بوۋاقلار توغرىسىدىكى سىز بىلىپ كەتمەيدىغان ساۋاتلار
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 7704:قېتىم كورۇلدى
   ھەمىشە، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشىنى تەبىئى ھالىتىگە قويۇپ بىرىش كىرەك دەيمىز؛ بىراق بۇ، ئاتا-ئانىلارنىڭ ھېچنىمە بىلەن چاتىغى بولمىسىمۇ بولىدىغانلىقىدىن دىرەك بەرمەيدۇ! ئەكسىچە، بەزى ئىشلارنى چوقۇم قىلىشىمىز ھەمدە ۋاقتىدا قىلىشىمىز ۋە نىشانلىق ئاساستا قىلىشىمىز كىرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن، بالا بېقىپ چوڭ قىلىش، ئەزەلدىنلا ئوڭاي بولغان بىر ئىش ئەمەس. ئۇنداقتا، بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، بالا تەربىيەلەش توغرىسىدىكى ئاتا-ئانىلار تازا بىلىپ كەتمەيدىغان ساۋاتلارنى سۆزلەپ ئۆتىمىز.
يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ تىزى بولمايدۇ
   بوۋاق يىڭى تۇغۇلغان ۋاقىتتا، تىز لىپىكىگە ئوخشاپ كىتىدىغان كۈمۈرچىكى بار بولسىمۇ، ئەمما 7-6ئايلىق بولۇپ ئۆمىلەشكە باشلىغان ۋاقتىدا ئاندىن تىز لىپىكى يىتىلىدۇ.
بوۋاقلار يېقىننى كۆرەر كۆز
   بوۋاقلار يىڭى تۇغۇلغان ۋاقىتتا، ئۇلار يېقىننى كۆرەر كۆز بولۇپ، ئەگەر كۆرۈش قۇۋۋىتى بويىچە ئۆلچىگەندە، ئۇلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى تەخمىنەن 0.05 بولىدۇ. بىراق نۇرغا قارىتا ئىنكاس بار بولۇپ، كۆزلىرىگە نۇر چۈشكەندە كۆزلىرى قىسىلىدۇ.
بوۋاقلارنىڭ پۇت-قوللىرى ئاسانلا مۇزلايدۇ
   بوۋاقلاردا قوڭۇر رەڭلىك مايلار ئاز، ئۇنىڭ ئۈستىگە قان ئايلىنىشى نىسبەتەن ناچار بولۇپ، بۇنىڭغا بوۋاقلارنىڭ بەدەن تىمپىراتۇرسىنى تەڭشەش ئىقتىدارى تۇلۇق يىتىلىپ بولالمىغانلىقى قوشۇلۇپ، بوۋاقنىڭ پۇت-قوللىرىنىڭ ئاسانلا مۇزلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بوۋاقلار يىغلاش ئارقىلىق مۇۋەپپىقىيەت تۇيغۇسىغا ئىرىشىدۇ
   بەزى بوۋاقلار، يىغلاش ئارقىلىق ئۆزمەننىڭ مۇۋەپپىقىيەت تۇيغۇسىنى قانائەتلەندۈرىدۇ، شۇڭا بۇنداق بوۋاقلار يىغلاپ بولغاندىن كىيىن سىزگە قاراپ كۈلۈشكە باشلايدۇ. ئادەتتە، بوۋاق تۇغۇلۇپ ئىككىنچى ئېيىدىن باشلاپ، ئاتا-ئانىلار بۇ خىل پەرقنى ھىس قىلىپ يىتەلەيدۇ.
بوۋاقلار ناتۇنۇش ھەرىكەت ۋە چىراي ئىپادىسىدىن قورقىدۇ
   چوڭلار بوۋاققا ناتۇنۇش بولغان ھەرىكەتلەرنى ئىشلىسە ياكى چىراي ئىپادىلىرىنى كۆرسەتسە، بوۋاقتا قورقۇپ كىتىش ئىپادىسى كۆرىلىدۇ ياكى قورقۇپ يىغلاپ كىتىدۇ. بىراق، ئۇلارنىڭ بۇ خىل قورقۇنچلۇق خاتىرسى، ئىنتايىن قىسقا ۋاقىتلىق بولىدۇ.
تۇنجى كۆرگەن ئادەمنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ
    6-4ئايلىق بوۋاقلار ئادەم تۇنۇشقا باشلايدىغان بولۇپ، بىللە تۇرغان ۋاقتى ئۇزۇن بولغانسىرى، ئۇ ئادەمنى شۇنچە مۇھىم دەپ بىلىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، بوۋاق ئادەتتە ئۇخلاپ ئويغانغاندىن كىيىن تۇنجى كۆرگەن ئادىمىنى ئىسىدە ساقلاپ قالىدۇ.
بىر ئايلىققا توشمىغان بوۋاق يىغلىغاندا كۆزىدىن ياش چىمايدۇ
