ھامىيلە ھەمرىيىنى قان بىلەن تەمىنلەش مىقدارىغا تەسىر يىتىپ، ھامىيلىدە ئاسانلا ئوكسىگىن يېتىشمەسلىك ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ھامىيلىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگە بىۋاستە تەسىر يىتىدۇ.
   ھامىلدار ئايال يىغلىغۇسى كېلىپ قالغان قانداق قېلىش كېرەك؟
دىققىتىنى بۇراش
   مەلۇم بىرەر ئىش سەۋەبىدىن كۆڭلى يېرىم بولغان بولسا، ئىمكان بار ئۇ ئىشنى قايتا ئويلىماسلىق كېرەك؛ بۇ ۋاقىتتا، باشقا بىر خۇشاللىنارلىق ئىشلارنى ئويلىساق، ياكى تېلىۋېزور كۆرۈپ، ئۆزىمىز ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلساق بولىدۇ. بۇنىڭدا دىققىتىمىز چېچىلىپ، كۆڭۈلنى يېرىم قىلىدىغان ئىشلارنى ئاسانلا ئۇنتۇپ قالىمىز، كەيپىياتىمىزمۇ تىزلا ياخشىلىنىپ كېتىدۇ.
باشقىلارغا دەرت تۆكۈش
   كۆڭلىمىزنى بىئارام قىلىدىغان ياكى ئاچچىقىمىزنى كەلتۈرىدىغان ئىشلار بار بولسا، باشقىلارغا دەرت ئېيتىپ بەرسەك بولىدۇ؛ ئىچىمىزدىكىنىڭ ھەممىنى چىقىرۋەتسەك، كەيپىياتىمىز كۆپ ياخشىلىنىپ كېتىدۇ. ھامىلدار ئاياللار بۇنىڭدا، يېقىن دوستلىرىغا ياكى ئىشىنىدىغان ئادىمىگە دەت تۆكۈپ قورسىقىنى بوشىتىۋالسا بولىدۇ؛ قورسىقى بوشىغاندىن كىيىن يىنىكلەپ قالىدۇ ھەمدە باشقىلارنىڭ تەسەللى بىرىشىدىن ئىللىقلىق ھېس قىلىپ، كەيپىياتى تېخىمۇ تىز ياخشىلىنىدۇ.

بوۋاقلارنىڭ دۈم يېتىشىنىڭ قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟

دۈم ياتقان ۋاقىتتا، بوۋاقلار ئۆزىنى تىرەپ كۆتۈرۈگەندە، ئاندىن ئانىسىنى ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتنى كۆرەلەيدۇ؛ بۇ جەرياندا، بوۋاقنىڭ باش قىس

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

تۇغۇت ئالدىدىكى تولغاقنىڭ بالىغا بولغان پايدىسى

ماتىرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر دۇنيادىكى ئاغرىقنى 12دەرىجىگە بۆلسەك، ئۇنداقتا ھامىلدار ئايالنىڭ تۇغۇت ئالدىدىكى تولغان ئاغرىقى ئە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号