بوۋاقلاردىكى سۈتنى ياندۇرۋىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 10535:قېتىم كورۇلدى
   يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا، ئاتا-ئانىسى ھەرقانچە كۆڭۈل قويۇپ كۈتسىمۇ، ئۇلاردا يەنىلا بەزىبىر ھەل قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلىلەر كۆرىلىدۇ؛ مەسىلەن، ئەمگەن سۈتنى ياندۇرۋىتىش، ئاتا-ئانىلار كۆپ ئۇچرايدىغان مەسىلىنىڭ بىرىدۇر.
   ئوخشاش بولمىغان بالىلارنىڭ يىتىلىش ئەھۋالىمۇ ئوخشاش بولمايدىغان بولۇپ، سۈتنى ياندۇرۋىتىش ئەھۋالىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ؛ بەزىلىرىدە ياندۇرۋىتىش يىنىك بولىدۇ، ھەتتا ياندۇرمايدۇ؛ يەنە بەزىلەردە بولسا ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، سۈتنى بۇ تەرەپتىن ئىمىپ بولۇپلا ئۇ تەرەپتىن ياندۇرۋىتىدۇ. ئۇنداقتا، ئاتا-ئانىلار بۇنىڭغا قارىتا قانداق چارىلەرنى قوللىنىشقا بولىدۇ؟
   ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، ئادەتتە بىز، بالىلارنىڭ سۈتنى ياندۇرۋىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ دۈمبىسىگە يىنىك ئۇرۇپ ھېق تۇتۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىمىز؛ ئەمىلىيەتتە، بۇنىڭدىن باشقا، ئاتا-ئانىلار بۇ مەسىلىنى تۈپ مەنبەسىدىن—يەنى، ئىمىتىش ھالىتى، ئىمىتىش مىقدارى قاتارلىق جەھەتلەردىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، بوۋاقتا سۈتنى ياندۇرۇش ھادىسىسى كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ.
ئىمىتىش ھالىتىگە دىققەت قىلىش
   بوۋاقنىڭ يېشى كىچىك بولغاچقا، ئۇلارنى ياتقۇزۇپ قويۇپ ئىمىتىشكە ماس كەلمەيدۇ، خەتىرى نىسبەتەن چوڭ بولىدۇ. ئانىلار بوۋاققا سۈت ئەمگۈزگەن ۋاقىتتا، ئۆزى ئولتۇرغان ھالەتتە بوۋاقنى قۇچىقىغا ئېلىپ، بوۋاقنى قۇچىقىدا 45گىرادوس ھالەتتە ياتقۇزۇپ ئىمىتسە بولىدۇ؛ بۇ ھالەت، بوۋاقنىڭ ئاشقازىنىدىكى سۈتنىڭ ئۈچەي يولىغا كىرىشىگە پايدىلىق بولۇپ، سۈتنى ياندۇرۋىتىش ئىھتىماللىقىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
مۇۋاپىق ئىمىزگە تاللاش
   ئەگەر بوۋاققا سۈت پاراشوكى ئىمىتسەك، ئۇنداقتا ئىمىزگىنى تاللاشتىمۇ دىققەت قىلماي بولمايدۇ. ئىمىزگە بەك كىچىك بولۇپ كەتسە، بوۋاق تېخىمۇ كۈچلۈك شوراش كۈچىگە ئىھتىياجلىق بولۇپ قېلىپ، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، سۈت بىلەن بىللە تېخىمۇ كۆپ ھاۋا ئۇلارنىڭ ئاشقازىنىغا كىرىپ كىتىدۇ؛ ئەگەر بەك چوڭ بولۇپ كەتسە، بالا ئاسانلا توقۇپ كىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىمىزگىنىڭ چوقۇم مۇۋاپىق كىلىدىغىنىنى تاللاش كىرەك.
ئىمىتىش مىقدارىنى كونتىرول قىلىش
   بەزى ئاتا-ئانىلار، بوۋاق قانچە كۆپ ئەمسە شۇنچە ياخشى دەپ قارايدۇ، ئەمىلىيەتتە بۇنداق ئەمەس. بوۋاقلارنىڭ ئەسلىدە قوبۇل قىلىشقا تىگىشلىك سۈت مىقدارى 70مىللىلىتىر بولسا، بىراق ئاتا-ئانىلار ئۇلارغا 100مىللىلىتىر سۈت ئەمگۈزسە، ئۇزۇقلۇق زىيادە ئېشىپ كىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، سۈتنى ياندۇرۋىتىش ئىھتىماللىقى ئېشىپ كىتىپلا قالماي، بوۋاقنىڭ ئاشقازان-ئۈچىيىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىپ، سېمىزلىك قاتارلىق بىر قاتار ساغلاملىق مەسلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بوۋاقنى ئۇزۇن ۋاقىت ئاچ قويماسلىق
   ئەگەر بوۋاقنىڭ قوسىقى ئۇزۇن ۋاقىت ئاچ قالسا، چوقۇم يىغلاپ خاپا سالىدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭغا سۈت ئىمىتىمىز دىسەك، ئۇلار ئاسانلا توقۇپ كىتىدۇ ھەمدە ئاسانلا سۈتنى ياندۇرۋىتىدۇ.
يۇيۇنۇشنىڭ ئالدىدا ئىمىتمەسلىك
   ئەگەر ئىمىتىپ بولغاندىن كىيىنلا دەرھال بوۋاقنى يۇيۇندۇرىمەن دىسەك، سۇ تىمپىراتۇرسى بوۋاقنىڭ تىرە يۈزى قىل قان تۇمۇرلىرىنى كېڭەيتىۋىتىپ، بەدىنىدىكى زور مىقداردىكى قانلارنىڭ تىرە يۈزى قىل قان تۇمۇرلىرىغا ئېقىپ كىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك، ئۇلارنىڭ قوساق قىسىمدىكى قان تۇمۇرلاردا ئاقىدىغان قان ئازلاپ، بوۋاقنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ كىتىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، بوۋاقنىڭ ئاشقازان ئۈچىيى ئەسلىدىنلا ئاجىز بولغاچقا، ئاسانلا غىدىقلىنىشقا ئۇچراپ، سۈتنى ياندۇرۇپ چىقىرىۋىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

ھامىلدار ئايالنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىنىڭ ھامىيلىگە تەسىرى زور

ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىدا باشقا بىر كىچىك ھاياتلىق بار بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەرىكەت-قىلمىشلىرى، قوساقتىكى بالىنىڭ بىخەتەرلىكىگ

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بۇ تۆت خىل كىيىم بالىلارنىڭ يەسلىدە كىيىشىگە ماس كەلمەيدۇ

بالىسى تۇغۇلغاندىن كىيىن، ئانىلار ياسىنىشقا ئەھمىيەت بىرىدىغان بولۇشقا باشلايدۇ؛ بىراق، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەمەس، بەلكى بالىسىنىڭ ياسىنىش

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

بالىنىڭ گېلى ئاغرىپ قالغاندا قانداق ئۇزۇقلىنىشى كىرەك

بوۋاقلار ئادەتتە ئۆزىنىڭ گېلىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز بولغاچقا، ئەگەر ئۇلار توختىماي يىغلاپ، سۈت ئىچىشكە ئۇنىمىس

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号