ھامىيلە ئانىسىنىڭ قوسىقىدىكى ۋاقتىدا نىمىلەردىن قورقىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5733:ئادەم ئۆگەندى
   بوۋاق تۇغۇلۇشنىڭ ئالدىدا، ئانىسىنىڭ قوسىقىدا ئون ئاي ئەتراپىدا تۇرىدۇ. كۆپچىلىك، بوۋاقنى ئانىسىنىڭ قوسىقىدىكى ۋاقتىدا ناھايىتى بىخەتەر دەپ ئويلاپ قالماڭ؛ ئەگەر ھامىلدار ئايال ئۆزىنىڭ ھەرىكەت-قىلمىشلىرىغا دىققەت قىلمىسا، چوقۇم قوسىقىدىكى بالىنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
   بوۋاقنىڭ ئانىسىنىڭ قوسىقىدىكى ۋاقىتتا، نىمىلەردىن ئەڭ قورقىدىغىنىنى بىلەمسىز؟
ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىلىدە بۇ ئۈچ ئىشتىن قورقىدۇ
   بىرىنچى ئېيىدا، ئىسپىرما تۇخۇم بىلەن ئۇچراشقاندىن كىيىن، تۇخۇم ئۇرۇقلانغان تۇخۇمغا ئايلىنىدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا، ئىسسىقتىن قورقۇش ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكى بولۇپ، بۇ مەزگىلدە، بوۋاقنىڭ يۈرەك، ئۆپكە، جىگەر، بۆرەك قاتارلىق ئەزالىرى، ئاستا-ئاستاغىنا ھۈجەيرە بۆلۈنۈش جەريانىدا شەكىللىنىدۇ. ھامىلدار ئاياللار، بۇ ۋاقىتتا تىمپىراتۇرسى يۇقىرى ئورۇنلارغا، مەسىلەن، ھور مۇنچا، ئارشاڭ دىگەندەك جايلارغا بارماسلىقى كىرەك. بۇندىن باشقا، بۇ مەزگىلدە ھامىلدار ئايال قىزىپ  قالسىمۇ، بوۋاقنىڭ ساغلام يىتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ھەتتا نىرۋا سېستىمىسى خارەكتىرلىك كىسەللىككە گىرىپتار بولۇپ قېلىش خەۋىپىنى ئاشۇرۋىتىدۇ.
   ئىككىنچى ئېيىدا: تۆرەلمە بىر تال سېرىق پۇرچاق چوڭلۇقىدا بولۇپ، ئۇ ئۆزلۈكسىز تۈردە ئۆسۈپ يىتىلىپ، تەدرىجى ھالدا ھامىيلىگە ئايلىنىدۇ. بۇ ئايدا ھامىلدار ئايالدا بەلكىم ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىللىك ئىنكاسلار كۆرىلىشى مۇمكىن؛ مەسىلەن، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، كۆڭلى ئاينىپ ياندۇرۇش، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق. بۇ مەزگىلدە، قالايمىقان دورا ئىشلىتىشكە قەتئى بولمايدۇ؛ چۈنكى، دورا ئىچىش بەك كۆپ بولۇپ كەتسە ياكى دوختۇرنىڭ جىكىلىشىگە بويسۇنمىسا، بالىدا تۇغۇلما كەمتۈكلۈك پەيدا قىلىپ قويۇشى مۇمكىن.
   ئۈچىنچى ئېيىدا: بۇ ۋاقىتتا بوۋاقنىڭ يۈرەك سوقۇشى پەيدا بولۇپ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تىز سۈرئەتتە ئۆسۈش مەزگىلىگە قەدەم قويىدۇ؛ ھامىلدار ئايالدا قۇسۇپ ياندۇرۇش ئىنكاسى كۆرۈلگەنلىكتىن، ئۇلارنىڭ پۈتكۈل جىسمى ماغدۇرسىزلىق ۋە چارچاش ھىس قىلىدۇ. بۇ مەزگىلدە، ماي بۇسى، مايلىق  ۋە يۇقىرى قەنت تەركىبلىك يىمەكلىكلەرنى ساقلىنىش كىرەك.
ھامىلدارلىق ئوتتۇرا مەزگىلىدىمۇ، ھامىيلە ئۈچ ئىشتىن قورقىدۇ
   تۆتىنچى ئېيىدا، بوۋاقنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارى يىتىلىپ بولىدۇ، شۇڭا ئۇلار بۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، ئانىسىنىڭ يۈرەك سوقۇشىنى ۋە سىرتقى مۇھىتتىكى بەزىبىر يۇقىرىراق ئاۋازلارنى ئاڭلىيالايدۇ. بۇ مەزگىلدە، ھامىلدار ئاياللار، شاۋقۇن-سۈرەن يۇقىرى بولغان جايلارغا بارماسلىقى كىرەك؛ چۈنكى، ھامىيلىنىڭ ئاڭلاش سىزىمى يىتىلىپ بولغان بولغاچقا، ھامىلدار ئايال ئۇلارنى قوغدىمىسا بولمايدۇ.
