بوۋىقىڭىزغا بۇ ھەرىكەتلەرنى كۆپ ئىشلەتكۈزۈڭ، يىتىلىشى تىز بولىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6272:قېتىم كورۇلدى
   لاياقەتلىك بىر ئاتا-ئانا بولۇپ، بوۋاقنىڭ تېخىمۇ ياخشى يىتىلىشىنى قولغا كەلتۈرەي دىسىڭىز، ئۇنداقتا، بوۋاقلارنىڭ ھەربىر ۋاقىت مەزگىلىدىكى ئۆسۈپ-يىتىلىش قانۇنىيىتىنى چۈشىنىپ يىتىشىڭىزگە توغرا كىلىدۇ. بوۋاقلار يىڭى تۇغۇلغان ۋاقىتتا، يىيىش ۋە ئۇخلاشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان بولۇپ، نۇرغۇنلىغان يىڭىدىن ئاتا-ئانا بولغۇچىلارنى قايمۇقتۇرۇپ قويىدۇ. بىراق، بوۋاقلارنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئالتە ئايلىق بوۋاقنىڭ كۆرۈش، ئاڭلاش سىزىمى ۋە بەدىنىنىڭ ماسلىشىش ئىقتىدارى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بەلگىلىك تەرەققى قىلىدىغان بولغاچقا، بۇ مەزگىل بوۋاقلارنىڭ يىتىلىشىدىكى ھالقىلىق مەزگىل ھىسابلىنىدۇ. شۇڭا، بۇ مەزگىلدە ئاتا-ئانىلار پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، بوۋاقنى تۆۋەندىكىدەك تۆت جەھەتتە چېنىقتۇرۇشى كىرەك؛ بۇنىڭدا، بوۋاقنىڭ بەدىنىنىڭ ماسلىشىشچانلىق ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈشكە بولىدۇ.
ئۆرۈلۈش مەشىقى
   ئادەتتە بوۋاقلار 4ئايلىق ئەتراپىدا بولغاندا، ئۆزى ئۆرۈلۈشنى سىناپ بېقىشقا باشلايدۇ، ئەمما ھەرىكەت قىياپىتى ئۇنچە ئۆلچەملىك بولمايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بوۋاقنىڭ سۆڭەكلىرى نىسبەتەن يۇمشاق، مۇسكۇللىرى تېخى تەرەققى قىلمىغان بولىدۇ. بوۋاق ئالتە ئايلىق بولغاندىن كىيىن، ئاتا-ئانىلار ئاندىن بوۋاققا ياردەملىشىپ ئۆرۈلۈش مەشىقى ئېلىپ بارسا، كارۋاتتا ئويناش پۇرسىتىنى كۆپەيتىپ، بوۋاقنىڭ بويۇن مۇسكۇلى ۋە پۇت-قول مۇسكۇللىرىنى چېنىقتۇرۇپ بەرسە بولىدۇ. بۇنىڭدا، بوۋاقلار ئۆرۈلۈش بىلەن بىرگە، باشقا ھەرىكەتلەرنىمۇ ياخشى ئىشلىيەلەيدىغان بولىدۇ.
   بىراق، ئۆزى ئۆرۈلىلەيدىغان بولغان بوۋاقلار، كارۋاتتا ئوينىغان ۋاقىتتا ئاسانلا كارۋاتتىن يەرگە چۈشۈپ كىتىپ قالىدۇ، شۇڭا، ئاتا-ئانىلار بۇ نوقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كىرەك.
تۇتۇش ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇش
   ئالتە ئايلىق بولغان بوۋاقلار، قولى ئارقىلىق بەزىبىر كىچىك ئويۇنچۇقلارنى تۇتالايدىغان بولىدۇ. ئادەتتە بۇ ياش مەزگىلىدىكى بوۋاقلارنىڭ يىتىلىشى نىسبەتەن تىز بولۇپ، سىرتقى دۇنيانىڭ ئىنكاسىغا بىرقەدەر سەزگۈر كىلىدۇ. ئاتا-ئانىلار ئادەتتە بەزىبىر رەڭگى ئۇچۇق نەرسىلەرنى تاللاپ، ئۇلارنىڭ تۇتۇش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا چېنىقتۇرۇپ بەرسە بولىدۇ؛ بۇنىڭدا، بوۋاقلارنىڭ كىيىنچە تاماقنى ئۆزى قولىدا تۇتۇپ يىيىشىگە ئاساس سالغىلى بولىدۇ. ئاتا-ئانىلار ئادەتتە ئويۇنچۇقنى بوۋاقتىن يېراقراق يەرگە قويۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ئالغىلى سېلىپ مەشىق قىلدۇرسا بولىدۇ. بۇنىڭدا، بوۋاقنىڭ پۇت-قولىنىڭ ھەرىكەتلىنىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتكىلى بولۇپلا قالماي، تۇتۇش ئىقتىدارىنىمۇ زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈشكە بولىدۇ.
