بالىلاردىكى كالتسىي كەمچىللىكنىڭ ئالامەتلىرى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 11748:قېتىم كورۇلدى
   بالىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشى، ئۇزۇقلۇقنىڭ يېتەرلىك بولۇش بولماسلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، كالتسىي كەمچىللىكنىڭ بالىلارنىڭ يېتىلىشىگە ئېلىپ كىلىدىغان زىيىنى ئىنتايىن خەتەرلىك بولىدۇ. بالىدا كالتسىي كەمچىل بولسا، دوختۇرلار ياكى تەجىربىسى بار ئاتا-ئانىلار ئاسانلا بېلىۋالىدۇ؛ لېكىن بىر قىسىم يېڭىدىن ئانا بولغۇچىلارغا نىسبەتەن، كالتسىي كەمچىل بولۇشتا كۆرىلىدىغان ئالامەتلەرنى چۈشىنىپ كېتەلىشى ناتايىن. ئەمەلىيەتتە، ئەگەر بالىلاردا كالتسىي كەمچىل بولسا، تۆۋەندىكىدەك كۆرۈنەرلىك ئۈچ خىل "سىگنال" كۆرىلىدۇ.
ئۇخلىغاندا تەرلەپ كىتىش
   ئادەتتە ئۇخلىغان ۋاقىتتا، بەزىدە بالىلاردىن تەر چىقىدۇ؛ بولۇپمۇ ھاۋا ئىسسىق كۈنلەردە، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بۇنى نورمال ئەھۋال دەپ قاراپ، نەزەردىن ساقىت قىلىپ قويىدۇ. ئەگەر بالىڭىز ھەمىشە تەرلىسە، ھەتتا سۇغۇق قىش كۈنلىرىدىمۇ تەرلەپ كەتسە، ئۇنداقتا بۇ ئەھۋالغا دىققەت قىلىش كېرەك. چۈنكى، بالىلارنىڭ بەدىنىدە كالتسىي كەمچىل بولغان ئەھۋالدىمۇ، ئۇلاردا ئۇخلىسا تەرلەپ، ئويغانسا تەرلەش توختايدىغان ئەھۋال كۆرىلىدۇ. ئەگەر بالىلاردا كالتسىي كەمچىل بولغانلىقى جەزىملەشتۈرۈلسە، ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ يېمەكلىكلىرىنى مۇۋاپىق تۈردە تەڭشەپ، بالىلارنىڭ كالتسىي قوبۇل قىلىش مىقدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك؛ بۇندىن باشقا يەنە، بالىنى مۇۋاپىق تۈردە ئاپتاپقا قاقلاپ بەرمەك لازىم.
تاماق تاللاش
   بالىدا كالتسىي ماددىسى كەمچىل بولغاندا، ئۇلاردا يەنە ئىشتىھا تۇتۇلۇش، روھى كەيپىياتى چۈشكۈن بولۇش، تارتىشىپ قېلىش، ئەتراپتىكى مۇھىتقا قىزىقماسلىق، ئەقلى ئىقتىدارى ۋە ئىممونت كۈچى تۆۋەنلەپ كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ. ئەگەر بالىڭىزنىڭ تاماق تاللايدىغان، ھەتتا تاماق يىگۈسى كەلمەيدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى بايقىسىڭىز، ئۇنداقتا بەلكىم، بالىنىڭ بەدىنىدە كالتسىي كەمچىل بولغان بولۇشى مۇمكىن.
بوۋاقنىڭ چىشى كىيىن چىقسا
   بوۋاقنىڭ چىش چىقىش ۋاقتى، ئىرسىيەت قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان بولۇپ، ئازراق كىيىن قالسا ياكى بالدۇر چىقىپ قالسا، بۇنىڭدىن بەك ئەنسىرەپ كىتىش كەتمەيدۇ. ئادەتتە، بوۋاق 6ئايلىق بولغان ۋاقىتتا سۈت چىشى چىقىشقا باشلايدۇ؛ ئەمما بوۋاق 13ئايلىق بولغاندىن كىيىن ئاندىن چىش چىقسا، ئۇنداقتا چىش چىقىش كىيىن قالغان ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر بالا چىش چىقىش مەزگىلىدىن ئۆتۈپ كەتكەندىن كىيىنمۇ چىشى چىقمىسا ياكى چىشىنىڭ ئۆسۈشى باشقا ئوخشاش ياش مەزگىلىدىكى بالىلارغا قارىغاندا ئاستا بولسا، بۇ ۋاقىتتا ئېھتىيات قىلماي بولمايدۇ؛ چۈنكى بالىدا كالتسىي ماددىسى كەمچىل بولغانلىق سەۋەبىدىن، ئۇلارنىڭ چىشى كىچىكىپ چىققان ياكى ئۆسۈشى ئاستا بولۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.
 

بوۋاقلارنىڭ دۈم يېتىشىنىڭ قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟

دۈم ياتقان ۋاقىتتا، بوۋاقلار ئۆزىنى تىرەپ كۆتۈرۈگەندە، ئاندىن ئانىسىنى ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتنى كۆرەلەيدۇ؛ بۇ جەرياندا، بوۋاقنىڭ باش قىس

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

تۇغۇت ئالدىدىكى تولغاقنىڭ بالىغا بولغان پايدىسى

ماتىرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر دۇنيادىكى ئاغرىقنى 12دەرىجىگە بۆلسەك، ئۇنداقتا ھامىلدار ئايالنىڭ تۇغۇت ئالدىدىكى تولغان ئاغرىقى ئە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号