بالىلارنى بارغانسىرى ئۇرۇقلىتىۋىتىدىغان ئۈچ خىل ئۇششاق يىمەكلىك
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6369:ئادەم ئۆگەندى
    بەزى ئاتا-ئانىلار ناھايىتى ئەجەبلىنىپ قالىدۇ: ئۇلار بالىسىغا ئۇششاق يىمەكلىكنى ناھايىتى ئاز يىگۈزىدۇ، يۇقىرى تۇز، يۇقىرى ئىنىرگىيە تەركىبلىك ۋە ئاسان ھەزىم بولمايدىغان قوشۇمچە يىمەكلىكلەرنىمۇ قالايمىقان يىگۈزمەيدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ بالىسىنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشى ھامان باشقا بالىلارنىڭ كەينىدە قالىدۇ.

   بۇنىڭدىكى سەۋەپ، ئۇلارنىڭ ھەمىشە بالىسىغا تۆۋەندىكى ئۈچ خىل يىمەكلىكنى يىگۈزگەنلىكىدە؛ بۇ ئۈچ خىل يىمەكلىكنى، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇزۇقلۇقى ياخشى دەپ خاتا قارىۋالغان بولۇپ، ئەمىلىيەتتە بولسا بالىلارغا يىتەرلىك دەرىجىدە ئۇزۇقلۇق يەتكۈزۈپ بىرەلمەيدۇ.
قۇرۇق شىفەن
   قۇرۇق شىفەن ھەقىقەتەن ئاسان ھەزىم بولىدۇ ھەمدە بالىلارنى قوقاقلاتمايدۇ، شۇڭا ئاز بولمىغان ئاتا-ئانىلار قۇرۇق شىفەننى بالىسىنىڭ دائىملىق قوشۇمچە يىمەكلىكى قىلىۋالىدۇ. بىراق، ئۇنىڭ ئۇزۇقلۇق زىچلىقى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ، پەقەت كىراخمال بىلەن سۇلا بار، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىش ئىھتىياجىنى ئەسلا قامدىيالمايدۇ. بۇندىن باشقا، قۇرۇق شىفەن تەركىبىدە زور مىقداردا سۇ بار بولغاچقا، بالىلارنىڭ قوسىقى ئاسانلا تۇيۇنۇش ھىس قىلىپ، كۆپىنچە ھاللاردا قۇرۇق شىفەن ئىچىپ بولغاندىن كىيىن سۈت ئىمىشنى خالىمايدۇ، سۈت ئىمىش مىقدارىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھېچقانداق ئۇزۇقلۇق قىممىتى يوق قۇرۇق شىفەننى بالىلارنىڭ ئاساسلىق قوشۇمچە يىمەكلىكى قىلىۋالساق، بالىنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشى تەبىئىيلا ئاستىلاپ كىتىدۇ.
مىۋە شەربىتى
   ئۆيدە سىقىپ چىقىرىلغان مىۋە شەربىتى، تەبىئى ھەم قوشۇندى ماددىلىرى يوق بولغاچقا، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار، مىۋە شەربىتىنى بالىلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن ياخشى قۇشۇمچە يىمەكلىك دەپ قارايدۇ.
   بىراق، مىۋە شەربىتى سىقىش جەريانىدا، مىۋە گۆش قىسمى تاشلىۋىتىلىدىغان بولغاچقا، ئارىسىدىكى ئىرىشچانلىقى تۆۋەن يىمەكلىك تالا ماددىلىرىنىڭ ھەممىسى بىللە تاشلىۋىتىلىدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىرىشچانلىقى يۇقىرى يىمەكلىك تالا ماددىلىرى بىلەن ۋىيتامىن C قاتارلىقلارمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە خوراپ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، مىۋىنىڭ ئەسلى ئۇزۇقلۇق قىممىتى، زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كىتىدۇ.

   ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، مىۋە شەربىتىنى بەك ياخشى قۇشۇمچە يىمەكلىك دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. ئەگەر ئاتا-ئانىلار بالىسىغا مىۋە يىگۈزمەكچى بولسا، ئۇنى سىقىپ شەربىتىنى چىقارماي، ئىزىپ بەرسە بولىدۇ؛ ياكى بالا ئازراق چوڭ بولغاندىن كىيىن، مىۋىنى ئۇششاق ياكى نىپىز ياپراقچە قىلىپ توغراپ بەرسە بولىدۇ. بۇنىڭدا، مىۋىنىڭ ئەسلىدىكى ئۇزۇقلۇق قىممىتىنى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىرگە، بالىلارنىڭ چايناش ئىقتىدارى ۋە قولىدا تۇتۇش ئىقتىدارىنى مەشىقلەندۈرگىلى بولىدۇ.
   ئەلۋەتتە، بۇنداق دىگىنىمىز، مىۋە شەربىتىنى قەتئى ئىچمەسلىكى كىرەك دىگەنلىك ئەمەس. ناگاندا بىر مىۋە شەربىتى ئىچكۈزۈپ قويساق، ھەرخىل قوشۇندى ماددىلىرى بار قالايمىقان ئىچىملىكلەرنى ئىچكۈزگەندىن ياخشى بولىدۇ.
كۆكتات سۈيى
   نۇرغۇن ئانىلار ناھايىتى خۇراپى بولۇپ، كۆكتاتنى سۇدا قاينىتىپ، بالىسىغا كۆكتاتنىڭ تەمىنى ئىچۈرىدۇ ھەمدە بۇ خىل كۆكتات سۈيىنى ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلايدىغان ۋە قەۋزىيەتنى ياخشىلايدىغان بولىدۇ دەپ قارايدۇ.
   ئەمىلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. كۆكتاتنى سۇدا قايناتساق، كۆكتات يۈز قىسمىدىكى قالدۇق دېھقانچىلىق دورىلىرى، ئوت كىسلاتاسى قاتارلىقلار سۇدا ئىرىپ چىقىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، بۇ خىل كۆكتات سۈيىنىڭ ھېچقانداق ئۇزۇقلۇق تەركىبى يوق بولۇپلا قالماي، يەنە تېخى بالىنىڭ سالامەتلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كىلىدۇ. بۇندىن باشقا، كۆكتات سۈيىنىڭ ئۆزىنىڭ تۈزۈك ئۇزۇقلۇق تەركىبى يوق، يەنە تېخى بالىنىڭ ئاشقازىنىنى ئىگەللىۋالىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، بالىنىڭ سۈت ئىمىش ۋە باشقا قوشۇمچە يىمەكلىكلەرنى يىيىش مىقدارىغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

   ئۇنىڭ ئۈستىگە، مەيلى مىۋە شەربىتى بولسۇن ياكى كۆكتات سۈيى بولسۇن، ھەممىسى بەلگىلىك تەمى بار يىمەكلىك بولۇپ، بالا بۇ خىل تەمگە ئۆگىنىپ قالغاندىن كىيىن، قايناقسۇ ئىچكىلى ئۇنىمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.
   شۇڭا، ئەگەر بالىلارغا كۆكتات يىگۈزمەكچى بولساق، كۆكتاتنى بىر قاينىتىۋەتكەندىن كىيىن، ئۇنى ئىزىپ ياكى ئۇششاق توغراپ يىگۈزۈش كىرەك.

يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى نىمىنى بىلدۈرىدۇ؟

بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلغان ۋاقىتتىكى بەدەن ئېغىرلىقى ئوخشاش بولمايدۇ؛ ئادەتتە بەش جىڭ، ئالتە، يەتتە جىڭ، سەككىز جىڭ تۇغۇلىدىغانلارمۇ بار؛ ئ

تۇغۇتتا ئەگەشمە كىسەللىك قالغان قالمىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز

ئاياللار تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن ئىنتايىن ئاجىزلىشىپ كىتىدىغان بولۇپ، بىرەر ئەگەشمە كىسەللىك قېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ياخشى كۈتۈنۈشى لا

بوۋاقلار قانچىلىك بولغاندا چوڭلارنىڭ تامىقىنى يىسە بولىدۇ

ئادەتتە چوڭلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى، تەم سەزگۈ ئەزاسى ۋە ئاشقازان-ئۈچەيلىرى پۈتۈنلەي يىتىلىپ بولغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تامىقى چوڭ پارچە ھە

ئوپراتسىيە قىلىپ تۇغدۇرغان ۋە ئانىسى ئۆزى تۇغقان بالىنىڭ پەرقى

ئادەتتە ئاياللارنىڭ تۇغۇتى ئىككى خىلغا بۆلىنىدۇ: ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇش ۋە ئۆزى تەبىئى تۇغۇش؛ بۇ ئىككى خىل تۇغۇت ئۇسۇلىدا بەلگىلىك پ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدۇ

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ تورغا چىقىپ بۇ بىر جۈملە سۆزنى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ باقسىڭىز، شۇھام

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号