بالىڭىزنىڭ ئېغىزىدىن نەپەسلىنىشىنى توسۇڭ، كەلگۈسىگە زىيانلىق
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6205:قېتىم كورۇلدى
   بەلكىم سىزمۇ بايقىغان بولىشىڭىز مۇمكىن: بەزى بالىلار كىچىك ۋاقتىدا ناھايىتى چىرايلىق ھەم ئوماق، ئەمما چوڭ بولغانسىرى چىرايى كۆرۈمسىز بولۇپ قالىدۇ؛ ئۇنداقتا، ئارىلىقتا زادى نىمە ئىش يۈز بەرگەن؟ قانداق ئامىللار، بالىنىڭ چىراي قىممىتىنى بۇزىۋەتكەن؟ نەنجىڭ شەھەرلىك ئېغىز بوشلۇقى كىسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى بالىلار ئېغىز بوشلۇقى كىسەللىكى بۆلىمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى جۇ گۇيدىڭ دوختۇر ئاتا-ئانىلارغا شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەن ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەپ ئامىللىرىنىڭ ئىچىدىكى، ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ھەمدە ئاتا-ئانىلار ئەڭ ئاسان نەزەردىن ساقىت قىلىدىغان بىر خىلى، ئېغىزدىن نەپەسلىنىشتۇر.
   جۇ دوختۇرنىڭ تۇنۇشتۇرىشىچە، ئېغىزدا نەپەسلىنىش، كۆپ قىسىم ۋاقىتلاردا بۇرۇندىن ئەمەس بەلكى ئېغىزدىن نەپەسلىنىشنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇ سەۋەپلىك ئېغىز بوشلۇقىدا ئۇزۇن ۋاقىت ھاۋا ئىقىمى ئۆتۈشۈپ، چىش ۋە كالپۇكقا بەلگىلىك دەرىجىدە ئىتتىرىش كۈچى چۈشۈرىدۇ؛ بالىلار بولسا ئۆزلۈكسىز تۈردە يىتىلىش جەريانىدا تۇرۋاتقان بولغاچقا، بۇنداق ئەھۋالدا ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، بالىلاردا ھىڭگاڭ چىش پەيدا بولۇش، ئالدى قاتاردىكى چىشى سىرتقا بۆرتۈپ چىقىپ قېلىش، كالپۇكى تەتۈر ئۆرۈلۈپ قېلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    ئۇنداقتا، نىمە ئۈچۈن ئېغىزىدا نەپەسلىنىش ھادىسىسى كۆرىلىدۇ؟ بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئۈچ تۈرلۈك: بۇرۇندىن راۋان نەپەسلىنەلمەسلىك، ئاستى ئۈستى قاتار چىشلىرىنى جىپسىلەشتۈرۈش قىيىن بولۇش، ناچار ئادەت. بۇرۇندىن راۋان نەپەسلىنەلمەسلىكتە، بۇرۇن ياللۇغى، قالقانسىمان بەز يوغىناپ قېلىش، بۇرۇن بوشلۇقى ئۆسمىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى، نەپەسلىنىشنىڭ راۋان بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، باشقا ئەزالار نەپەسلىنىش يولى بوشلۇقىنى بېسىۋىلىش بولۇپ، نەپەسلىنىش يولى تارىيىپ قالسا، ئادەم بۇرۇندىن نەپەسلەنسە نەپىسى يىتىشمىگەندەك ھىس قىلىپ، ئېغىزىدىمۇ تەڭ نەپەسلىنىدۇ. ئاستى ئۈستى قاتار چىشلىرىنى جىپسىلەشتۈرۈش قىيىن بولۇشتا، بەزى كىچىك دوستلار ھىڭگاڭ چىش ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى، ئاستى ئۈستى قاتار چىشلىرى جىپسىلىشىپ كەلمەيدۇ، بۇنىڭدا ئېغىزىنى پۈتۈنلەي يۇمۇشقا ئامال بولماي، ھامان ئازراق يۇچۇق ئېچىلغان ھالەتتە تۇرىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك ئاسانلا تەبىئىي ھالدا ئېغىزىدىن نەپەسلىنىپ سالىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېغىزىدا نەپەسلىنىش ھىڭگاڭ چىش پەيدا بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ياكى ھىڭگاڭ چىش ئەھۋالىنى ئېغىرلىتىۋىتىدىغان بولغاچقا، يامان خارەكتىرلىك بىر خىل ئايلانما شەكىللىنىپ قالىدۇ. ناچار ئادەت دىگىنىمىزدە، قۇرۇق ئىمىزگە(تىلىنىڭ ئورنىنىڭ بىنورمال بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ)، قولىنى ئىمىپ شۈمۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
   ئۇزۇن مەزگىللىك ئېغىزىدىن نەپەسلىنىش، بالىنىڭ يۈز قىسمى ۋە چىشىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، ھاۋا بۇرۇن بوشلۇقىنىڭ تازىلىشىدىن ئۆتمەي، ئېغىز ئارقىلىق بىۋاستە ئۆپكىگە كىرىدىغان بولغاچقا، ئاسانلا ئېغىز بوشلۇقى كىسەللىكلىرى ۋە نەپەسلىنىش يولى كىسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ.
   ئەگەر بالىلار ئېغىزىدىن نەپەسلىنىدىغان بولىۋالسا قانداق قىلىش كېرەك؟ جۇ دوختۇر شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، بۇنداق ئەھۋالدا ئىككى خىل بۆلۈمدىكى دۇختۇرلارغا كۆرۈنۈش كېرەك. بىرسى، بەش ئەزا بۆلىمى دوختۇرلىرىغا كۆرۈنۈپ، بۇرۇن يۇقىرى نەپەسلىنىش يولىدا توسىۋىلىش خارەكتىرىدىكى كىسەللىك بار يوقلۇقىنى تەكشۈرتۈپ، بار بولسا ئۈزۈل-كىسىل داۋالاپ ساقايتىش لازىم. ئىككىنچىسى، بالىلار ئېغىز بوشلۇقى كىسەللىكى بۆلۈمىدىكى دوختۇرلارغا كۆرسىتىپ، بۇرۇن نەپەسلىنىش يولى توسۇلۇپ قېلىش ئامىلىنى ئىنكار قىلىپ چىقىرۋەتكەندىن كىيىن، چىش ۋە يۈز قىسىمدىكى غەلىتە شەكىللىنىپ قېلىش ئەھۋاللىرىنى ۋاقتىدا ئۆزگەرتىپ ياخشىلاش ياكى كەسپى مەسلىھەت سوراش لازىم.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

ھامىلدار ئايالنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىنىڭ ھامىيلىگە تەسىرى زور

ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىدا باشقا بىر كىچىك ھاياتلىق بار بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەرىكەت-قىلمىشلىرى، قوساقتىكى بالىنىڭ بىخەتەرلىكىگ

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بۇ تۆت خىل كىيىم بالىلارنىڭ يەسلىدە كىيىشىگە ماس كەلمەيدۇ

بالىسى تۇغۇلغاندىن كىيىن، ئانىلار ياسىنىشقا ئەھمىيەت بىرىدىغان بولۇشقا باشلايدۇ؛ بىراق، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەمەس، بەلكى بالىسىنىڭ ياسىنىش

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

بالىنىڭ گېلى ئاغرىپ قالغاندا قانداق ئۇزۇقلىنىشى كىرەك

بوۋاقلار ئادەتتە ئۆزىنىڭ گېلىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز بولغاچقا، ئەگەر ئۇلار توختىماي يىغلاپ، سۈت ئىچىشكە ئۇنىمىس

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号