بۇ خىل ناشتىلىق بالىلارنىڭ كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 13221:قېتىم كورۇلدى
   بالىلارنىڭ ھەممىسى ئىسسىقچان بولۇپ، قۇرغاق كۈز كۈنلىرىدە، سۇغۇق تەبىئەتلىك يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق، كۈزنىڭ قۇرغاقلىقىنى پەسەيتىشكە توغرا كىلىدۇ. بۇنىڭدا، نىلوپەر غولى كۈزدىكى ئەڭ ياخشى تاللاش بولۇپ، ئىسسىق يەلنى ھەيدەش بىلەن بىرگە ئاشقازان ئۆتنى ساغلاملاشتۇرىدۇ. ئۇنىڭ يەنە كالتسىي ۋە تۆمۈر تەركىبىمۇ يۇقىرى بولۇپ، بالىلار كۆپرەك يەپ بەرگەندە، بالىلارغا قان ماغدۇر تۇلۇقلاپ، كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.
   بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، چۈرۈك داغلاپ پىشۇرۇلغان نىلوپەر توقىچى تەييارلاش ئۇسۇلى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
   كىتەرلىك ماتىريال: نىلوپەر غولى(تەخمىنەن 400گىرام)، ئۇن (تەخمىنەن 200گىرام)، ئىككى تۇخۇم، ئىستىمال مېيى، تۇز، غولپىياز مايسىسى
تەييارلاش ئۇسۇلى
   نىلوپەرنىڭ پوستىنى سويىۋەتكەندىن كىيىن يۇيۇپ پاكىزلاپ، ئۇششاق پارچە قىلىپ توغرىۋالىمىز.
   توغراپ تەييارلىغان نىلوپەر غولىنى چىنىگە سېلىپ، ئۈستىگە ئۇن، تۇز، غولپىياز مايسىسىنى قوشىمىز، تۇخۇمنىمۇ ئۈستىگە چاقىمىز.
   چوكا بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز، ئەگەر بەك قۇرۇق بولۇپ قالسا، ئازراق سۇ قوشۇپ قۇيۇق ئوماچ ھالىتىگە ئەكەلسەك بولىدۇ.
   قازانغا ئازراق ماي قۇيۇپ قىزىتقاندىن كىيىن، ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىغان يىمەكلىك ماتىريالىنى چۈمۈچتە ياكى چوڭراق قوشۇقتا ئېلىپ قازانغا قۇيىمىز.
   قازانغا قۇيغاندىن كىيىن ئۇنى مىدىراتماي، ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئوتتا ياكى كىچىك ئوتتا ئاستا-ئاستا داغلايمىز؛ ئاستى تەرەپ داغلىنىپ قاتقاندىن كىيىن ئۆرۈپ يەنە بىر يۈزىنى داغلايمىز.
   كىچىك ئوتتا داۋاملىق داغلاپ، ھەر ئىككى يۈزى سارغىيىپ پىشقاندا ئۇسۇپ ئېلىۋالساق بولىدۇ.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

ھامىلدار ئايالنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىنىڭ ھامىيلىگە تەسىرى زور

ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىدا باشقا بىر كىچىك ھاياتلىق بار بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەرىكەت-قىلمىشلىرى، قوساقتىكى بالىنىڭ بىخەتەرلىكىگ

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بۇ تۆت خىل كىيىم بالىلارنىڭ يەسلىدە كىيىشىگە ماس كەلمەيدۇ

بالىسى تۇغۇلغاندىن كىيىن، ئانىلار ياسىنىشقا ئەھمىيەت بىرىدىغان بولۇشقا باشلايدۇ؛ بىراق، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەمەس، بەلكى بالىسىنىڭ ياسىنىش

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

بالىنىڭ گېلى ئاغرىپ قالغاندا قانداق ئۇزۇقلىنىشى كىرەك

بوۋاقلار ئادەتتە ئۆزىنىڭ گېلىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز بولغاچقا، ئەگەر ئۇلار توختىماي يىغلاپ، سۈت ئىچىشكە ئۇنىمىس

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号