   بۇرۇن ياش كانىلىنىڭ ئاخىرقى ئۇچىنىڭ بۇرۇن بوشلۇقىغا يېقىن قىسمىدا نىپىز بىر پەردە بار بولۇپ، بوۋاق تۇغۇلغان ۋاقىتتا ئېچىلىپ، ياش كانىلى بوۋاقنىڭ كۆزىنىڭ راھەت تۇرىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ؛ بىراق، پەقەت ۋاقتىنچە كۆز يېشى ئاجرىتىپ چىقارمايدۇ.
قانچە چارچىغانسىرى شۇنچە بەك ھاياجانلىنىپ كىتىدۇ
   بوۋاقنىڭ ئويغانغان ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولغانسىرى ھەمدە قانچە بەك چارچىغانسىرى، ئۇ شۇنچە بەك ھاياجانلىنىپ كىتىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، بوۋاقلار بەك چارچاپ كەتسە ئۇخلىيالماي قالىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا ئۇنى ئۇخلىتىمەن دىسەك، ئۇ قارشىلىق كۆرسىتىدۇ، بىراق ئۆزىنى بېسىۋالغاندىن كىيىن يەنىلا قاتتىق ئۇيقۇغا كىرىپ كىتىدۇ.
بوۋاقلارنىڭ بويى بىر يىلدا 20سانتىمىتىر ئۆسىدۇ
   نورمال بوۋاق، ئادەتتە تۇنجى يىلى ئوتتۇرا ھىسابتا تەخمىنەن 20سانتىمىتىر ئۆسىدىغان بولۇپ، بۇ بىر خىل تىز سۈرئەتتە ئۆسۈش مەزگىلى ھىسابلىنىدۇ؛ بالىياتقۇدىكى مەزگىلدىكى ئۆسۈش دەرىجىسى ۋە ئۇزۇقلۇق يىتەرلىك بولۇش ئەھۋالى، بوۋاق تۇغۇلغان دەسلەپكى ئىككى يىلدىكى، ئۇنىڭ بوي ئېگىزلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىلدۇر.
ئادەمنى كونتىرول قىلىش ئالاھىدە ئىقتىدارنى ئۆگىنىۋالىدۇ
   بوۋاق ئالتە ئايلىق بولغاندىن باشلاپ، سىزنىڭ گەپ قىلىشىڭىزنى دوراشقا باشلايدىغان بولۇپ، ئاۋازنىلا ئەمەس يەنە ئاھاڭنىمۇ دورىيالايدۇ. ئۇ يەنە باشقىلارنى كونتىرول قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆگىنىدۇ؛ مەسىلەن، چوڭلارنىڭ ھىسداشلىق قىلىش پىسخىكىسىدىن پايدىلىنىپ، يىغلاش ئارقىلىق چوڭلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىدۇ ھەمدە كىمنىڭ ئۇنىڭ يىغلىغانلىقى سەۋەبلىك ئۇنى قۇچىقىغا ئېلىپ كۆتىرىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

ھامىلدار ئايالنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىنىڭ ھامىيلىگە تەسىرى زور

ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىدا باشقا بىر كىچىك ھاياتلىق بار بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەرىكەت-قىلمىشلىرى، قوساقتىكى بالىنىڭ بىخەتەرلىكىگ

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بۇ تۆت خىل كىيىم بالىلارنىڭ يەسلىدە كىيىشىگە ماس كەلمەيدۇ

بالىسى تۇغۇلغاندىن كىيىن، ئانىلار ياسىنىشقا ئەھمىيەت بىرىدىغان بولۇشقا باشلايدۇ؛ بىراق، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەمەس، بەلكى بالىسىنىڭ ياسىنىش

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

بالىنىڭ گېلى ئاغرىپ قالغاندا قانداق ئۇزۇقلىنىشى كىرەك

بوۋاقلار ئادەتتە ئۆزىنىڭ گېلىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز بولغاچقا، ئەگەر ئۇلار توختىماي يىغلاپ، سۈت ئىچىشكە ئۇنىمىس

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号