يىڭى تۇغۇتلۇق ئاياللار بۇ تۆت ئىشقا سەل قاراشقا بولمايدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5811:قېتىم كورۇلدى
    ئاياللار يىڭى تۇغۇپ ياتقان ۋاقىتتا، تۆۋەندىكى تۆت ئىشقا سەل قاراشقا بولمايدۇ؛ بولمىغاندا، كىيىنلىك ساغلاملىقىغا قايتۇرۋالىغىلى بولمايدىغان زىيانلارنى ئېلىپ كىلىدۇ.
قارا شىكەر سۈيىنى كۆپ ئىچمەسلىك كىرەك
    تۇغۇتتىن كىيىنكى نەچچە كۈندە، تۇغۇتلۇق ئايال قارا شىكەر سۈيى ئىچىپ بەرسە بەدەنگە پايدىلىق بولىدۇ؛ بىراق، مىقدارى بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، ئەكسىچە تۇغۇتلۇق ئايالغا زىيانلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھازىرقى تۇغۇتلۇق ئاياللار كۆپىنچە تۇنجى تۇغۇت بولغاچقا، ئۇلارنىڭ بالىياتقۇسىنىڭ يېغىلىپ تارىيىش ئىقتىدارى كۆپىنچە ياخشى بولىدۇ، بالىياتقۇ بوشلۇقىدا قالغان قاننىىڭ رەڭگى ۋە مىقدارىمۇ نىسبەتەن نورمال دائىردە بولىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا ئەگەر قارا شىكەر سۈيىنى كۆپ ئىچىۋالغاندا، بالىياتقۇ بوشلۇقىدا ئۇيۇپ قالغان قانلارنى سىرتقا چىقىرىش مىقدارى ئېشىپ كىتىپ، ئاستا خارەكتىرلىك قان ئازلىق كىسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە بالىياتقۇنىڭ ئەسلىگە كىلىشىگىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ.
تازىلىققا ئالاھىدە دىققەت قىلىش
   تۇغۇتتىن كىيىن خېلى بىر مەزگىلگىچە يۇيۇنماسلىقمۇ، ئۆزگەرتىشكە تىگىشلىك بىر ئادەتتۇر. يىڭى تۇغۇتلۇق ئايال كۈتۈنۈش مەزگىلىدە كۆپ تەرلەيدۇ، بۇنىڭغا ئانا سۈتى ئېقىپ كىتىش ۋە چىللە خۇنى قوشۇلۇپ، ئادەمنىڭ بەدىنى تۇتسا قول چاپلىشىدىغان بولۇپ قالىدۇ ھەم غەلىتە پۇراقلار پەيدا بولىدۇ؛ بۇ ئەھۋال، تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، تۇغۇتتىن ئەسلىگە كىلىشكە پايدىسىز بولىدۇ. ھازىر تۇرمۇش شارائىتى ئومۇميۈزلۈك ياخشى، يۇيۇنغان ۋاقىتتا سۇغۇققا توڭۇپ قېلىش ئىھتىماللىقى ئىنتايىن تۆۋەن؛ شۇڭا، يىڭى تۇغۇتلۇق ئايال كۈتۈنۈش مەزگىلىدىمۇ مۇۋاپىق تۈردە يۇيۇنۇپ ، شەخسىي تازىلىققا دىققەت قىلىشى كىرەك.
كارۋاتتا يېتىۋىلىپ ھەرىكەت قىلماسلىقتىن ساقلىنىش
    ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغقان بەزى ئاياللار كەسكەن ئېغىزنىڭ يېرىلىپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپ ياكى ئاغرىقتىن قورقۇپ، تۇغۇتتىن كىيىن خېلى ئۇزۇن ۋاقىتقىچە كارۋاتتىن چۈشمەي يېتىۋالىدۇ. بۇ خىل قىلمىشنىڭ، ئوپراتسىيەدىن كىيىنكى ئۈچەينىڭ چاپلىشىۋىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئىھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى. توغرا بولغان ئۇسۇل بولسا، ئوپراتسىيەدىن كىيىن سىزىمى ئەسلىگە كەلگەندە، پۇت قوللىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈشكە باشلىشى، 24سائەتتىن كىيىن ئۆرۈلۈشنى ۋە ئولتۇرۇشنى سىناپ كۆرۈشى ھەمدە كارۋاتتىن چۈشۈپ مېڭىپ بېقىشنى سىناپ بېقىشى كىرەك. چۈنكى، مۇۋاپىق تۈردە ھەرىكەتلىنىش، ئۈچەينىڭ بىر-بىرىگە چاپلىشىۋىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بولۇپ، يەل يۈرۈشۈشكە ۋە تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ ماغدۇرىنىڭ ئەسلىگە كىلىشىگە پايدىلىق بولىدۇ.
ئۇخلاش ھالىتى توغرا بولۇش
   تۇغۇتتىن كىيىنكى يېتىش ھالىتى جەھەتتە، ئۆزى تەبىئى تۇغقان ئاياللار، ئۆزى راھەت ھىس قىلغان يېتىش قىياپىتىدە يېتىۋەرسە بولىدۇ ھەمدە بەدەن شارائىتى يول قويسا، مۇۋاپىق تەرىقىدە ھەرىكەتلىنىپ بەرسە بولىدۇ؛ ئەگەر تۇغۇتتا يانغا كەسكەن ئەھۋال بولسا، ئۇنداقتا ياتقاندا ئوڭدىسىغا تۈز ياتسا بولىدۇ، بۇنىڭدا چىللە خۇنىنىڭ جاراھەت ئېغىزىنى بۇلغاپ قويۇشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغقان ئاياللار بولسا، ئەڭ ياخشىسى ياستۇقنى ئېلىۋىتىپ ئوڭدىسىغا تۈز يېتىشى كىرەك؛ ئالتە سائەتتىن كىيىن يېنىنى بېسىپ ياتسا بولىدۇ؛ 24سائەتتىن كىيىن مۇۋاپىق تۈردە بەدىنىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ئاشقازان ئۈچەينىڭ قىمىرلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ بىرىشى كىرەك.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

ھامىلدار ئايالنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىنىڭ ھامىيلىگە تەسىرى زور

ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىدا باشقا بىر كىچىك ھاياتلىق بار بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەرىكەت-قىلمىشلىرى، قوساقتىكى بالىنىڭ بىخەتەرلىكىگ

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بۇ تۆت خىل كىيىم بالىلارنىڭ يەسلىدە كىيىشىگە ماس كەلمەيدۇ

بالىسى تۇغۇلغاندىن كىيىن، ئانىلار ياسىنىشقا ئەھمىيەت بىرىدىغان بولۇشقا باشلايدۇ؛ بىراق، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەمەس، بەلكى بالىسىنىڭ ياسىنىش

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

بالىنىڭ گېلى ئاغرىپ قالغاندا قانداق ئۇزۇقلىنىشى كىرەك

بوۋاقلار ئادەتتە ئۆزىنىڭ گېلىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز بولغاچقا، ئەگەر ئۇلار توختىماي يىغلاپ، سۈت ئىچىشكە ئۇنىمىس

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号