يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار زادى سۇغۇقتىن قورقامدۇ ياكى ئىسسىقتىنمۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6868:قېتىم كورۇلدى
   بالا تۇغۇلغاندىن كىيىن، كۆپ قىسىم يىڭىدىن ئانا بولغۇچىلار ھۇدۇقۇپ قالىدۇ؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ھېچقانداق ئالاقىدار تەجىربە ساۋاقلىرى بولمىغاچقا، بالىنىڭ ھالىدىن قانداق خەۋەر ئېلىش كىرەكلىكىنى بىلەلمەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا چوڭلارنىڭ رولى زور بولىدۇ، ئۇلار بوۋاقنى كىيىندۈرۈپ ياكى كۆپىگە ئوراپ، ئانىسىنىڭ يېنىغا ياتقۇزۇپ قويىدۇ. بىراق، چوڭلار ھەمىشە بالىلارنى توڭۇپ قالىدۇ دەپ ئۇلارغا كىيىمنى كۆپ كېيگۈزىۋىتىدۇ. لىكىن، توردا يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى بېقىش ساۋاتلىرىنى كۆرۈپ باققانلار ئىگىلىگەن ئەھۋال بولسا، يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بەدىنىدە ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەن بولغاچقا، چوڭلارغا قارىغاندا ئازراق كىيىنىش دىگەن ئۇچۇر بولىدۇ. ئۇنداقتا، يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار زادى سۇغۇقتىن قورقامدۇ ياكى ئىسسىقتىنمۇ؟
   ئەمىلىيەتتە، يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى، چوڭلارغا قارىغاندا قېلىنراق كېيگۈزۈش كىرەك؛ ئەگەر بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بوۋاق بولسا، يەنە بىر قەۋەت قېلىنراق كېيگۈزۈش كىرەك. چۈنكى، يىڭى تۇغۇلغان بوۋاق، ئىسسىقتىنمۇ ۋە سۇغۇقتىنمۇ ئوخشاشلا قورقىدۇ. ئۇلار ئانىسىنىڭ تېنىدىن ئەمدى ئايرىلىپ چىققان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ بەدەن تىمپىراتۇرسىنى تەڭشەش ئىقتىدارى تېخى تولۇق يىتىلىپ بولالمىغان؛ بۇنداق ئەھۋالدا، بەك ئىسسىق ياكى بەك سۇغۇق بولۇپ كەتسە، ئۇلار ئوخشاشلا بىئارام بولىدۇ. بۇ سەۋەپلىك، ئەگەر ھاۋا ئىسسىق بولسا، ئۇلار چوڭلارغا قارىغاندا ئىسسىقتىن تېخىمۇ بەكرەك قورقىدۇ؛ ئەگەر ھاۋا سۇغۇق بولسا، چوڭلارغا قارىغاندا سۇغۇقتىن بەكرەك قورقىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ، ئەمىلىي ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق تۈردە تەڭشەش ئېلىپ بېرىشىغا توغرا كىلىدۇ.
   ئەلۋەتتە، تېخىمۇ ياخشى بولغان بىر خىل ئۇسۇل بولسا، ئۆي ئىچى تىمپىراتۇرسىنى ئىمكان قەدەر تۇراقلىق تىمپىراتۇردا ساقلاش بولۇپ، يازنىڭ كۈنلىرى، يىڭى تۇغۇلغان بوۋاق تۇرۋاتقان ئۆينىڭ تىمپىراتۇرسى 28-26سىلتسىيە گىرادوس ئەتراپىدا بولسا، قىشنىڭ كۈنلىرى 22-20سىلتىسيە گىرادوس ئارىسىدا ساقلانسا بولىدۇ؛ نەملىك جەھەتتە، ئۆي ئىچى نەملىك دەرىجىسى %70-%50ئارىسىدا بولسا، بوۋاقلارغا ئىنتايىن يېقىشلىق بولغان بولىدۇ. بۇنداق مۇھىتتا، بوۋاقلارنى بەك قېلىن كېيگۈزىۋالمىساقمۇ بولىدۇ ھەمدە ئۇلارغا كىيىمنى ئاز كېيگۈزۈپ سۇغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ئەنسىرەشمۇ كەتمەيدۇ.
   كۆپ قىسىم چوڭلار، يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى سۇغۇققا توڭدۇرۇپ قويۇشتىن ئەنسىرەيدۇ؛ ئەمىلىيەتتە بوۋاقنى زىيادە ئىسسىقلىتىپ قويساق ئاقىۋىتى تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ، ئۇلارنى بەك قېلىن كېيدۈرۈپ قويساق، ئۇلار ئىزچىل تۈردە بىر خىل يۇقىرى تىمپىراتۇرلىق ئوكسىگىن كەمچىل ھالەتتە تۇرۇپ قالىدىغان بولۇپ، سەللا دىققەت قىلمىغاندا سۇسىزلىنىش، ھەتتا نەپەسلىنەلمەي قېلىش ئەھۋاللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ بەدەن تىمپىراتۇرسىنى تەڭشەش ئىقتىدارى ناچار بولغاچقا، بەك قېلىن كېيگۈزۈپ قويغاندا، بەدەن ئىسسىقلىقىنى تارقىتالماي، بەدەن تىمپىراتۇرسى بارغانسىرى ئۆرلەپ كىتىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالنىڭ ئاقىۋىتى، ئەلۋەتتە بىز كۆرۈشنى خالىمايدىغان خەتەرلىك ئەھۋاللاردۇر.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

ھامىلدار ئايالنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىنىڭ ھامىيلىگە تەسىرى زور

ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىدا باشقا بىر كىچىك ھاياتلىق بار بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەرىكەت-قىلمىشلىرى، قوساقتىكى بالىنىڭ بىخەتەرلىكىگ

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بۇ تۆت خىل كىيىم بالىلارنىڭ يەسلىدە كىيىشىگە ماس كەلمەيدۇ

بالىسى تۇغۇلغاندىن كىيىن، ئانىلار ياسىنىشقا ئەھمىيەت بىرىدىغان بولۇشقا باشلايدۇ؛ بىراق، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەمەس، بەلكى بالىسىنىڭ ياسىنىش

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

بالىنىڭ گېلى ئاغرىپ قالغاندا قانداق ئۇزۇقلىنىشى كىرەك

بوۋاقلار ئادەتتە ئۆزىنىڭ گېلىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز بولغاچقا، ئەگەر ئۇلار توختىماي يىغلاپ، سۈت ئىچىشكە ئۇنىمىس

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号