دادىنىڭ ئەندىزىسى بالىنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6045:قېتىم كورۇلدى
   تۇرمۇشتا نۇرغۇن كىشىلەر، ئانىنىڭ بالىغا ھەمرا بولىدىغان ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن، شۇڭلاشقا بالىلارنىڭ مۇنەۋۋەر بولۇش بولماسلىقى ئانا بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، بالا ئەگەر بىرەر يامان ئادەتنى يىتىلدۈرۋالسا، ھەممەيلەن بىرىنچى بولۇپ ئانىسىنى ئەيىبلىشىدۇ. ئەمىلىيەتتە، ئائىلە تەربىيەسى ئىچىدە دادىنىڭ تەسىرى ئىنتايىن زور بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەندىزىسى بەلگىلىك دەرىجىدە بالىنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدۇ. بولۇپمۇ، تۆۋەندىكى ئۈچ خىل دادا يىتىشتۈرگەن بالا، كەلگۈسىدە تېخىمۇ ياراملىق ئادەم بولۇپ يىتىشىپ چىقىدۇ.
ۋاقىت سەرپ قىلىپ بالىسى بىلەن ئويناشنى خالايدىغان
   تۇرمۇشتا، بەزى دادىلار ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سىرتتا ئىشلەپ پۇل تېپىش، ئۆيدىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى، جۈملىدىن بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشمۇ ئانىنىڭ ئىشى دەپ قارايدۇ. گەرچە دادىلارنىڭ سىرتتا تىرىشىپ ئىشلەپ پۇل تېپىشى، ئانا-بالا ئىككەيلەننى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش شارائىتىغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن بولسىمۇ، ئەمما بالىسىنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىش جەريانىدا ھەمىشە كەم بولۇپ قېلىپ بالىسىغا ھەمرا بولۇشى يىتەرلىك بولالمىسا، بالىسىنىڭ خارەكتىرى ئاسانلا قورقۇنچاق، ئۆزىنى كەمسىتىدىغان، ھەتتا مەسئۇلىيەتسىز بولۇپ قالىدۇ. ئەكسىچە، بالىسىغا ھەمرا بولۇپ ئويناشنى ياخشى كۆرىدىغان، دائىم ۋاقتىنى چىقىرىپ بالىسىغا ھەمرا بولىدىغان دادىلار تەربىيەلەپ چىققان بالىنىڭ خارەكتىرى بولسا، ئۆزىگە تېخىمۇ ئىشىنىدىغان، ئۈمىدۋار، ئۇچۇق ھەم شوخ كىلىدۇ، بۇنداق بالىلار كەلگۈسىدىمۇ تېخىمۇ ياراملىق ئادەم بولىدۇ.
ئۆيىدە چوڭ ئەرلىك ئىدىيىسىنى كۆرسەتمەيدىغان
   بەزى ئەرلەر، سىرتلاردا چوڭ ئەرلىك ئىدىيىسىنى تەرغىپ قىلىپلا قالماي، ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىنمۇ ئۆز خاھىشى بويىچە ئىش كۆرۈپ، ھەرقانداق ئىقا ئانىنى بۇيرۇيدۇ، ئانىنىڭ ھەرقانداق ئىشتا ئۆزىنىڭ رايىغا بېقىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، بەزىدە ھەتتا بۇ سەۋەپلىك ئانا بىلەن سوقۇشۇپ جىدەل قىلىدۇ. دادا دائىم بۇنداق قىلىۋەرسە، بالىمۇ ئۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، كاللىسىدا چوڭ ئەرلىك ئىدىيىسى شەكىللىنىپ قالىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، كىيىن بالا توي قىلغاندىن كىيىن دادىسىنى دوراپ قالىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ كىيىنلىك تۇرمۇشىغا پايدىسىز بولىدۇ. ئەكسىچە، ئۆيدە چوڭ ئەرلىك ئىدىيىسىنى تەرغىپ قىلمايدىغان، ئايالىنى ھۆرمەت قىلىدىغان دادىلار، بالىغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ، بالىسى چوڭ بولغاندا تېخىمۇ ياراملىق ئادەم بولىدۇ.
مەسىلىلەرگە يولۇققاندا بالىغا داۋلى سۆزلەيدىغان
   بەزى دادىلار، بالىسىنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىنى كۆرسە، ئۇرۇپ تىللايدۇ ياكى ئەيىبلەپ كىتىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋال ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشسا، بالىنىڭ جىسمانى ۋە روھى جەھەتتىكى ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئەكسىچە، ئەگەر بالا خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويسا، دادا ئۇنىڭغا داۋلى چۈشەندۈرسە، بالا بۇ جەرياندا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالىدۇ، ئۆسۈپ-يىتىلىشىمۇ تېخىمۇ تىز بولىدۇ.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

ھامىلدار ئايالنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىنىڭ ھامىيلىگە تەسىرى زور

ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىدا باشقا بىر كىچىك ھاياتلىق بار بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەرىكەت-قىلمىشلىرى، قوساقتىكى بالىنىڭ بىخەتەرلىكىگ

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بۇ تۆت خىل كىيىم بالىلارنىڭ يەسلىدە كىيىشىگە ماس كەلمەيدۇ

بالىسى تۇغۇلغاندىن كىيىن، ئانىلار ياسىنىشقا ئەھمىيەت بىرىدىغان بولۇشقا باشلايدۇ؛ بىراق، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەمەس، بەلكى بالىسىنىڭ ياسىنىش

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

بالىنىڭ گېلى ئاغرىپ قالغاندا قانداق ئۇزۇقلىنىشى كىرەك

بوۋاقلار ئادەتتە ئۆزىنىڭ گېلىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز بولغاچقا، ئەگەر ئۇلار توختىماي يىغلاپ، سۈت ئىچىشكە ئۇنىمىس

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号