30-ئاۋغۇست كۈنى، جېجىياڭ ئۆلكىسى خەينىڭ شەھرىدىكى 11ياشلىق بىر قىز يوقاپ كەتكەن؛ ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتۈپ، بىرىنچى سىنتەبىر كۈنى، ساقچىلار خەيچاڭ كوچىسىدىكى بىر ئىجارە ئۆيدىن، يوقاپ كەتكەن قىزنىڭ جەسىتىنى بايقىغان ھەمدە جىنايەت گۇماندارىنى نەخ مەيداندا تۇتۇپ قولغا ئالغان.
ئالاقىدا سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بالىلارغا زىيانكەشلىك قىلىش دىلوسىنىڭ %90دىن ئارتۇقى، ھەقىقى مەنىدىكى ناتۇنۇش كىشىلەردىن ئەمەس، بەلكى بالىلارنىڭ ئەتراپىدىكى بۇرۇنلا تۇنۇيدىغان ئەمما مۇناسىۋىتى ئۇنچە بەك يېقىن بولمىغان ئادەملەردىن كىلىدىكەن.

يەنە باشقا ئالاقىدا سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا:
2010-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، گۇاڭجو شەھىرى، بالىلارنى ئالداپ ئېلىپ قېچىش دىلوسىدىن 90دىلو بىتەرەپ قىلغان بولۇپ، بۇ دىلولاردىكى جىنايەت ئۆتكۈزگىچىلەرنىڭ كۆپ قىسىمى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ياكى ئاتا-ئانىسىنىڭ تۇنۇشلىرى ئىكەن؛
2010-يىلدىن 2012-يىلغىچە، شىنجىن شەھىرى تەپىتش ئورگانلىرى، بالىلارنى ئېلىپ قېچىش ياكى بالىلارنى ئالداپ سېتىش دىلوسىدىن 38دىلوغا ئەيىبلەش ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئاساسى جەھەتتىن ھەممە دىلودىكى جىنايەت ئۆتكۈزگۈچىلەر، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ياكى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۇنۇش ئادەملىرى ئىكەن؛
2012-يىلدىن 2014-يىلغىچە، سىچۈەن ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن بالىلارنى ئالداپ سېتىش جىنايەت دىلولىرى 261گە يەتكەن بولۇپ، بۇ دىلولاردىكى ئەڭ چوڭ ئورتاق ئالاھىدىلىك، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ياكى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۇنۇش ئادىمى جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئىكەن.

يۇقارقى بۇ سانلىق مەلۇماتلار، ھەرۋاقىت بىزگە بالىلار بىخەتەرلىكى ئاگاھلاندۇرۇش قوڭغىرىقىنى چېلىپ تۇرىدۇ؛ بالىلاردا، زۈرۈر بولغان ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارى كەمچىل بولغاچقا، ھەمىشە قانۇنسىز ئەسكى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، بالىلار خەتەرلىك سىگناللارنى بايقاپ يىتىشنى ئۆگىتىش ئىنتايىن زۈرۈ ھەم مۇھىم؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاددىيلا قىلىپ ناتۇنۇش كىشىلەردىن يېراق تۇرۇشنى تاپىلاشقا قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم.
تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى، ئاتا-ئانىلار چوقۇم كۆرۈپ چىقىشى ھەمدە بالىسىغا ئىنىق چۈشەندۈرۈپ تاپىلىشى كىرەك.
1. بالىڭىزغا، ئەگەر ناتۇنۇش كىشىلەر ئۇلارغا يېقىنلاشسا، مەيلى نىمە ئىش قىلىۋاتقان بولىشىدىن قەتئىنەزەر، بىرىنچى ۋاقىتتا سىزگە ئۆزىنىڭ تۇرۋاتقان قايىنى ۋە نىمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى دوكلات قىلىش كىرەكلىكىنى تاپىلاڭ.
2. ئەگەر ناتۇنۇش كىشىلەر بىرەر جايغا ئېلىپ بارماقچى بولسا، ئىزچىل تۈردە ئاممىۋى سورۇنلاردا تۇرۇشنى، ھەرگىز ناتۇنۇش كىشىلەرنىڭ ماشىنىسىغا چىقماسلىقنى تاپىلاش.
3. ئەگەر ئىھتىياتسىزلىقتىن يولدىن ئېزىپ كىتىپ قالسا، سودا-ساراي، ساقچىخانا، قەھۋەخانا قاتارلىقلارغا كىرىپ، ساقچىلارنىڭ ياكى دوكان خادىملىرىدىن ياردەم سوراش ھەمدە ئىزچىل تۈردە ئاممىۋى سورۇنلاردا تۇرۇشنى تاپىلاش.

4. ئەگەر يۇقىرىدا سۆزلەنگە كىشىلەرنى ئۇچرىتالمىغاندا، ئەڭ ياخشىسى يېنىدا بالىسى بار ئايال كىشىدىن ياردەم سوراشنى تاپىلاش.
5. ئەگەر بىرەرسىنىڭ كەينىگە كىرىۋالغانلىقىنى بايقىسا، دەرھال بىرەر چوڭ ئادەمدىن، ئەڭ ياخشىسى ئەر-خوتۇن بىللە تۇرغانلاردىن ياردەم سوراپ، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ نىمە ئۈچۈن قورققانلىقىنى چۈشەندۈرۈش كىرەكلىكىنى تاپىلاش.
6. ناتۇنۇش كىشىلەرنىڭ تەكلىۋىگە ماقۇل بولۇپ ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بارماسلىقنى، ھەرقانداق ئىشتا پەقەت ئىشىك ئالدىدىلا تۇرۇپ، ئۆي ئىچىگە كىرمەسلىكنى تاپىلاش.
7. ئەگەر بىرەرسى قىزىقارلىق نەرسىلەرنى كۆرسىتىپ كىلەي دەپ، مەسىلەن، كىپىنەك، يولۋاس، كەسلەنچۈش دىگەنلەرگە ئوخشاش نەرسىلەرنى كۆرسىتىپ كىلەي دىسە، ئۇنىڭ تەلىۋىنى رەت قىلىش ھەمدە دەرھال ئۇنىڭ يېنىدىن كىتىشنى تاپىلاش.
8. ئەگەر ناتۇنۇش كىشىلەر چېقىلسا، ياكى خەتەرلىك تۇيغۇ بەرگەن بولسا، دەرھال يۇقىرى ئاۋازدا "قولۇڭنى تارت"، "ماڭا ياردەم لازىم"، "ماڭا چېقىلما" دەپ قاتتىق ۋاقىراشنى تاپىلاش.

ئەڭ مۇھىم بولغىنى، بالىلارنىڭ بىخەتەرلىك قارىشىنى كىچىكىدىن باشلاپلا يىتىلدۈرۈش كىرەك؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاتا-ئانىلارمۇ، پەرزەنتى بىلەن ئىجىل-ئىناق بولغان مۇناسىۋەتنى ئورنىتىشقا تىرىشىشى كىرەك.