ھامىلدارلىقتا يانفوننى كۆپ ئوينىسا ھامىيلىگە تەسىر كۆرسىتەمدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 9677:قېتىم كورۇلدى
   ھازىر، يانفون تۇرمۇشىمىزدا ئىنتايىن ئومۇملىشىپ كەتكەن بولۇپ، قانداقلا ۋاقىتتا ۋە قانداقلا جايلاردا بولمىسۇن، قولىدىن يانفوننى چۈشۈرمەي ئويناۋاتقان كىشىلەرنى ئۇچرىتىشقا بولىدۇ. بىزنىڭ ئەنئەنىۋى قارىشىمىزدا، يانفون بىر خىل يۇقىرى چاستوتىلىق رادىئاتسىيە تارقىتىش مەنبەسى بولۇپ، ھامىلدار ئاياللارغا نىسبەتەن، ئۇزۇن ۋاقىت يانفون ئوينىغان ۋاقىتتا، قوسىقىدىكى ھامىيلىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ.
    بىر ئولتۇرغانچە ئۇزۇن ۋاقىت يانفون ئوينىغان ۋاقىتتا، ئادەمنىڭ ئارام ئېلىش ۋاقتىنى ئىگىلىۋىلىپلا قالماي، يەنە بويۇن ئۇمۇرتقا كىسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھامىلدار ئايالغا نىسبەتەن، ئۇلار ئۆيدە زىرىكىپ يانفون ئوينىسا، ئاسانلا ئارام ئېلىش ۋاقتىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ قويىدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە، يانفون ئويناش جەريانىدا، بىر خىل بەدەن ھالىتىنى ساقلاش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە، ھامىيلىنىڭ نورمال يىتىلىشىگە تەسىر يىتىدۇ.
    ئۇزۇن ۋاقىت يانفون ئوينىغاندا، ھامىلدار ئايالنىڭ ھەرىكەتلىنىش ئىقتىدارى، مىقدارى ۋە قاتتىقلىق دەرىجىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تۆۋەنلەپ كىتىدۇ ۋە ئىشتىھا تۇتۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، قوساقتىكى بالىغا ئۇزۇقلۇق يىتىشمەي، نورمال ئۆسىشىگە تەسىر يىتىدۇ.
   مەيلى تەن ساغلاملىققا زىيان يەتكۈزسۈن ياكى يەتكۈزمىسۇن، كومپىيوتىرنىڭ ئالدىدا قوپماي ئۇزۇن مۇددەت ئولتۇرۋىلىش ياخشى ئەمەس، يانفونمۇ ئوخشاشلا ھەم شۇنداق. بۇخىل ناچار ئادەت يىتىلىپ قالسا، بالا تۇغۇلۇپ بولغاندىن كىيىنمۇ ئۆزگەرتىش تەسكە توختايدۇ، بۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەم قوساقتىكى بوۋاققىمۇ بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، يانفون ۋە كومپىيوتىرغا قاراش ۋاقتى، بىر قېتىمدا ئەڭ كۆپ بولغاندا يېرىم سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، بىر كۈن ئىچىدە ئەڭ كۆپ بولغاندا ئىككى سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كىرەك. ئەگەر ھامىلدار ئايال بەك زىرىكىش ھىس قىلىپ قالسا، يانفون ئوينىغاندىن كۆرە، مۇزىكا ئاڭلاپ بەرسە، سىرتلارغا چىقىپ سەيلە قىلسا، ئۆزىنىڭ تەن ساغلاملىقىغا ۋە ھامىيلىگە پايدىلىق بولىدۇ.
   يۇقارقى ئەھۋاللاردىن باشقا، ئۇزۇن ۋاقىت يانفون ئوينايدىغان ھامىلدار ئاياللاردا يەنە ئۇخلاش ۋاقتى قالايمىقانلىشىپ كىتىدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ. ھامىلدار ئاياللارنىڭ خىزمەتتىن توختاپ كۈتۈنۈشى، قوساقتىكى ھامىيلىنىڭ ياخشى ئۆسۈپ يىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇش ئۈچۈن بولىدۇ؛ شۇڭا، بۇنداق ناچار ئادەتلەردىن تېخىمۇ يېراق تۇرۇپ، ياخشى تۇرمۇش ئادىتى ۋە ئارام ئېلىش ئادىتى يىتىلدۈرۈشى كىرەك.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

ھامىلدار ئايالنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىنىڭ ھامىيلىگە تەسىرى زور

ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىدا باشقا بىر كىچىك ھاياتلىق بار بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەرىكەت-قىلمىشلىرى، قوساقتىكى بالىنىڭ بىخەتەرلىكىگ

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بۇ تۆت خىل كىيىم بالىلارنىڭ يەسلىدە كىيىشىگە ماس كەلمەيدۇ

بالىسى تۇغۇلغاندىن كىيىن، ئانىلار ياسىنىشقا ئەھمىيەت بىرىدىغان بولۇشقا باشلايدۇ؛ بىراق، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەمەس، بەلكى بالىسىنىڭ ياسىنىش

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

بالىنىڭ گېلى ئاغرىپ قالغاندا قانداق ئۇزۇقلىنىشى كىرەك

بوۋاقلار ئادەتتە ئۆزىنىڭ گېلىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز بولغاچقا، ئەگەر ئۇلار توختىماي يىغلاپ، سۈت ئىچىشكە ئۇنىمىس

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号