بۇ ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە تۇغۇت ۋاقتى ئالدىغا سۈرۈلىشى مۇمكىن
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6636:ئادەم ئۆگەندى
   ھامىلداربولغاندىن كىيىن، ئاياللار ھەمىشە ئىنتايىن بەك جىددىلىشىپ كىتىدۇ؛ بولۇپمۇ تۇغۇتى يېقىنلاشقان نەچچە كۈندە، گەرچە نىسبەتەن ئىنىق بولغان تۇغۇت ۋاقتىنى بىلسىمۇ، ئەمما يەنىلا نۇرغۇنلىغان جەزىملەشتۈرگىلى بولمايدىغان ئامىللار تۇغۇت ۋاقتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بولغاچقا، بەزىدە ئالدىدا پەرەز قىلغان تۇغۇت ۋاقتى توغرا چىقماي قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ھامىلدار ئاياللار ئۆزىنىڭ بەدىنىدىكى بەزىبىر ئۆزگىرىشلەرگە ئاساسەن، بالىنىڭ تۇغۇلۇش ۋاقتىغا ھۆكۈم قىلالايدۇ.
قوساق شەكلى ئۆزگىرىش
   بوۋاق تۇغۇلىدىغان ۋاقىت يېقىنلىشىپ قالغانسىرى، ھامىيلە ئورنى تۆۋەنگە يۆتىلىدۇ؛ بۇ ئەھۋال، ھامىلدار ئايالنىڭ تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق تۇغۇش ئۈچۈن قىلغان تەييارلىقى بولۇپ، بالا تۇغۇلغىلى تەقەززا بولۇپ كەتكەندەك بىر خىل تۇيغۇ بىرىدۇ. ھامىيلە ئورنىنىڭ ئۆزگىرىشى، ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىنىڭ شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن دىرەك بىرىدىغان بولۇپ، ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقى ئۆزلۈكسىز تۈردە يوغىنايدۇ، بۇنىڭغا باش سۈيىنىڭ پۈتۈن بالىياتقۇغا تولۇپ كىتىشى قوشۇلۇپ، ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقى يۇمىلاق توپقىلا ئوخشاپ قالىدۇ؛ بىراق، تۇغۇت يېقىنلاپ قالغاندا، ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقى خۇددى چوڭ ئاپلىسىنغا ئوخشاش، ئاستى قوساق قىسىم بۆرتۈپ چىقىپ قالىدۇ.
كىچىك قوساق قىسىم تۆۋەنگە چۈشۈپ ئاغرىق سىزىمى پەيدا بولىدۇ
   ھامىيلە ئورنىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ھامىلدار ئايالدا كىچىك قوساق قىسمى تۆۋەنگە ساڭگىلاپ قالغاندەك تۇيغۇ پەيدا بولىدۇ؛ بۇ ئەھۋال، ھامىيلە ئورنىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكى سەۋەبىدىن بولىدۇ. بۇندىن باشقا، ھامىلدار ئايالنىڭ جىنسىي ئەزاسىدا ئاغرىق سىزىمى پەيدا بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە، ھامىلدار ئايال ئەنسىرەپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ، بالنىڭ تۇغۇلىشىغا ئەگىشىپ ئۆزلىكىدىن ياخشىلىنىپ كىتىدۇ.
تولغاق تۇتۇش قېتىم سانى كۆپىيىدۇ
   ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىلىدىن باشلاپ، ھامىلدار ئايالدا ناگاندا بىر ساختا تولغاق كۆرىلىدۇ؛ گەرچە ھەقىقى تولغاققا ئوخشاش ئۇنداق ھامىلدار ئايالنى قاتتىق قىينىۋەتمىسىمۇ، ئەمما بەلگىلىك بىئاراملىق ئېلىپ كىلىدۇ. دەسلىۋىدە، بۇ خىل تولغان نەچچە ئون كۈندە بىرەر قېتىم كۆرۈلىشى مۇمكىن؛ ئەمما بوۋاقنىڭ تۇغۇلۇش ۋاقتى يېقىنلىشىپ قالغاندا، ساختا تولغاق بارغانسىرى كۆپ كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. ئەمىلىيەتتە بۇ، بەدەننىڭ بىر خىل مۇداپىئە مىخانىزىمىز ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، ھامىلدار ئاياللار بۇنى، بەدەننىڭ تۇغۇت ئالدىدىكى تەييارلىقى دەپ چۈشەنسە بولىدۇ. ھامىلدار ئاياللار ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە، تولغاقنىڭ قېتىم سانىغا كۆپرەك دىققەت قىلىش كىرەك؛ ئەگەر تولغاق بارغانسىرى كۆپەيسە ھەمدە قانۇنىيەتسىز كۆرۈلۈشكە باشلىسا، ئۇنداقتا بۇ ئەھۋال، بوۋاقنىڭ تۇغۇلۇش ۋاقتىنىڭ ناھايىتى يېقىنلاپ قالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
كىچىك تەرەت قېتىم سانى كۆپىيىش
   ھامىيلە ئورنىنىڭ ئۆزگىرىشى دوۋساققا تەسىر يەتكۈزىدىغان بولۇپ، ھامىلدار ئاياللاردا توختىماي كىچىك تەرەت قىستايدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ؛ بەزى بوۋاقلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى نىسبەتەن ئېغىر بولسا، ھامىلدار ئايال ھامىلدارلىق مەزگىلىدە يەنە تېخى سۈيدۈك يولى كىسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، بۇنداق ئەھۋالدا كىچىك تەرەت قېتىم سانى كۆپىيىش ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ. بىراق، ئەگەر ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە كىچىك تەرەت قان ئارىلاش كىلىدىغان ئەھۋال كۆرۈلسە، بۇ بەلكىم دوۋساقتا يېرىلىش كۆرۈلگەنلىكىدىن دىرەك بىرىشى مۇمكىن بولۇپ، ھامىلدار ئايال ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنىشى كىرەك.
يۇقارقى نەچچە تۈرلۈك ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بۇ، بوۋاقنىڭ تۇغۇلۇش ۋاقتىنىڭ ئىنتايىن يېقىنلاپ قالغانلىقىدىن دىرەك بىرىدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا، ھامىلدار ئايال كۆپرەك دىققەت قىلىشى، تۇغۇت ئۈچۈن پۇختا تەييارلىق قىلىشى كىرەك.

يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى نىمىنى بىلدۈرىدۇ؟

بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلغان ۋاقىتتىكى بەدەن ئېغىرلىقى ئوخشاش بولمايدۇ؛ ئادەتتە بەش جىڭ، ئالتە، يەتتە جىڭ، سەككىز جىڭ تۇغۇلىدىغانلارمۇ بار؛ ئ

تۇغۇتتا ئەگەشمە كىسەللىك قالغان قالمىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز

ئاياللار تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن ئىنتايىن ئاجىزلىشىپ كىتىدىغان بولۇپ، بىرەر ئەگەشمە كىسەللىك قېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ياخشى كۈتۈنۈشى لا

بوۋاقلار قانچىلىك بولغاندا چوڭلارنىڭ تامىقىنى يىسە بولىدۇ

ئادەتتە چوڭلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى، تەم سەزگۈ ئەزاسى ۋە ئاشقازان-ئۈچەيلىرى پۈتۈنلەي يىتىلىپ بولغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تامىقى چوڭ پارچە ھە

ئوپراتسىيە قىلىپ تۇغدۇرغان ۋە ئانىسى ئۆزى تۇغقان بالىنىڭ پەرقى

ئادەتتە ئاياللارنىڭ تۇغۇتى ئىككى خىلغا بۆلىنىدۇ: ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇش ۋە ئۆزى تەبىئى تۇغۇش؛ بۇ ئىككى خىل تۇغۇت ئۇسۇلىدا بەلگىلىك پ

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدۇ

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ تورغا چىقىپ بۇ بىر جۈملە سۆزنى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ باقسىڭىز، شۇھام

ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇشتا بۇ ئامىللارنى ئويلاشتىڭىزمۇ

دۆلىتىمىز ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋىتىلگەندىن كىيىن، 70،80،90-يىللىرى تۇغۇلغان كىشىلەر توپىنىڭ ھەرخىل ئىنكاس

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号