قوساقتىكى بالىنىڭ بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىشى قانداق ئەھۋال
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5817:قېتىم كورۇلدى
   ئەگەر ھامىلدار ئايالنىڭ ھامىلدارلىق ۋاقتى 28ھەپتىگە توشۇپ ئېشىپ، 37ھەپتىگە يەتمەي تۇرۇپ قوسىقىدىكى بالىنى تۇغۇۋەتسە، ئۇنداقتا بۇ، بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىش دائىرسىگە كىرىدۇ؛ دۆلىتىمىزدە، بوۋاقلارنىڭ بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىش نىسبىتى، تەخمىنەن %15-%5 ئەتراپىدا.
   بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بالىلارنىڭ بەدەن ئورگانىزىمىنىڭ ئىقتىدارلىرى تۇلۇق يىتىلىپ بولالمايدۇ، تۇغۇلغان ۋاقتىدىكى ھامىلدارلىق ھەپتىسى قانچە كىچىك بولسا، ئېغىرلىقى شۇنچە تۆۋەن، ھايات قېلىش كۈچى شۇنچە ئاجىز بولىدۇ. ئۇنداقتا، بالىنىڭ بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش كېرەك؟
   1. بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار ناھايىتى كۆپ: ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئەگىشىپ بىللە كەلگەن بەزىبىر كىسەللىكلەر، باش سۈيى زىيادە كۆپ بولۇش، بالىياتقۇ ئىچى ياللۇغلىنىش، بالىياتقۇ بوينى ئىقتىدارى تۇلۇق بولماسلىق... قاتارلىقلار. بالىنىڭ بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھامىلدار ئايال ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، رەسمى يۇسۇندىكى دوختۇرخانىلارغا بېرىپ، ھامىلدارلىق دائىملىق تەكشۈرتۈشلەرنى ۋاقتىدا قىلدۇرۇپ، تاساددىبىي ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم. بالا بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىش يۇقىرى يۇقىرى خەۋپلىك ئامىللار بار بولغان ھامىلدار ئاياللارمۇ، ئالدىنئالا دوختۇرنىڭ جىكىلىشى بويىچە ئىش كۆرۈپ، كىسەللىك ئەھۋالىنى كونتىرول قىلالايدۇ.
   2. بالىنىڭ بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، جىسمانىي جەھەتتىكى مەسىلە بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە روھى جەھەتتىكىمۇ مەسىلە؛ ھامىلدار ئايالدىكى تەشۋىشلىنىش، جىددىلىشىش، قورقۇش، ھاياجانلىنىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى، بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
   3. بالىياتقۇ بوينى ئىقتىدارى مۇكەممەل بولماسلىق، ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، بالىياتقۇنىڭ بوۋاق چىقىدىغان ئېغىزى بەك بوش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇ ئەھۋالغا قارىتا، بالىياتقۇ بوينىغا ھالقا سېلىش ئوپراتسىيەسى قىلدۇرۇپ، بالىنىڭ بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ.
   4. بالدۇر تۇغۇۋىتىش ئالامەتلىرى ياكى بالىنىڭ بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يۇقىرى خەۋپ ئامىللىرى كۆرۈلگەن ھامىلدار ئاياللارغان نىسبەتەن، ھامىلدارلىق ھورمۇنى ئىشلىتىش ئارقىلىق بالىنىڭ بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ.
   5. يېقىنقى يىللاردىن بويان، نۇرغۇن دوختۇرخانىلار بالىياتقۇ بوينى تىرىكى ئارقىلىق بالىنىڭ بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بولدى؛ بۇنىڭدا، تىرەك بالىياتقۇ بوينى كانىلىنى تىرەپ ۋە بېسىپ تۇرۇپ، بالىنىڭ بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
   بالىنىڭ بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىشى، گەرچە ھەربىر ھامىلدار ئايال كۆرۈشنى خالىمايدىغان بىر ئەھۋال بولسىمۇ، ئەمما بەزىبىر ئالاھىدە ئەھۋاللاردا، ھامىلدار ئايالنىڭ ۋە قوساقتىكى بالىنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر خەۋپ ئېلىپ كىلىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ھامىلدار ئايال يەنىلا دوختۇرنىڭ تەكلىۋىنى ئاڭلاپ، ھامىلدارلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇشى كېرەك.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

ھامىلدار ئايالنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىنىڭ ھامىيلىگە تەسىرى زور

ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىدا باشقا بىر كىچىك ھاياتلىق بار بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەرىكەت-قىلمىشلىرى، قوساقتىكى بالىنىڭ بىخەتەرلىكىگ

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بۇ تۆت خىل كىيىم بالىلارنىڭ يەسلىدە كىيىشىگە ماس كەلمەيدۇ

بالىسى تۇغۇلغاندىن كىيىن، ئانىلار ياسىنىشقا ئەھمىيەت بىرىدىغان بولۇشقا باشلايدۇ؛ بىراق، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەمەس، بەلكى بالىسىنىڭ ياسىنىش

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

بالىنىڭ گېلى ئاغرىپ قالغاندا قانداق ئۇزۇقلىنىشى كىرەك

بوۋاقلار ئادەتتە ئۆزىنىڭ گېلىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز بولغاچقا، ئەگەر ئۇلار توختىماي يىغلاپ، سۈت ئىچىشكە ئۇنىمىس

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号