   بەشىنچى ئېيىدا، ھامىيلە بەزىبىر كىچىك ھەرىكەتلەرنى ئىشلىيەلەيدىغان بولىدۇ ھەمدە تىرىسىدە ئىنچىكە تۈكچىلەر ئۆسۈپ چىقىشقا باشلايدۇ. بۇ مەزگىلدە، ئەگەر ئۇزۇقلۇق كەمچىل بولۇپ قالسا، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىنىڭ ناچار بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھامىلدار ئاياللار يىمەكلىك تاللاشتىن ساقلىنىپ، قوبۇل قىلغان ئۇزۇقلۇقلارنىڭ تەڭپۇڭ بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كىرەك، بۇنىڭدا ئاندىن ھامىيلىنىڭ نىرۋا سېستىمىسىنىڭ يىتىلىشىدە كەمتۈكلۈك پەيدا بولۇپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
   ئالتىنچى ئېيىدا، بوۋاقلار تىز سۈرئەتتە يىتىلىش باسقۇچىغا كىرىدىغان بولۇپ، ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقى بارغانسىرى يوغىناپ كىتىدۇ، شۇڭا بۇ مەزگىلدە ئۇزۇن يوللۇق سەپەرگە چىقماسلىق تەۋسىيە قىلىنىدۇ. بولمىغاندا، بەدەن چارچاپ كىتىش بىلەن بىرگە، تۇرمۇش رېتىمىدىمۇ ئۆزگىرىش كۆرىلىدىغان بولاچقا، ھامىيلىنىڭ بالىياتقۇدىكى ئەھۋالىغا بەلگىلىك تەسىر يەتكۈزىدۇ.
ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە بۇ ئۈچ ئىشقا دىققەت قىلىش كىرەك
   يەتتىنچى ئېيىدا، بوۋاق كۆزىنى ئاچالايدىغان بولىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇلار بارغانسىرى "شوخلىشىپ" كىتىدىغان بولۇپ، ئانىسىنىڭ قوسىقىدا توختىماي مىدىرلاپ، بىردەم جىم ياتمايدۇ. بۇ مەزگىلدە، ھامىيلە ئانىسىنىڭ بىئارام بولۇپ ئازاپلىنىشىدىن ئەڭ قورقىدۇ. ئەگەر ھامىلدار ئايال زىيادە غەم ئەندىشە قىلىپ، ئۆزىگە بولغان روھى بېسىمنى يۇقىرىلىتىۋالسا، ھامىيلىنىڭ جىسمانى ۋە روھى جەھەتتىكى يىتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
   سەككىزىنچى ئېيىدا، بوۋاقنىڭ پۇت قوللىرى ۋە ئىچكى ئەزالىرى ئاساسەن يىتىلىپى بولىدىغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ئۇلار، چوڭ مىڭىسىنى يىتىلدۈرۈشكە باشلايدۇ. سىرتتىن قارىغاندا، ئانىسىنىڭ قوسىقى ناھايىتى بەك يوغىناپ، ھەرىكىتى ئاستىلاپ كىتىدۇ، بەزىبىر بەدەن ساپاسى تۆۋەن ھامىلدار ئاياللارنىڭ ھەتتا قان بېسىمى ئۆرلەپ كىتىشكە باشلايدۇ. بۇ ۋاقىتتا، ھامىلدار ئاياللار ئېغىر ھەرىكەت قىلماي، ئارام ئېلىشنى ئاساس قىلىشى كىرەك.
   توققۇزىنچى ئېيىدا، بۇ ۋاقىتتا، ئىشىنىمەنكى ھامىلدار ئاياللار تۇغۇشقا تەييارلىق كۆرۈشكە باشلاپ، قوللىرىدىكى ئىشلىرىنى تۈگىتىپ ياكى تاشلاپ، مەخسۇس بوۋاقنىڭ دۇنياغا كۆز ئېچىشىنى كۈتىۋىلىش ئۈچۈن تەييارلىنىدۇ. بوۋاقمۇ بۇ ۋاقىتتا تەييارلىنىپ بولغان بولۇپ، ئۇلار ئانىسىنىڭ قوسىقىدىكى ئەڭ ئاخىرقى خاتىرجەم مىنۇتلىرىدىن ھۇزۇرلانغاچ، ھەرۋاقىت ئانىسى بىلەن يۈز كۆرۈشۈشكە تەييار تۇرىدۇ.
   بۇ ۋاقىتتا، ھامىلدار ئايال ھەرگىز ئالدىراپ كەتمەسلىكى ھەمدە بەك ئارتۇقچە غەم ئەندىشە قىلىپ كەتمەسلىكى كېرەك؛ بۇ ۋاقىتتا، ئۇلار پەقەت روھى ھالىتىنى ياخشى تەڭشەپ، ماغدۇر توپلاپ تۇغۇش ئۈچۈن تەييارلىنىپ تۇرسىلا بولىدۇ.

يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى نىمىنى بىلدۈرىدۇ؟

بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلغان ۋاقىتتىكى بەدەن ئېغىرلىقى ئوخشاش بولمايدۇ؛ ئادەتتە بەش جىڭ، ئالتە، يەتتە جىڭ، سەككىز جىڭ تۇغۇلىدىغانلارمۇ بار؛ ئ

تۇغۇتتا ئەگەشمە كىسەللىك قالغان قالمىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز

ئاياللار تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن ئىنتايىن ئاجىزلىشىپ كىتىدىغان بولۇپ، بىرەر ئەگەشمە كىسەللىك قېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ياخشى كۈتۈنۈشى لا

بوۋاقلار قانچىلىك بولغاندا چوڭلارنىڭ تامىقىنى يىسە بولىدۇ

ئادەتتە چوڭلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى، تەم سەزگۈ ئەزاسى ۋە ئاشقازان-ئۈچەيلىرى پۈتۈنلەي يىتىلىپ بولغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تامىقى چوڭ پارچە ھە

ئوپراتسىيە قىلىپ تۇغدۇرغان ۋە ئانىسى ئۆزى تۇغقان بالىنىڭ پەرقى

ئادەتتە ئاياللارنىڭ تۇغۇتى ئىككى خىلغا بۆلىنىدۇ: ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇش ۋە ئۆزى تەبىئى تۇغۇش؛ بۇ ئىككى خىل تۇغۇت ئۇسۇلىدا بەلگىلىك پ

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدۇ

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ تورغا چىقىپ بۇ بىر جۈملە سۆزنى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ باقسىڭىز، شۇھام

ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇشتا بۇ ئامىللارنى ئويلاشتىڭىزمۇ

دۆلىتىمىز ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋىتىلگەندىن كىيىن، 70،80،90-يىللىرى تۇغۇلغان كىشىلەر توپىنىڭ ھەرخىل ئىنكاس

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号