ھامىلدار ئايالنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ھامىيلىنى بىئارام قىلىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5902:ئادەم ئۆگەندى
   ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھامىلدار ئاياللار دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار ئىنتايىن كۆپ؛ بولۇپمۇ يىڭىدىن ھامىلدار بولغان ۋاقىتتا، بىردەم توختىماي قوساقلىرىنى سىيلىسا، بىردەم يەرنى ئاۋايلاپ دەسسەپ مېڭىپ، ئادەتتىكى ئالدىراقسان مىجەزى ۋە يۇقىرى ئاۋازىدىن ئەسەر قالمايدۇ، ھامىلدار ئاياللار قوسىقىدىكى بالىسى ئۈچۈن نۇرغۇن ئادەتلىرىنى يېغىشتۇرۋالىدۇ. ئادەتلىنىش تىلغا ئېلىنغاندا، ئەمىلىيەتتە، ھامىلدار ئاياللارنىڭ ئەتىگەن سەھەردىكى بۇ ئۈچ خىل ئادىتى، قوسىقىدىكى بالىسىنى بىئارام قىلىپ قويىدۇ.
ئەتىگەندە ئويغانغاندا ئورنىدىن ئىتتىك تۇرۇپ كىتىش
    ئادەتتە كۆپ قىسىم كىشىلەر، ئەتىگىنى ئۇيقۇدىن ئويغانغان ۋاقىتتا، ئورنىدىن ئىتتىكلا قوپۇپ تۇرۇپ كىتىدۇ؛ بۇندىن باشقا يەنە، سائەت توۋلىسا، ياكى ئۆيدىكىلەر بىزنى ئويغىتىشقا توۋلاپ چاقىرسىمۇ، بىز تۇيۇقسىز ئويغىنىپ، ئىتتىكلا ئورنىمىزدىن قوپۇپ ئولتۇرۋالىمىز. ئەمىلىيەتتە، بۇ خىل ئەھۋال ئاسانلا ئادەمدە بەزىبىر بىئاراملىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چۈنكى، ئادەم ئۇخلاپ ئويغانغاندىن كىيىن ئىتتىكلا ئورنىدىن تۇرۇپ كەتسە، بۇ ۋاقىتتا چوڭ مىڭىگە قىسقا ۋاقىت ئوكسىگىن يىتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، باش قېيىش ۋە كۆز تورلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھامىلدار ئاياللارغا نىسبەتەن، ئۇلارنىڭ بەدىنى ئەسلىدىنلا نورمال ۋاقىتتىكىگە قارىغاندا ئاجىز بولىدۇ، بەزىدە ھەتتا قان ئازلىق ئەھۋالى ساقلانغان بولىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ئۇلار ئەتىگىنى ئويغانغاندىن كىيىن ئورنىدىن ئىتتىكلا تۇرۇپ كەتسە، كۆپلىگەن بىئاراملىق كۆرىلىدۇ. ئەگەر ھامىلدار ئايالدا بىئاراملىق كۆرۈلسە، قوساقتىكى بالىمۇ تەبىئىيلا بىئارام بولىدۇ. شۇڭا ھامىلدار ئاياللار بۇ ئادىتى بار بولسا ئۆزگەرتىپ، ئەتىگىنى ئۇيقۇدىن ئويغانغاندىن كىيىن، بىر ئىككى مىنۇت ئۆرۈلۈپ-چۆرۈلۈپ ئۆزىنى تەڭشىۋىلىپ، ئاندىن ئالدىرماي ئورنىدىن تۇرۇشى كېرەك.
ئەتىگىنى چېچىنى يۇيۇش
   نۇرغۇنلىغان ھامىلدار ئاياللار، بەلكىم ھامىلدار بولۇشتىن ئىلگىرى ئەتىگەنلىكى چېچىنى يۇيۇشقا ئادەتلەنگەن بولۇشى مۇمكىن؛ چۈنكى، ئەگەر ئاخشىمى چېچىنى يۇيسا، چېچىنى قۇرۇتمىسا ياتالمايدۇ، ئەتىگىنى بولسا چېچىنى يۇيۇپ بولغاندىن كىيىن، تۇلۇق قۇرۇتسۇن قۇرۇتمىسۇن، ئىشقا بېرىشقا بەك كۆپ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. لېكىن، ئەتىگىنى چاچ يۇيىدىغان بۇ ئادەتنى ھامىلدار بولغاندىن كىيىن ئۆزگەرتىش كېرەك. چۈنكى، ئەتىگىنى باش يۇغان ۋاقىتتا، باش قىسىمدىكى قان سۇيۇقلۇقلىرى تەتۈر ئېقىپ، ئاسانلا ئوكسىگىن يىتىشمەسلىكنى پەيدا قىلىپ، ھامىلدار ئايالنىڭ بېشىنىڭ قېيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
   بۇندىن باشقا، ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقى كۈنسايىن يوغىناپ بارىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ئەتىگىنى بىلىنى ئىگىپ چېچىنى يۇغان ۋاقىتتا، ھامىيلىگە بېسىم چۈشۈرۈپ قويىشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، ئەگەر ئەتىگەنلىكى يۇيۇنغان ۋاقىتتا چېچىنى قوشۇپ يۇۋەتمەكچى بولسا، بۇنىڭدا ئەھۋال ياخشىراق بولىدۇ. بىراق ئىسىڭىزدە بولسۇنكى ئاچ قوساق يۇيۇنۇشقا ياكى يۇيۇنغان ۋاقىتتا چاچنى بەك ئۇزۇن ۋاقىت يۇيۇشقا بولمايدۇ، بولمىسا ئوكسىگىن يىتىشمەي ھۇشىدىن كىتىپ يېقىلىپ چۈشىدىغان خەۋپ كۆرىلىدۇ. بۇ ئەھۋاللارنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋىتى، قوساقتىكى ھامىيلىنىڭ بىللە بىئارام بولۇشىدۇر؛ چۈنكى، ھامىيلىنىڭ ئۇزۇقلۇق سۈمۈرۈشى پۈتۈنلەي ئانىغا تايىنىدىغان بولغاچقا، ھامىلدار ئايالدا ئوكسىگىن يىتىشمەسلىك كۆرۈلسە، قان ئايلىنىش تىزلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئەتىگىنى ناشتا قىلماسلىق
   ھازىر نۇرغۇنلىغان خىزمەتچىلەر، ئەتىگىنى ئازراق بولسىمۇ كۆپرەك ئۇخلىۋىلىش ئۈچۈن، ئەتىگىنى ناشتا قىلمايلا ئىشقا بارىدۇ؛ ئەگەر بۇنداق ئادەت شەكىللەندۈرۈپ قويساق، قان ئازلىق ۋە بەدەنگە ئۇزۇقللۇق يىتىشمەسلىك ئەھۋاللىرى كىلىپ چىقىشى مۇمكىن. بەزىبىر قاننىڭ قەنت تەركىبى تۆۋەن كىشىلەر، ئەتىگىنى ناشتا قىلمىسا تېخىمۇ بولمايدۇ. ھامىلدار ئاياللارغا نىسبەتەن، ئۇلارنىڭ قوسىقىدا تېخى كىچىك بوۋاقتىن بىرسى بار، شۇڭا ئەگەر ئۇلار ئەتىگىنى ناشتا قىلمىسا، ئۆزىنىڭ  يۈرىكى ئېغىپ ئاشقازىنى بىئارام بولۇپلا قالماي، قوساقتىكى بالىمۇ ۋاقتىدا ئۇزۇقلۇق قوبۇل قىلالماي بىئارام بولۇپ قالىدۇ.

يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى نىمىنى بىلدۈرىدۇ؟

بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلغان ۋاقىتتىكى بەدەن ئېغىرلىقى ئوخشاش بولمايدۇ؛ ئادەتتە بەش جىڭ، ئالتە، يەتتە جىڭ، سەككىز جىڭ تۇغۇلىدىغانلارمۇ بار؛ ئ

تۇغۇتتا ئەگەشمە كىسەللىك قالغان قالمىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز

ئاياللار تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن ئىنتايىن ئاجىزلىشىپ كىتىدىغان بولۇپ، بىرەر ئەگەشمە كىسەللىك قېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ياخشى كۈتۈنۈشى لا

بوۋاقلار قانچىلىك بولغاندا چوڭلارنىڭ تامىقىنى يىسە بولىدۇ

ئادەتتە چوڭلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى، تەم سەزگۈ ئەزاسى ۋە ئاشقازان-ئۈچەيلىرى پۈتۈنلەي يىتىلىپ بولغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تامىقى چوڭ پارچە ھە

ئوپراتسىيە قىلىپ تۇغدۇرغان ۋە ئانىسى ئۆزى تۇغقان بالىنىڭ پەرقى

ئادەتتە ئاياللارنىڭ تۇغۇتى ئىككى خىلغا بۆلىنىدۇ: ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇش ۋە ئۆزى تەبىئى تۇغۇش؛ بۇ ئىككى خىل تۇغۇت ئۇسۇلىدا بەلگىلىك پ

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدۇ

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ تورغا چىقىپ بۇ بىر جۈملە سۆزنى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ باقسىڭىز، شۇھام

ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇشتا بۇ ئامىللارنى ئويلاشتىڭىزمۇ

دۆلىتىمىز ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋىتىلگەندىن كىيىن، 70،80،90-يىللىرى تۇغۇلغان كىشىلەر توپىنىڭ ھەرخىل ئىنكاس

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号