تۇغۇتتىن كىيىنكى بەل ئاغرىشنىڭ سەۋەبلىرى ۋە ياخشىلاش ئۇسۇللىرى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6592:قېتىم كورۇلدى
   نۇرغۇن ھامىلدار ئاياللار تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن، ئۇلاردا بەل ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ؛ ئۇلار دەسلىۋىدە، ئازراق ۋاقىت ئۆتسە ياخشى بولۇپ كىتىدۇ دەپ قاراپ، بەك ئىتىبار بىرىپ كەتمەيدۇ، ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، بەل ئاغرىش، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا زو قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كىلىدۇ.
   ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىلى ئاغرىيدىغانلارنىڭ كۆپ قىسمى، ئۆزىدىكى بەل ئاغرىقنى، بەلنى ناركوز قىلغانلىق سەۋەبىدىن ئاغرىۋاتىدۇ دەپ قارايدۇ؛ لىكىن بۇ خىل قاراشنىڭ ھېچقانداق ئىلمى ئاساسى يوق.
تۇغۇتتىن كىيىنكى بەل ئاغرىش نىمە سەۋەبلەردىن كىلىپ چىقىدۇ؟
   ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايالنىڭ بەدىنىدىكى ھورمۇن سەۋيىسىدە زور ئۆزگىرىش كۆرىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى بۇ خىل ھورمۇن ئۆزگىرىشلىرى، ھامىيلىنىڭ ساغلام يىتىلىشى ۋە ئوڭۇشلۇق ھالدا تۇغۇلۇشى ئۈچۈن بولىدۇ.
تۇغۇت ۋاقتى يېقىنلاشقاندا، بالىنىڭ تۇغۇلۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى ئۈچۈن، ھامىلدار ئايالنىڭ بەدىنىدە داس سۆڭەك سىڭىرىنى بوشىتىدىغان بىر خىل ھورمۇن كۆپىيىدۇ.
   بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۈنسايىن يوغىناپ بېرىۋاتقان بالىياتقۇنىڭ ھامىلدار ئايالنىڭ بەل قىسمىغا چۈشۈرىدىغان بېسىمىمۇ ئېشىپ بارىدۇ. بۇ ئىككى ئامىل، ھامىلدار ئايالنىڭ قۇيۇمچاق سۆڭەك سىڭىرىنىڭ بوشىشىپ، داس سۆڭىكى ئاستى قىسىمدىكى نىرۋا ۋە قان تۇمۇرلارنى بېسىۋىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك ھامىلدارلىق مەزگىلدە بەل ئاغرىشنى پەيدا قىلىدۇ.
   تۇغۇتتىن كىيىن، ھامىلدار ئايالنىڭ بەدىگە گەرچە تەدرىجى ئەسلىگە كەلسىمۇ، ئەمما بالىياتقۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەسلىدىكىدەك چوڭ-كىچىكلىك ھالىتىگە قايتىپ بولالمايدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، داس سۆڭەك سىڭىرى تېخىچە بوشاشقان ھالەتتە تۇرىدۇ، قوساق تۈز مۇسكۇلىمۇ نىسبەتەن ئاجىز بولىدۇ، شۇڭا تۇغۇتتىن كىيىنكى بەلگىلىك بىر مەزگىل ئىچىدە، ھامىلدار ئايال تۇلۇق ئەسلىگە كىلىپ بولۇشتىن بۇرۇن، ئۇلاردا بەل ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىشى، بىرقەدەر نورمال ئەھۋال ھىسابلىنىدۇ.
   بەزى يىڭى تۇغۇتلۇق ئاياللاردىكى چىللە خۇنىنى بەدەن سىرتىغا چىقىرۋىتىش راۋان بولماسلىق، بەك بۇرۇن ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىۋىلىش، تۇغۇتتىن كىيىن ھەرىكەت ئاز بولۇش، سېمىزلىق قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى، بەل ئاغرىق ئالامەتلىرىنى ئېغىرلاشتۇرۋىتىدۇ.
تۇغۇتتىن كىيىنكى بەل ئاغرىققا قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك؟
ئۇزۇن ۋاقىت بىر خىل بەدەن ھالىتىنى ساقلاپ تۇرۇشتىن ساقلىنىش