پۇت مۇسكۇللىرىنى چېنىقتۇرۇش
   بوۋاق ئالتە ئايلىق بولغاندىن كىيىن، ئۆمىلەشنى ۋە يول مېڭىشنى ئۆگىنىشكە باشلايدۇ؛ شۇڭلاشقا، بوۋاقنىڭ پۇت قىسىم مۇسكۇللىرىنى بالدۇرراق چېنىقتۇرۇش زۈرۈردۇر. چۈنكى، پۇت مۇسكۇللىرى تەرەققى قىلىپ يىتەرلىك كۈچكە ئىگە بولغان ۋاقىتتا، ئاندىن بەدەننى تىرەپ چوڭ ھەرىكەتلەرنى ئىشلىگىلى بولىدۇ. ئاتا-ئانىلار ئادەتتە بوۋاقنى كارۋاتتا ياتقۇزۇپ، قولىدا قوڭغۇراق ياكى بوۋاق ياقتۇرىدىغان بەزىبىر ئويۇنچۇقلارنى قولىدا تۇتۇپ تۇرۇپ بوۋاقنى ئويناتسا، بوۋاق خۇشال بولۇپ تىپىچەكلەيدۇ؛ بۇنىڭدا، بوۋاقنىڭ ھەرىكەت مىقدارى نىسبەتەن كۆپ بولىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك پۇت مۇسكۇللىرى ياخشى چېنىقىشقا ئىرىشەلەيدۇ.
يۆلىنىپ ئولتۇرۇشنى مەشىقلەندۈرۈش
   بوۋاق ئۆزى ئۆرۈلەلەيدىغان بولغاندىن كىيىن، تەدرىجى ھالدا ئولتۇرۇپ ئوينايدىغان بولىدۇ. بىراق، ئالتە ئايلىق بولغان بوۋاقلارنىڭ ئۇمۇرتقىسى تېخى تۇلۇق يىتىلىپ بولالمايدىغان بولغاچقا، ئاتا-ئانىلار ئادەتتە ئۇلارنىڭ بەل قىسمىغا ياستۇق دىگەنگە ئوخشاش نەرسىلەرنى يۆلەنچۈك قىلىپ بىرىش ئارقىلىق، بوۋاقنى يېقىلىپ كەتمەي ئولتۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلسا ۋە بەل قىسىم مۇسكۇللىرىنى چېنىقتۇرۇپ بەرسە بولىدۇ. بۇنىڭدا، ئۇلارنىڭ كىيىنكى مەزگىلدە يېقىلىپ كەتمەي ئولتۇرالايدىغان بولۇشىغا پايدىلىق بولىدۇ. ئاتا-ئانىلار ئادەتتە بوۋىقى ئولتۇرۇپ ئوينىغان ۋاقىتتا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ، بوۋاق تىك ئولتۇرالماي يانتۇ بولۇپ كەتسە، بوۋاقنى ۋاقتىدا تىكلەپ قويۇشى كىرەك.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

ھامىلدار ئايالنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىنىڭ ھامىيلىگە تەسىرى زور

ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىدا باشقا بىر كىچىك ھاياتلىق بار بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەرىكەت-قىلمىشلىرى، قوساقتىكى بالىنىڭ بىخەتەرلىكىگ

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بۇ تۆت خىل كىيىم بالىلارنىڭ يەسلىدە كىيىشىگە ماس كەلمەيدۇ

بالىسى تۇغۇلغاندىن كىيىن، ئانىلار ياسىنىشقا ئەھمىيەت بىرىدىغان بولۇشقا باشلايدۇ؛ بىراق، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەمەس، بەلكى بالىسىنىڭ ياسىنىش

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

بالىنىڭ گېلى ئاغرىپ قالغاندا قانداق ئۇزۇقلىنىشى كىرەك

بوۋاقلار ئادەتتە ئۆزىنىڭ گېلىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز بولغاچقا، ئەگەر ئۇلار توختىماي يىغلاپ، سۈت ئىچىشكە ئۇنىمىس

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号