بۇ ئىككى خىل قان تىپىدىكى ئاياللار ھامىلدارلىقتا ئىھتىيات قىلىڭ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5772:ئادەم ئۆگەندى
   ھەممىمىز مەلۇملۇق، ئادەمنىڭ قان تىپى، Aتىپلىق، Bتىپلىق، ABتىپلىق ۋە Oتىپلىق دەپ ئايرىلىدۇ؛ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئوخشاش بولمىغان قان تىپى بىرىكسە، بالىنىڭ قان تىپىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
   ئانا بىلەن بالىنىڭ قان تىپى ئوخشاش بولمىسا، ھامىلدارلىق ۋاقىتتا نىمە ئۈچۈن چەتكە قېقىش ئىنكاسى كۆرۈلمەيدۇ؟ قانداق ئەھۋال ئاستىدا، ئاندىن يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقتا قان ئىرىش كىسەللىكى كۆرىلىدۇ؟
  ھەممىمىز بىلىمىز، ھامىلدار ئايال بىلەن ھامىيلە، ھامىيلە ھەمرىيى ئارقىلىق ماددا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارىدۇ، شۇڭا ئىككەيلەننىڭ قان سۇيۇقلۇقى بىۋاستە ئارىلاشمايدۇ. قان تىپى تەبىئى ئانتىتىلاسى، ھامىيلە ھەمرىيىدىن ئۆتەلمەيدىغان بولغاچقا، ھامىيلىنىڭ قان ھۈجەيرىلىرىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتالمايدۇ. ئۇنداقتا، نىمە ئۈچۈن قان ئىرىش كىسەللىكى كۆرىلىدۇ؟
   يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى قان ئىرىش كىسەللىكى، ئانا بىلەن بوۋاقنىڭ قان تىپى كىلىشمىگەنلىكتىن، ئانا بالا ئوتتۇرسىدا ئانتىگىن ئانتىتىلاسى رىئاكسىيىسى پەيدا قىلىپ، ھامىيلىنىڭ قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئوخشاش تۈردىكى ئىممونت خارەكتىرلىك كىسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ.
   ئادەتتە يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار قان ئىرىش كىسەللىكىدە، تۆۋەندىكى ئەھۋاللار بىرقەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ:
   1. ئانا Oقان تىپى، دادا Aقان تىپى، بالا Aقان تىپى؛
   2. ئانا Oقان تىپى، دادا Bقان تىپى، بالا Bقان تىپى؛
   3. ئانا Oقان تىپى، دادا ABقان تىپى، بالا ABقان تىپى.
   كۆپچىلىككە تۇنۇشلۇق بولغان ABOقتن تىپىدىن باشقا، يەنە بىر يۈرۈش قان تىپى سېستىمىسى—Rh قان تىپى سېستىمىسى بار بولۇپ، Rhمەنپى قان  ۋە Rhمۇسپەت قان دەپ ئايرىلىدۇ؛ Rhمەنپى قان بولسا، ئادەتتە "مۈشۈكئېيىق قېنى" دەپ ئاتىلىدىغان قان تىپىدۇر.
   Rhقان تىپىنىڭ قان ئىرىش پىرىنسىپى ABOقان تىپىغا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئەگەر ئانا Rhمەنپى قان تىپى بولسا، ئەمما دادا Rhمۇسپەت قان تىپى بولسا، تۇغۇلغان بالىسى ئاسانلا يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار قان ئىرىش كىسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ.
  ئىككىسىنىڭ ئوخشىمايدىغان يىرى، ئالدىنقىسىنىڭ كىسەللىك ئەھۋالى نىسبەتەن يىنىك بولىدۇ، كىيىنكىسىنىڭ بىرقەدەر ئېغىر بولىدۇ؛ ئالدىنقىسىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ، يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار قان ئىرىش كىسەللىكىنىڭ %90دىن يۇقىرىسى، ABOقان تىپى ماس كەلمەيدىغان ئانا-بالىلار ئارىسىدا كۆرىلىدۇ.
   خۇشال بولۇشقا ئەرزىيدىغىنى، Oقان تىپىدىكى ئاياللار بىرىنچى قېتىم ھامىلدار بولغان ۋاقىتتا، تۇغۇلغان بوۋىقىنىڭ قان ئىرىش كىسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن بولىدۇ. شۇڭلاشقا، بۇ خىل قان تىپىدىكى ئاياللار، تۇنجى قېتىملىق ھامىلدارلىقىنى ياخشى قەدىرلەپ، تۇنجى قېتىملىق ھامىيلىنى ئەڭ ياخشىسى ئالدۇرۋەتمەسلىكى كىرەك.
   يۇقارقىلارنى خۇلاسىلاپ ئېيتقاندا، Oقان تىپىدىكى ئانا بىلەن Oقان تىپىدىن باشقا قان تىپىدىكى دادا بىرىكسە، قان ئىرىش كىسەللىكى كۆرۈلىشى ناتايىن، كۆرۈلگەن تەقدىردىمۇ، كىسەللىك ئەھۋالى بەك ئېغىر بولۇپ كەتمەيدۇ؛ بۇندىن باشقا، ئىككىنچى قېتىملىق ھامىلدارلىقتا، تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ قان ئىرىش كىسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى بىرىنچى قېتىملىق ھامىلدارلىققا قارىغاندا تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. مۈشۈك ئېيىق قان تىپىدىكى ئانىلار قان ئىرىش مەسىلىسىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كىرەك.
   قانداق قىلغاندا، يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار قان ئىرىش كىسەللىكى كۆرۈلۈشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ؟
   ئالدى بىلەن، ھامىلدار بولۇشنىڭ ئالدىدىكى ھەرخىل تەكشۈرۈشلەرنىڭ ھەممىنى تۇلۇق ئېلىپ بېرىپ، ABO قان تىپى ماس كەلمەيدىغان ئەر-خوتۇنلار ئىچىدىكى ئايال تەرەپنىڭ قېنىدىكى ئانتىتىلانى تەكشۈرۈپ بىكىتىش كىرەك.
   ئىلگىرى قان سېلىش تارىخى ۋە بويىدىن ئاجراپ كىتىش تارىخى بار ئاياللار، تۇغۇتنىڭ ئالدىدا، قان تىپى ۋە قان ئانتىتىلاسى تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىشى كىرەك.
   ھامىيلىدە قان ئىرىش كىسەللىكى بار دەپ ئىنىق دىئاگونوز قويۇلغان ئەھۋال ئاستىدا، قان پىلازمىسىنى ئالماشتۇرۇش تېخنىكىسى ۋە مۇددەتتىن بۇرۇن تۇغۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق بىتەرەپ قىلىشقا بولىدۇ.
   شارائىت يار بەرگەن ئەھۋال ئاستىدا، ھامىلدار ئاياللا ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىملىق بالىسىنى ئىمكان قەدەر ئالدۇرۋەتمەسلىكى كىرەك.

يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى نىمىنى بىلدۈرىدۇ؟

بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلغان ۋاقىتتىكى بەدەن ئېغىرلىقى ئوخشاش بولمايدۇ؛ ئادەتتە بەش جىڭ، ئالتە، يەتتە جىڭ، سەككىز جىڭ تۇغۇلىدىغانلارمۇ بار؛ ئ

تۇغۇتتا ئەگەشمە كىسەللىك قالغان قالمىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز

ئاياللار تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن ئىنتايىن ئاجىزلىشىپ كىتىدىغان بولۇپ، بىرەر ئەگەشمە كىسەللىك قېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ياخشى كۈتۈنۈشى لا

بوۋاقلار قانچىلىك بولغاندا چوڭلارنىڭ تامىقىنى يىسە بولىدۇ

ئادەتتە چوڭلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى، تەم سەزگۈ ئەزاسى ۋە ئاشقازان-ئۈچەيلىرى پۈتۈنلەي يىتىلىپ بولغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تامىقى چوڭ پارچە ھە

ئوپراتسىيە قىلىپ تۇغدۇرغان ۋە ئانىسى ئۆزى تۇغقان بالىنىڭ پەرقى

ئادەتتە ئاياللارنىڭ تۇغۇتى ئىككى خىلغا بۆلىنىدۇ: ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇش ۋە ئۆزى تەبىئى تۇغۇش؛ بۇ ئىككى خىل تۇغۇت ئۇسۇلىدا بەلگىلىك پ

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدۇ

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ تورغا چىقىپ بۇ بىر جۈملە سۆزنى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ باقسىڭىز، شۇھام

ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇشتا بۇ ئامىللارنى ئويلاشتىڭىزمۇ

دۆلىتىمىز ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋىتىلگەندىن كىيىن، 70،80،90-يىللىرى تۇغۇلغان كىشىلەر توپىنىڭ ھەرخىل ئىنكاس

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号