   تۇغۇتتىن كىيىن، ئۇزۇن ۋاقىت ئۆرە تۇرۇش، ئۇزۇن ۋاقىت ئولتۇرۇش، ئۇزۇن ۋاقىت بەلنى ئىگىپ تۇرۇش قاتارلىقلار، تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ قوساق بېسىمىنى ئاشۇرۇپ، بەل قىسىمنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋىتىدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن، ھامىلدار ئايال تۇغۇتتىن كىيىنكى بىر مەزگىل ۋاقىت ئىچىدە، بۇنداق ئەھۋاللاردىن ئىمكان قەدەر ساقلىنىشى كېرەك.
بالا ئىمىتىش شەكىل ھالىتىگە دىققەت قىلىش
   ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار بالا ئىمىتىش توغرىسىدىكى بەزىبىر ساۋاتلار بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىدۇ. ئادەتتە، بوۋاقنى ئولتۇرۇپ ياكى يېتىپ تۇرۇپ ئىمىتسەك بولىدۇ؛ يېتىپ تۇرۇپ ئىمىتكەندە، ئانا بەك كۈچىمىسىمۇ بولىدۇ، ئانىنىڭ بەل قىسمىغا چۈشىدىغان بېسىممۇ ئازراق بولىدۇ. ئەگەر ئولتۇرۇپ ئىمىتسە، ئەڭ ياخشىسى تىزىغا ياستۇقچىنى بىرنى قوۇپ تۇرۇپ ئىمىتىشى كېرەك؛ چۈنكى بۇنداق قىلغاندا، بەل قىسىمنىڭ يۈكىنىڭ بەك چوڭ بولۇپ كىتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
بەل قىسىمنى چېنىقتۇرۇشقا دىققەت قىلىش
   تۇغۇپ ئىككى ھەپتىدىن كىيىن، ھامىلدار ئايال قوساق ۋە بەل قىسىم مۇسكۇللىرىنى چېنىقتۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى ئىشلەشنى باشلىشى لازىم. بۇنىڭدا، بەل ئۇمۇرتقىسىنىڭ كۈچىنى كۈچەيتىشكە بولۇپلا قالماي، يەنە بالىياتقۇدىكى چىللە خۇنىنى بەدەن سىرتىغا چىقىرۋىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بالىياتقۇنىڭ ئەسلىگە كىلىشىگە پايدىلىق بولىدۇ.
كەسپى داۋالاشنى قوبۇل قىلىش
   ئېغىر دەرىجىدىكى بەل ئاغرىق ۋە پۇتى سىقىراش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن تۇغۇتلۇق ئاياللارغا قارىتا، ئۇلاردا بەل ئۇمۇرتقا سۆڭىكى ئۆسۈپ قالغان بولۇش ئىھتىماللىقى بار بولۇپ، بۇنداق ئەھۋالدا رەسمى يۇسۇندىكى دوختۇرخانىلارغا بېرىپ، تەكشۈرۈش قىلدۇرۇش ۋە داۋالىتىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

ھامىلدار ئايالنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىنىڭ ھامىيلىگە تەسىرى زور

ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىدا باشقا بىر كىچىك ھاياتلىق بار بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەرىكەت-قىلمىشلىرى، قوساقتىكى بالىنىڭ بىخەتەرلىكىگ

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بۇ تۆت خىل كىيىم بالىلارنىڭ يەسلىدە كىيىشىگە ماس كەلمەيدۇ

بالىسى تۇغۇلغاندىن كىيىن، ئانىلار ياسىنىشقا ئەھمىيەت بىرىدىغان بولۇشقا باشلايدۇ؛ بىراق، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەمەس، بەلكى بالىسىنىڭ ياسىنىش

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

بالىنىڭ گېلى ئاغرىپ قالغاندا قانداق ئۇزۇقلىنىشى كىرەك

بوۋاقلار ئادەتتە ئۆزىنىڭ گېلىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز بولغاچقا، ئەگەر ئۇلار توختىماي يىغلاپ، سۈت ئىچىشكە ئۇنىمىس

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号