چوڭلار ئاچچىقلانغان ۋاقىتتا ھەمىشە، "بۇ دىگەن مىنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپىم" دەپ ئېيتىدۇ؛ بىراق سىز بىلەمسىز؟ ئەمىلىيەتتە بالىلارنىڭمۇ ئاخىرىقى چەك-پىرىنسىپلىرى بار بولىدۇ. ئۇلار سەزگۈرلۈك بىلەن بەزىبىر ئۇچۇرلارنى تۇتۇۋالغان ياكى تۇيۇقسىز خاپا بولۇپ قالغان ۋاقىتتا، سىز بەلكىم ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك پىرىنسىپىغا چېقىلىپ قويغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. ھەممە ئادەمنىڭ چېقىلىشقا بولمايدىغان غۇرورى بار بولىدۇ، ئاتا-ئانىلارمۇ ئادەتتە كۆپرەك دىققەت قىلىپ، بالىلارنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئاخىرىقى چەك پىرىنسىپلىرىغا چېقىلماسلىقى كىرەك.

بالىلارغا يۈزى چۈشۈپ كەتكەنلىك تۇيغۇسى بىرىپ قويۇش
ھەربىر ئائىلىدىكى بالىلارنىڭ ئوسال ئەھۋالغا قالىدىغان كەچمىشى بار بولىدۇ؛ ئاتا-ئانىلار تەربىيە ئىشلەش بىلەن بىرگە، بۇ ئىشنىڭ تەسىرىنى سۇسلاشتۇرۇشقا تىرىشىشى ۋە ھەمىشە تىلغا ئېلىشتىن ساقلىنىشى لازىم، مەسخىرە قىلىشىقا ۋە تاپا-تەنە قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. بولمىسا، بالىلار ئۆزىنى قويىدىغان يەر تاپالماي، ھەمىشە ئۆزىنىڭ باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچرىشىدىن قورقىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
بالىنىڭ جازاغا ئۇچرىشى
ئەگەر بالا خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولسا، ئۇنداقتا بالىلارنىڭ جازاغا ئۇچراش ئەھۋالىنى باشقىلارغا ئېيتماسلىق كىرەك؛ مەيلى ئۇرۇپ تىللىغان بولۇڭ، ياكى ئۆرە تۇرغۇزۇپ قويغان بولۇڭ، سىرتتىكى ئادەملەرگە خالىغانچە بىلدۈرۈشكە بولمايدۇ. چۈنكى، بالىلار تەن جازاسىغا ئۇچراش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ قەلبىمۇ ئازاپلىنىشقا ئۇچرايدۇ. ئەگەر باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۇلارنىڭ جازالىنىش تارىخى تىلغا ئېلىنىۋەرسە، ئۇلار ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىپ، پىسخىكا جەھەتتىن قايتا ئازاپلىنىشقا ئۇچرايدۇ.
بالىلاردىكى جىسمانى كەمتۈكلۈك
مەسىلەن، بەزى بالىلاردا ھەمىشە تارتىشىپ قالىدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ، بەزىلىرىنىڭ بىر پۇتى قىسقا بىر پۇتى ئۇزۇن بولۇپ قالىدۇ، يەنە بەزىلەردە رەڭ قارىغۇسى، كۆزى كىچىك، پاكار، سېمىز... قاتارلىق كەمتۈكلۈكلەر بولىدۇ. ئاتا-ئانىلار، بالىنىڭ بۇنداق كەمتۈكلۈكىنى ھەدىسىلا ئېغىزىغا ئېلىۋەرمەسلىكى كىرەك، بولۇپمۇ سىرتتىكى كىشىلەرنىڭ ئالدىدا. بولمىسا، يىنىك بولغاندا، بالىلار ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ ھەمدە ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسى شەكىللىنىپ قالىدۇ؛ ئېغىر بولغاندا، جەمئىيەتكە قارشى ئادىمىيلىك خارەكتىرى شەكىللىنىپ قالىدۇ.

بالىلارنىڭ مەخپىيەتلىكى
بەزى بالىلارنىڭ كۈندىلىك خاتىرە يازىدىغان ئادىتى بار، يەنە بەزىلەرنىڭ باشقىلارنىڭ بىلىشىنى خالىمىغان نەرسىلىرىنى ئايرىم ساقلايدىغان ئادەتلىرى بار. ئاتا-ئانىلار، بالىسىنىڭ بۇ خىلدىكى خۇسۇسىي مەخپىيەتلىكىنى خالىغانچە سۈرۈشتە قىلماسلىقى ۋە ئارىلىشىۋالماسلىقى كىرەك؛ بالىلارغا كۆپرەك خۇسۇسى بوشلۇق بەرمەك لازىم.
بالىلارنىڭ يېغقان پۇلى
بالىلار گەرچە پۇلغا ئۇنداق ئامراق بولۇپ كەتمىسىمۇ ھەمدە پۇل باشقۇرۇشنى بىلمىسىمۇ، ئەمما ئاتا-ئانىلار ھە دىسىلا ئۇلارنىڭ پۇلىنى "ھىسابلاپ" يۈرمەسلىكى ۋە ياكى ئىشلىتىۋىلىشتىن ساقلىنىشى لازىم. بولمىغاندا، بالىلار ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي مەخپىيەتلىكىنى چوڭلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئىرىشەلمىگەندەك ھىس قىلىپ قالىدۇ.
بالىلارنىڭ سەۋەنلىكى
بالىلارنىڭ چوڭلارنىڭ نەزىرىدىكى بەزىبىر تىلغا ئالغۇچىلىكى بولمىغان ئىلگىرىكى سەۋەنلىكلىرى، بەزى بالىلارنىڭ كۆڭلىدە ئۇزۇن ۋاقىتقىچە كەتمەي تۇرۇپ قالىدۇ؛ مەسىلەن، مەلۇم بىر قېتىملىق مۇسابىقىدە ئارقىدىن ساناپ بىرىنچى بولۇش، مەلۇم قېتىملىق ئويۇن قويۇشتا ئويۇننى بۇزۇپ سېلىش... دىگەنلەرگە ئوخشاش. بۇنداق سەۋەنلىكلەرنى ھەمىشە تىلغا ئالغاندا ياكى سىرتتىكىلەرگە سۆزلەپ بەرگەندە، بالىلارنىڭ قەلبىدىكى كونا جاراھەتنى تاتىلىغان بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.
