بۇ خىلدىكى دادىلارنىڭ بالىسىغا بولغان يامان تەسىرى ئىنتايىن چوڭ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 10663:قېتىم كورۇلدى
   دادا، بالىنىڭ قوغلىشىدىغان نىشان ئۈلگىسى؛ شۇڭلاشقا، دادا، بالىىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىدە چوڭ رول ئوينايدۇ. تۆۋەندىكىدەك بۇ نەچچە خىلدىكى دادىلارنىڭ، بالىسىغا بولغان يامان تەسىرى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ.
يانفون ئويناشقا ئامراق دادىلار
   ھەرقانداق ۋاقىت ھەرقانداق جايدا يانفون ئويناشقا ئامراق بولۇپ، بالىسىنىڭ ئورۇنلۇق تەلەپلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىدۇ ھەمدە ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ ئۇلارغا ھەمرا بولۇشنى خالىمايدۇ؛ ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، ئوتتۇرلۇقتىكى مىھرى-مۇھەببەت سۇسلىشىپ قالىدۇ.
ئائىلە پائالىيىتىدە دائىم كەم قالىدىغان دادىلار
   بوش ۋاقىتلىرىمىزدىن پايدىلىنىپ، ھەر خىل ئائىلىۋى پائالىيەتلەرگە كۆپرەك قاتنىشىپ بەرسەك، دادا-بالا ئوتتۇرسىدىكى مىھىرنى كۈچەيتكىلى بولۇپلا قالماستىن، بالىلارغىمۇ ياخشى ھەمرا بولغىلى بولىدۇ. شۇڭا، بىرگە بولىدىغان ۋاقىتلىرىڭىزنى قەدىرلەپ، بالىڭىزنى نائۈمىدتە قويماڭ.
مىجەزى ئوسال، ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان دادىلار
   ئاتا-ئانىسىنىڭ كەيپىياتى تۇراقلىق بولغاندا، بالا ئاندىن خۇشاللىق ئىچىدە ئۆسۈپ-يېتىلەلەيدۇ. ئەگەر سىز ھە دېسىلا ئۆيدە ئاچچىقلىنىپ چېچىلىپ كەتسىڭىز، بالىدا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى يوق بولۇپ قېلىپ، قورقۇنچاق، يالغۇز تۇرۇشنى ياخشى كۆرىدىغان، گەپنى ئاز قىلىدىغان ۋە ئۆزىنى كەمسىتىدىغان بولۇپ  قالىدۇ.
ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشىپ بەرمەيدىغان دادىلار
   دۆلىتىمىزدە، "كۆڭۈل چۈشىنىدىغانلار ئاندىن ئەر-خوتۇن ھېسابلىنىدۇ" دىگەن گەپ بار. ئۆي ئىشلىرىدا بەك كۆپ چوڭ ئىش يوق، ئەمما ناھايىتى كۆپ بولىدۇ ھەم تۈگىمەيدۇ؛ شۇڭا ھەممە ئىشنى ئايالىڭىزغا تاشلاپ قويسىڭىز بولمايدۇ، ئۆزىڭىزنى ئايالىڭىزنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئويلاپ بېقىشنى ۋە ئازدۇر-كۆپتۇر ياردەملىشىپ بىرىشنى بىلىپ، بالىڭىزغا ياخشى ئۈلگە بولىشىڭىز كېرەك.
قىلغان ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان دادىلار
   ھەرقانداق ئىشنى خالىغانچە تىلغا ئېلىپ قويۇپلا ئۆتۈپ كىتىشكە بولمايدۇ، ۋەدە قىلغان ئىشىڭىزنى چوقۇم پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرىشىڭىز، ھەرخىل باھانە سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ ئۆزىڭىزنى قاچۇرماسلىقىڭىز كېرەك. ئەگەر ھەمىشە بالىنى ئالدىسىڭىز، بالىڭىزنىڭ قەلبىدىكى ئوبرازىڭىزغا تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭ ئىشەنچىسىنىمۇ يوقىتىپ قويىسىز.
بالىنىڭ بەك كۆپ ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋالىدىغان دادىلار
   بالىلارمۇ ئەركىنلىككە ۋە ئۆزىنىڭ چەمبىرىكى بولۇشقا مۇھتاج، ئەگەر سىز ھەممە ئىشقا چات كېرىۋىلىپ باشقۇرىمەن دەپ تۇرۋالسىڭىز، بالىلارنىڭ قەستەن قارشىلىق كۆرسىتىش پىسخىكىسىنى قوزغاپ قويىسىز؛ بۇنداق بولغاندىن، ئۇلارغا كۆپرەك بوشلۇق بىرىپ، غەم-ئەندىشىسىز ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە شارائىت يارىتىپ بەرگىنىڭىز ئەۋزەلدۇر.
ناچار ئادەتلىرى بار دادىلار
   ناچار تۇمۇش ئىستىلى بار بولسا، چوقۇم ۋاقتىدا ئۆزگەرتىشىڭىز كېرەك. بالىڭىزنىڭ ئالدىدا ھاراق ئىچىپ تاماكا چىكىشتىن، ماجاڭ ياكى قارت ئويناشتىن قەتئى ساقلىنىڭ؛ بالىڭىزنى ئىجابى تۈردە يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭمۇ يامان ئادەتلەرنى يۇقتۇرۋېلىشىدىن ساقلىنىڭ.

بوۋاقلارنىڭ دۈم يېتىشىنىڭ قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟

دۈم ياتقان ۋاقىتتا، بوۋاقلار ئۆزىنى تىرەپ كۆتۈرۈگەندە، ئاندىن ئانىسىنى ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتنى كۆرەلەيدۇ؛ بۇ جەرياندا، بوۋاقنىڭ باش قىس

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

تۇغۇت ئالدىدىكى تولغاقنىڭ بالىغا بولغان پايدىسى

ماتىرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر دۇنيادىكى ئاغرىقنى 12دەرىجىگە بۆلسەك، ئۇنداقتا ھامىلدار ئايالنىڭ تۇغۇت ئالدىدىكى تولغان ئاغرىقى ئە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号