ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بۇ ئىشلارنى ئاز قىلىڭ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5851:قېتىم كورۇلدى
   ھامىلدار ئايالنىڭ ھەربىر يۈرۈش-تۇرۇشى ۋە ھەرىكەت-قىلمىشلىرى، قوساقتىكى بالىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ ئەگەر ئۆزىمىزنىڭ ناچار قىلمىشلىرى، قوساقتىكى بوۋاقنى زىيانلىق تەسىرگە ئۇچرىتىپ قويسا، بىز كىيىن مىڭ پۇشايمان قىلغان بىلەنمۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بوۋاقنىڭ ساغلام ۋە بىخەتەر تۇغۇلۇشى ئۈچۈن، ھامىلدار ئايال تۆۋەندىكى تۆت ئىشتىن چوقۇم ساقلىنىش كېرەك.
ھەمىيشە قوساقنى سىيلاش
   ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىيلىنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشىگە ئەگىشىپ، ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىمۇ تەدرىجى يوغىنايدۇ؛ بۇ مەزگىلدە، نۇرغۇن ھامىلدار ئاياللار توختىماي قوسىقىنى سىيلايدۇ. ئەمىلىيەتتە، قوساقنى ناگاندا بىر سىيلاپ بەرسەك، بەك چوڭ تەسىرى يوق؛ لېكىن، ھەمىيشە قوساقنى سىيلىساق، قوساقتىكى بالا ئانىنىڭ قول ھەرىكىتىگە ئەگىشىپ مىدىرلاپ، كىندىك بېغىنىڭ ھامىيلە بوينىنى يۆگىۋىلىش خەۋىپىنى ئاشۇرۋىتىدۇ. بۇندىن باشقا، قوساقنى كۆپ سىيلاش، بوۋاقنى سىرتقى مۇھىتقا قارىتا سەزگۈر قىلىپ قويۇپ، ھامىيلە مىدىرلاش چاستوتىسىنى تىزلىتىۋىتىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالنىڭ، ھامىيلىگە ۋە ھامىلدار ئايالنىڭ ئۆزىگە ھېچقانداق پايدىسى يوق.
ئۇخلاش ھالىتى خاتا بولۇش
   ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقى يوغىنىغانسىرى، ئۇلارنىڭ بەدىنىنىڭ يۈكىمۇ ئېشىپ مېڭىپ، ئۇخلاشمۇ بىر قىيىن ئىشقا ئايلىنىپ قالىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، نۇرغۇن ھامىلدار ئاياللار، قوساقتىكى بالىنىڭ بالىياتقۇدىكى ئورنىنىڭ يۆتكىلىپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپ، ئوڭدىسىغا تۈز يېتىپ ئۇخلاش ھالىتىنى قوللىنىدۇ. ئەمىلىيەتتە، بۇ خىل ئۇخلاش ھالىتى توغرا ئەمەس. ئەگەر ھامىلدار ئايال ئوڭدىسىغا يېتىپ ئۇخلىسا، ھامىيلە ھامىلدار ئايالنىڭ نىرىپلىرىنى بېسىپ قويىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇمۇرتقا سۆڭەكمۇ چوڭ بېسىمغا ئۇچرايدۇ. ھامىلدار ئايالغا نىسبەتەن، توغرا بولغان ئۇخلاش ھالىتى بولسا، سول يېنىنى بېسىپ ئۇخلاش بولۇپ، ھامىيلە ھامىلدار ئايالغا قارىتا بېسىم چۈشۈرمەيلا قالماي، يەنە ھامىلدار ئايالنىڭ يۈرىكىدىكى قان ئايلىنىشنى تىزلىتىدۇ.
زىيادە كۆپ ھەرىكەت قىلىش
   ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھەرىكەتلىنىپ بىرىشنىڭ گەرچە پايدىلىق تەرەپلىرى كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ھەرىكەتلىنىش بەك قاتتىق بولۇپ كىتىشكە بولمايدۇ. بەزى ھامىلدار ئاياللار، بەدەن شەكلىنىڭ ئۆزگىرىپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپ، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە تەلۋىلەرچە ھەرىكەتلىنىپ چېنىقىدۇ، بۇنداق ئەھۋال ھامىيلىنىڭ غەلىتە يىتىلىپ قېلىش ئىھتىماللىقىنى ئاشۇرۋىتىدۇ. ھامىلدار ئايال ھەرىكەت قىلغان ۋاقىتتا، ھامىيلىمۇ ھامىلدار ئايالنىڭ بەدىنىگە ئەگىشىپ چايقىلىپ مىدىرلاپ بىرىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋال، ھامىيلىنىڭ كىندىن بېغىنىڭ بوينىغا يۆگىلىۋىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بۇندىن باشقا، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بەك كۆپ ۋە بەك قاتتىق ھەرىكەت قىلىۋەتكەندە، ھامىيلە ئورنىنىڭ خاتا بولۇپ قېلىشىمۇ ئىھتىمالغا يېقىن بولۇپ قالىدۇ.
ھەمىشە كىچىسى ئۇخلىماسلىق ياكى ۋاقتىدا ئۇخلىماسلىق
   ھامىلدار ئايالغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەمىشە كىچىلىرى ئۇخلىمىسا ياكى ۋاقتىدا ئۇخلىمىسا، ئۇلارنىڭ تىرىسى ناچارلىشىپ قالغاندىن سىرت، بەدىنىمۇ ھارغىنلىق ھىس قىلىپ، نىمە قىلسا روھسىز بولۇپ قالىدۇ. بۇندىن باشقا، كىچىلىرى ئۇخلىمىغاندا، ھامىلدار ئايالنىڭ بەدىنى تۇلۇق ئارام ئېلىشقا ئىرىشەلمىگەنلىكتىن، ئۇلارنىڭ ئىممونت كۈچى تۆۋەنلەپ ئاسانلا كىسەل بولۇپ قالىدۇ، بۇنىڭدا قوساقتىكى بالىمۇ تەسىرگە ئۇچرايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھامىلدار ئاياللار چوقۇم ياخشى ھەم تەرتىپلىك بولغان ئارام ئېلىش ئادىتى يىتىلدۈرۈشى كېرەك.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

ھامىلدار ئايالنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىنىڭ ھامىيلىگە تەسىرى زور

ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىدا باشقا بىر كىچىك ھاياتلىق بار بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەرىكەت-قىلمىشلىرى، قوساقتىكى بالىنىڭ بىخەتەرلىكىگ

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بۇ تۆت خىل كىيىم بالىلارنىڭ يەسلىدە كىيىشىگە ماس كەلمەيدۇ

بالىسى تۇغۇلغاندىن كىيىن، ئانىلار ياسىنىشقا ئەھمىيەت بىرىدىغان بولۇشقا باشلايدۇ؛ بىراق، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەمەس، بەلكى بالىسىنىڭ ياسىنىش

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

بالىنىڭ گېلى ئاغرىپ قالغاندا قانداق ئۇزۇقلىنىشى كىرەك

بوۋاقلار ئادەتتە ئۆزىنىڭ گېلىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز بولغاچقا، ئەگەر ئۇلار توختىماي يىغلاپ، سۈت ئىچىشكە ئۇنىمىس

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号