بالىلار بەلگىلىك ياشقا كىرگەندىن كىيىن، ئۇلارنىڭ بىرىنچى قېتىملىق كوللىكتىپ تۇرمۇشىنى—يەنى، يەسلى ھاياتىنى باشلايدۇ. بالا يەسلىگە بارغاندىن كىيىن، يىڭى بىلىم ئۆگىنىپلا قالماي، يەنە مۇئەللىمنىڭ باشقۇرۇشىنى قوبۇل قىلىدىغان بولغاچقا، ئاتا-ئانىلار خاتىرجەم ئىشقا بارالايدۇ. بىراق، بالىلارنىڭ يەسلىگە كىرىش يېشىغا قارىتا، ئىزچىل تۈردە تالاش-تارتىش ساقلىنىۋاتقان بولۇپ، بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلار قانچىكى بۇرۇن تەربىيە قوبۇل قىلسا شۇنچە ياخشى دەپ قارايدۇ؛ يەنە بەزى ئاتا-ئانىلار بولسا، بالىلارنى بەك بۇرۇن يەسلىگە ئاپىرىپ بەرسە رەھىمسىزلىك قىلغانلىق بولىدۇ دەپ قارايدۇ. بۇ سەۋەپلىك، بۈگۈن بىز ئوغۇل بالىلارنى قانچە ياش بولغاندا يەسلىگە ئاپىرىپ بەرسە ئەڭ مۇۋاپىق بولىدىغانلىقى ھەققىدە سۆزلەپ ئۆتىمىز.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكلىپ بىرىشىچە، ئوغۇللارنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق بولغان يەسلىگە كىرىش يېشى ئۈچ ياشتىن كىيىن بولۇپ، تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، ئوغۇللار گەرچە قىزلارغا قارىغاندا كەپسىز بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ پىشىپ يىتىلىش يېشى قىزلارنىڭكىدىن كۆپ تۆۋەن بولىدىكەن؛ شۇڭلاشقا، ئوغۇللارنىڭ يەسلىگە كىرىش يېشى قىزلارنىڭكىگە قارىغاندا كىيىنرەك بولسا، يەسلى تۇرمۇشىغا تىزدىن ماسلىشىپ، ئۆزىدىن تېخىمۇ ياخشى خەۋەر ئالالايدىكەن.
بالىلار تۇنجى قېتىم ئاتا-ئانىسىنىڭ قۇچىقىدىن ئايرىلىدىغان بولغاچقا، بۇنىڭغا ئۇلاردا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كەمچىل بولۇش قوشۇلۇپ، نامەلۇم بولغان يەسلى تۇرمۇشىغا قارىتا قورقۇش پىسخىكىسى شەكىللىنىدىكەن. ئاتا-ئانىلار ئەگەر بالىسىنى يەسلى تۇرمۇشىغا تىزلا سىڭىشىپ كىرسۇن دىسە، ئۇنداقتا بەزىبىر تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئالدىنئالا ياخشى ئىشلىشى كىرەك.

بالىلار ياقتۇرىدىغان ئوماق شەكىلدىكى ئۆگىنىش قوراللىرىنى تەييارلاش
يەسلى، بالىلارنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئۆگىنىش مەيدانى، شۇڭا ئاتا-ئانىلار ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش قوراللىرىنى كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىشى كىرەك. ئاتا-ئانىلار ئۆگىنىش قوراللىرى ساتىدىغان دۇكانغا بالىسىنى بىللە ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ياقتۇرىدىغان ئۆگىنىش قوراللىرىنى تاللاتقۇزسا بولىدۇ. بىراق، سومكا تاللىغاندا، سومكىنىڭ تاشقى قىياپىتىگىلا قاراشقا بولمايدۇ، ئەڭ مۇھىم بولغىنى يەنىلا سومكىنىڭ ئىقتىدارى ۋە ئىشلىتىلىشچانلىقىدۇر. چۈنكى، بالىلارنىڭ ئۇمۇرتقىسى ناھايىتى يۇمشاق بولۇپ، ئاسانلا شەكلى ئۆزگىرىپ كىتىدۇ؛ ئەگەر سومكا بەك ئېغىر بولۇپ كەتسە، بالىنىڭ ئۇمۇرتقا سۆڭىكىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا، سومكا تاللىغاندا، چوقۇم ئۇمۇرتقا سۆڭەكنى قوغداش ئىقتىدارى بار سومكا تاللاش كىرەك. بۇندىن باشقا، سومكىنىڭ سۇدىن ساقلىنىش ئىقتىدارى بار بولۇشى ھەمدە ھېچقانداق خېمىيىلىك ماتىرياللار ئارىلاشتۇرۇلمىغان بولۇشى كىرەك؛ بۇنىڭدا، بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.

بالىنىڭ ھاجەتكە ئولتۇرۇش ۋە تاماق يىيىش ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇش
يەسلىدە بىر سنىپتا ئاز دىگەندىمۇ نەچچە ئون ئوقۇغۇچى بار بولىدۇ، شۇڭا مۇئەللىمنىڭ ھەممەيلەنگە تەڭ قاراپ بولالىشى ناتايىن؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ئاتا-ئانىلار بالىسىنى يەسلىگە بىرىشتىن بۇرۇن، ئۇلارنىڭ مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىقتىدارىنى، بولۇپمۇ ھاجەتكە ئولتۇرۇش ۋە ئۆزى تاماق يىيىش بۇ ئىككى ئىقتىدارىنى مەشىقلەندۈرۈپ چېنىقتۇرۇشى كىرەك. ھاجەتكە ئولتۇرۇشنى مەشىق قىلدۇرغاندا، بالىغا بالىلار مەخسۇس ئىشلىتىدىغان تەرەت قاچىسى ئېلىپ بېرىپ، ھەركۈنى مۇقىم بىر ۋاقىت، مۇقىم بىر ئورۇندا، ئۇلارنىڭ ھاجەتكە ئولتۇرۇشقا بۇيرۇشى ۋە نازارەت قىلىشى كىرەك. تاماق يىيىشنى مەشىقلەندۈرۈشمۇ ئوخشاش بولۇپ، ھەركۈنى مۇقىم بىر ۋاقىت ۋە ئورۇندا، بالىنىڭ ئۆزىنى تاماق يىگىلى سېلىش، ئاتا-ئانىلار بىر چەتتە تۇرۇپ ھەمدەمدە بولۇش كىرەك. بۇنىڭدا، بالىلار تەدرىجى ھالدا بۇ ئىقتىدارلارنى ئىگىلىيەلەيدۇ.

بالىغا ئالدىنئالا پىسخىكىلىق كۆرسەتمە بىرىش
ناتۇنۇش بىر مۇھىتقا بارغان ۋاقىتتا، بالىلار دەسلىۋىدە چوقۇم ماسلىشىپ كىتەلمەيدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار بالىسىنى يەسلىگە بىرىشتىن بۇرۇن، ئۇلارغا ئالدىنئالا پىسخىكىلىق كۆرسەتمە بىرىشى كىرەك. مەسىلەن، ئۇلارنى ئالدىنئالا يەسلىگە ئاپىرىپ زىيارەت قىلدۇرۇپ، ئۇلارغا يەسلى تۇرمۇشىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەرسەك بولىدۇ؛ بۇنىڭدا، بالىلارنىڭ ئىدىيە جەھەتتە تەييارلىقى بار بولۇپ، يەسلىگە كىرگەندە تېخىمۇ ئاسان ماسلىشىپ كىتەلەيدۇ.