بۇ خىلدىكى ئانىلار قورقۇنچاق ھەم شەخسىيەتچى بالا يىتىشتۈرىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5811:قېتىم كورۇلدى
   ئادەتتە، دادىلار كۆپىنچە سىرتنىڭ ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولغاچقا، بالىغا ئەڭ كۆپ ھەمرا بولىدىغىنى ئانا بولىدۇ، شۇڭا بالىلارنىڭ خارەكتىرىمۇ ئانىسىنىڭ تەسىرىگە كۆپرەك ئۇچرايدۇ؛ نۇرغۇن ئانىلار، قورقۇنچاق ھەم شەخسىيەتچى بالا يىتىشتۈرۈپ چىقىدۇ، ئەمما بۇنىڭ ئۆزىنىڭ سەۋەبىدىن ئىكەنلىكىنى ھىس قىلالمايدۇ.
   تۆۋەندىكى تۆت خىلدىكى ئانىلار، قورقۇنچاق ھەم شەخسىيەتچى بالىلارنى تەربىيەلەپ چىقىدۇ؛ بالدۇر بايقاپ بالدۇر ئۆزگەرتىسىڭىز، يامان تەسىر كۆرسىتىشتىن ساقلىنىشقا ئۈلگۈرەلەيسىز.
ئانىنىڭ خارەكتىرى قورقۇنچاق، ئىقتىدارسى، شەخسىيەتچى بولۇش
   بالىنىڭ ئانىسى بىلەن ئۇچرىشىدىغان ۋاقتى ناھايىتى ئۇزۇن بولىدۇ، شۇڭا بالىغا بولغان تەربىيە ئۇسۇلىغا قارىتا، ئانىلارنىڭ گەپ-سۆزلىرى ۋە يۈرۈش تۇرۇشى جايىدا بولۇش، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىردەك بولۇش كېرەك؛ ئانا قانداق بولسا، بالىمۇ تەبىئيلا شۇنداق بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەگەر ئانىنىڭ خارەكتىرى قورقۇنچاق ۋە شەخسىيەتچى كەلگەن بولسا، بالىمۇ تەبىئىيلا بۇ خىل مىجەزلىك چوڭۇپ قالىدۇ.
بالىلارنى ئەركىن قويۇۋەتمەسلىك
   بالىلار بۈركۈتكە ئوخشايدۇ، كىچىك ۋاقتىدا ئانىسىنىڭ قانىتى ئاستىدا غېمى يوق ياشايدۇ؛ لېكىن، ئۇلار ھامان بىر كۈنى كۆككە چىقىپ پەرۋاز قىلىشى كېرەك. ئەگەر ئانا ئىزچىل تۈردە بالىنى ئەركىن قويۇۋەتمەي، ھەممە ئىشلارنى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇنى پۈتۈنلەي قوغداش ئىسكەنجىسىگە ئېلىۋالسا، بالىدا قورقۇنچاق بولۇش خارەكتىرى يىتىلىپ قېلىپ، ئۆسۈپ-يىتىلىش جەريانىدا قىيىنچىلىققا ئۇچرايدۇ ھەمدە ئېچىنىشلىق ھالدا يېقىلىدۇ.
بالىغا زىيادە ئامراقلىق قىلىپ، نىمە دىسە شۇنى قىلىپ بىرىش
   ھازىر، نۇرغۇنلىغان يالغۇز پەرزەنتلىك ئائىلىلەرنىڭ ئەھۋالى دەل مۇشۇنداق بولۇپ، بالىسى قانچىلىك چېكىدىن ئاشقان تەلەپلەرنى قويمىسۇن، ئۇلار بالىسىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە قانائەتلەندۈرىدۇ. ئۇزۇن مەزگىلدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇنداق ئەھۋالدا پەقەتلا ئۆزىنىلا ئويلايدىغان "كىچىكى پادىشاھ" ياكى "كىچىك مەلىكە"دىن بىرنى تەربىيىلەپ چىقىمىز. بالىلار قانداق ھەمبەھىرلىنىشنى بىلمىسە، ئۇلار تەدرىجى ھالدا شەخسىيەتچى ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ.
بالىغا "يالغان" ھەمرا بولۇش
   ھازىر، بالىلارنىڭ "ساختا ھەمراھى" ئاز ئۇچرىمايدۇ؛ نۇرغۇنلىغان ئانىلار، بىر تەرەپتىن يانفون ئويناپ بىر تەرەپتىن بالىسغا ھەمراھ بولىدۇ. بالا بىرەر مەسىلىگە يولۇققاندا، ئۇلار پەقەت ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتكۈزىۋىتىپ بولدى قىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋال داۋاملىشىۋەرسە، بالا "ئانام مىنى ياخشى كۆرمەيدىكەن" دەپ ئويلاپ قېلىپ، بۇ سەۋەپلىك ئۇلاردا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كەمچىل بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر بالىلار بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى يوقىتىپ قويسا، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزىنى تاشلىۋىتىشىدىن ئەنسىرەپ، تەدرىجى ھالدا، ئۆزىنى كەمسىتىدىغان، قورقۇنچاق، شەخسىيەتچى بولۇپ قالىدۇ.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

ھامىلدار ئايالنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىنىڭ ھامىيلىگە تەسىرى زور

ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىدا باشقا بىر كىچىك ھاياتلىق بار بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەرىكەت-قىلمىشلىرى، قوساقتىكى بالىنىڭ بىخەتەرلىكىگ

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بۇ تۆت خىل كىيىم بالىلارنىڭ يەسلىدە كىيىشىگە ماس كەلمەيدۇ

بالىسى تۇغۇلغاندىن كىيىن، ئانىلار ياسىنىشقا ئەھمىيەت بىرىدىغان بولۇشقا باشلايدۇ؛ بىراق، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەمەس، بەلكى بالىسىنىڭ ياسىنىش

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

بالىنىڭ گېلى ئاغرىپ قالغاندا قانداق ئۇزۇقلىنىشى كىرەك

بوۋاقلار ئادەتتە ئۆزىنىڭ گېلىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز بولغاچقا، ئەگەر ئۇلار توختىماي يىغلاپ، سۈت ئىچىشكە ئۇنىمىس

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号