بەزى بالىلارنىڭ ئەتىگەندىن كەچكىچە زىھنى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئويناپ ئۇخلىغىلى ئۇنىماي، ئاتا-ئانىسىنى قىينايدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۇيقۇسىغا تەسىر يىتىپ، ھەتتا ئۇلارنىڭمۇ بىئولوگىيەلىك سائىتىدە بىنورماللىق كۆرىلىدۇ.
بالىلارنىڭ ئۇخلىغىلى ئۇنىماسلىقىنىڭ سەۋەبلىرى
بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كەمچىل بولۇش، مۇھىتقا ماسلىشالماسلىق
يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئەتراپتىكى مۇھىتقا ئىنتايىن سەزگۈر كىلىدىغان بولۇپ، چوڭلار ئۇخلىمىغان ۋاقىتتا ئۇخلىسا، ئۇلار بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇپ، بۇ سەۋەپلىك تېخىمۇ ئاسان ئۇخلىيالايدۇ؛ بىراق، دادا-ئانىسىمۇ ئۇخلىغان ۋاقىتتا، ئۇلاردا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كەمچىل بولۇپ، ئاسانلىقچە ئۇخلىيالمايدۇ. بوۋاقلارغا نىسبەتەن، بۇ نورمال بىر ئەھۋال بولۇپ، ئۇلار بەلگىلىك بىر ماسلىشىش مەزگىلىنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كىيىن، ئاندىن چوڭلارغا ئوخشاش ئۇخلىيالايدىغان بولىدۇ.
كۈندۈزى ئۇزۇن ۋاقىت ئۇخلىۋالغان
بالىلار ماسلىشىش مەزگىلى ئۆتۈپ كەتكەندىن كىيىنمۇ، كەچتە ئۇخلىمىقى يەنىلا تەس بولسا، ھەتتا زىھنى ئۇرغۇپ ئويۇن ئويناش بىلەن مەشغۇل بولسا، بۇ بەلكىم ئۇلارنىڭ كۈندۈزى بەك ئۇزۇن ۋاقىت ئۇخلىۋالغانلىقىدىن بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، ئادەتتە بالىلارنىڭ كۈندۈزى ئۇخلاش ۋاقتى 2-1سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كىرەك.
كۈندۈزدىكى پائالىيەت مىقدارى يىتەرلىك بولماسلىق
يەنە بالىلارنىڭ كۈندۈزلۈك پائالىيەت مىقدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، كۈندۈزى بەك ئاز پائالىيەت قىلغاچقا، كەچ تەرەپتە ھارغىنلىق ھىس قىلماي بەلكى زىھنى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا ئەلۋەتتە ئاسانلىقچە ئۇخلىمايدۇ.

بالىلارنىڭ كەچلىكى ئۇخلىغىلى ئۇنىماسلىقىنى ھەل قىلىش ئۇسۇللىرى
بالىلارنىڭ ياخشى بولغان ئارام ئېلىش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش
ئاتا-ئانىلار كۈندۈزدە، بالا بىلەن كۆپرەك پائالىيەت قىلىش، ئۇلارنى كۈندۈزدە توختىماي ئۇخلىتىشتىن ساقلىنىش كىرەك ھەمدە بۇ ئارقىلىق بالىلارنىڭ كۈندۈزى ئويناپ ئاخشىمى ئۇخلايدىغان ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش.
بالا ئويغىنىپ كەتكەندە ئۇنى ئەركىلەتمەسلىك
بالا كەچلىكى يىغلاپ خاپا قىلمىغان ئاساستا ئويغىنىپ كەتسە، ئاتا-ئانىلار ئۇلارنى ئەركىلىتىمەن ياكى قۇچاققا ئالىمەن دىمەي، ئۇنى بىردەم تەبىئى ياتقىلى قويۇش؛ بۇنىڭدا، ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن، بالا ئۆزلىكىدىن داۋاملىق ئۇخلاپ قالىدۇ.
بالىنى ئالايىتەن ئويغاتماسلىق
بەزى ئاتا-ئانىلار، بالىسىنىڭ كىچىدە قوسىقى ئېچىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇلارنى ئالاھىتەن ئويغىتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، بالا ئىمىپ بولغاندىن كىيىن ئۇخلىيالماي ئويناپ خاپا قىلىدۇ. بالا ئادەتتە ئۇخلىغان ۋاقىتتا، ئەگەر ئۇنىڭ قوسىقى ئېچىپ قالسا، ئۇ ئۆزلىكىدىن ئويغىنىدۇ، ئاتا-ئانىسى ئۇلارنى ئالاھىتەن ئويغىتىمەن دىمىسىمۇ بولىدۇ.

ئاتا-ئانىلار سەۋرچانلىق بىلەن، بالىسىنى تەدرىجى ھالدا ياخشى بىر ئۇخلاش ئادىتى يىتىلدۈرۈشكە يىتەكلىسە، بۇ ئاندىن ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ-يىتىلىشىگە پايدىلىق بولىدۇ.