كۈزدىكى بۇ قىلمىشلار بالىلارنىڭ ئىممونت كۈچىنى تۆۋەنلىتىۋىتىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5821:قېتىم كورۇلدى
   بالىلار تېخى يىتىلىش مەزگىلىدە تۇرۋاتقان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ بەدەن ئىممونت سېستىمىسى تېخى تۇلۇق يىتىلىپ بولالمىغان بولىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، بالىلارنىڭ مۇھىتقا ماسلىشىش ئىقتىدارى نىسبەتەن ئاجىز بولغاچقا، ئاتا-ئانىلار سەللا دىققەت قىلماي قالسا، ئاسانلا بالىلارنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يىتىدۇ. بولۇپمۇ كۈز كىرگەندىن كىيىن، ھاۋا بىر ئىسسىق بىر سۇغۇق ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان بولغاچقا، بالىلار تېخىمۇ ئاسان ئاغرىپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ ئىممونت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشىشى لازىم. بىراق، بالىلارنىڭ ئىممونت كۈچىنى ئاشۇرۇشتا، چوقۇم ئىلمى ھەم توغرا ئوسۇلنى  قوللىنىش كىرەك بولۇپ، تۆۋەندىكىگە ئوخشاش قىلمىشلار، ئەكسىچە بالىنىڭ ئىممونت كۈچىنى تۆۋەنلىتىۋىتىدۇ.
بالىنى قارىغۇلارچە بەك قېلىن كىيىندۈرۈش
   كۈز كىرگەندىن كىيىن، ھاۋا تەدرىجى سۇۋۇشقا باشلايدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئاتا-ئانىلار بالىغا كىيىم قوشۇشتا توغرا ئۇسۇلنى قوللىنىش كىرەك؛ يەنى، قول، قوساق قىسمىنى ۋە پۇتىنى ئىسسىق ساقلاشقا، بېشىنى بولسا نىسبەتەن سالقىن ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلسىلا بولىدۇ. ئەگەر بالىغا بەك كۆپ كىيىم كېيگۈزۈپ قويساق، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ئىممونت كۈچىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىمىز. چۈنكى، ئۇلارنىڭ بەدەن مىتابولىزىمى ئەسلىدىنلا تىز بولغاچقا، بۇنىڭغا ئۇلارنىڭ ھەرىكەت مىقدارىنىڭ كۆپلۈكى قوشۇلۇپ، ئاسانلا كۆپ تەرچىقىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى ئىسسىقلىق ۋە تەر سۇيۇقلۇقلىرى ۋاقتىدا چىقىرۋىتىلەلمەي، بالىلاردا ئاسانلا سۇسىزلىنىش ھادىسىسى كۆرىلىدۇ.
ھاۋانى سۇغۇق دەپ بالىنى سىرتقا چىققىلى قويماسلىق
   ھاۋا سۇغۇق ۋاقىتتا، بەزى ئاتا-ئانىلار بالىنى ئىشىكتىن چىققىلى قويمايدۇ؛ چۈنكى ئۇلار، بالا سۇغۇق مۇھىت بىلەن ئۇچراشمىسا، ئۇلارنىڭ كىسەل بولۇپ قېلىش ئىھتىماللىقىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ. بىراق ئۇلارنىڭ بىلمەيدىغىنى، بۇنداق قىلمىش، ئەكسىچە بالىنىڭ ئىممونت كۈچىنى تۆۋەنلىتىۋىتىدۇ ھەمدە بەدەن ساپاسىنىڭ بارغانسىرى ناچارلىشىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بالىلار ئۆزلۈكسىز تۈردە سىرتقى مۇھىت بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرغان ۋاقىتتىلا، ئۇلارنىڭ مۇھىتقا ماسلىشىش ئىقتىدارى ئاندىن يۇقىرى كۆتۈرىلىدىغان بولۇپ، كۈز پەسلىدە سىرتلاردا كۆپرەك ھەرىكەت قىلىپ بىرىش، ئۇلارنىڭ سۇغۇققا قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.
ئۆينىڭ ئىشىك-دەرىزىلىرىنى ھەمىشە ھىم ئىتىپ قويۇش
   ھاۋا سۇۋۇشقا باشلىغاندىن كىيىن، ئاتا-ئانىلار ھەمىشە ئىشىك-دەرىزىنى چىڭ ئىتىپ، سىرتتىكى سۇغۇق ھاۋانىڭ ئۆيگە كىرىشىنى توسىدۇ؛ بىراق، ئىشىك-دەرىزىنى ئۇزۇن ۋاقىت ئىتىپ قويغاندا، ئۆي ئىچى ھاۋاسىنىڭ سۈپتى تۆۋەنلەپ كىتىدۇ. بۇندىن باشقا، ئىشىك-دەرىزىلەرنى چىڭ ئىتىۋالغاندا، ئۆي ئىچىدە ھاۋا ئالمىشىش بولمىغانلىقتىن، بۇنداق ئەھۋالدا باكىرىيە ۋىرۇسلارنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە كۆپىيىشى تېخىمۇ ئاسانلىشىپ، بالىلارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا خەۋپ ئېلىپ كىلىدۇ.
ھەرخىل ئۇزۇقلۇق ماددىلارنى تۇلۇقلاش
   كۈز پەسلىدە، ھاۋا بىر ئىسسپ بىر سۇۋۇپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ؛ بۇ سەۋەپلىك، بەزى ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلارغا ھەرخىل ئۇزۇقلۇق ماددىلىرىنى تۇلۇقلايدىغان قۇۋۋەت يىمەكلىكلىرىنى يىگۈزۈشكە باشلايدۇ. ئادەتتە، بالىلارنىڭ ئىممونت كۈچى گەرچە ئاجىزراق بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ بەدىنى ئۆزلىكىدىن تەڭشەپ كىتەلەيدۇ؛ ئەگەر ئاتا-ئانىلار ئۇلارغا قارىغۇلارچە ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلىسا، ئەكسىچە بالىنىڭ بەدىنىدىكى تەڭشەش مىخانىزىمىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ، بالىنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلاش بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، بالىنىڭ بەدىنىدە ئۇزۇقلۇقنىڭ زىيادە ئېشىپ قېلىشىنى پەيدا قىلىپ، بالىنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشىنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن توختاپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

ھامىلدار ئايالنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىنىڭ ھامىيلىگە تەسىرى زور

ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىدا باشقا بىر كىچىك ھاياتلىق بار بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەرىكەت-قىلمىشلىرى، قوساقتىكى بالىنىڭ بىخەتەرلىكىگ

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بۇ تۆت خىل كىيىم بالىلارنىڭ يەسلىدە كىيىشىگە ماس كەلمەيدۇ

بالىسى تۇغۇلغاندىن كىيىن، ئانىلار ياسىنىشقا ئەھمىيەت بىرىدىغان بولۇشقا باشلايدۇ؛ بىراق، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەمەس، بەلكى بالىسىنىڭ ياسىنىش

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

بالىنىڭ گېلى ئاغرىپ قالغاندا قانداق ئۇزۇقلىنىشى كىرەك

بوۋاقلار ئادەتتە ئۆزىنىڭ گېلىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز بولغاچقا، ئەگەر ئۇلار توختىماي يىغلاپ، سۈت ئىچىشكە ئۇنىمىس

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号