ھامىلدار ئاياللارنىڭ قوسىقىدا نىمىشقا بىر تال قارا سىزىقچە بار
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 7910:قېتىم كورۇلدى
   ھامىلدارلىق مەزگىلىدە تۇرۋاتقان ياكى تۇغۇپ باققان ئاياللارنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ، ئادەتتە ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىدا بىرتال قارا سىزىقچە پەيدا بولۇپ قالىدۇ؛ بۇ قارا سىزىقچىنىڭ ئۇزۇن قىسقىلى، توم-ئىنچىكىلىكى ۋە رەڭگىنىڭ قېنىق-سۇسلىقى، ئادەمگە قاراپ ئوخشىمايدىغان بولۇپ، نۇرغۇن ھامىلدار ئاياللار، ھەممەيلەندە بولغاندىكىن ھېچۋەقەسى بولمايدۇ دەپ بۇنىڭغا سەل قارايدۇ. يەنە بەزى ھامىلدار ئاياللار بولسا، تۇغۇپ بولغاندىن كىيىنمۇ بۇ سىزىقچىنىڭ يوقاپ كەتمەي، كىيىم كىيىشىمگە تەسىر قىلارمۇ دەپ ئەنسىرەيدۇ. بۈگۈن بىز كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، بۇ قارا سىزىقچە ھەققىدە ئازراق ساۋاتلارنى سۆزلەپ بىرىمىز.
بۇ قارا سىزىق زادى نىمە؟
    بۇ سىزىق ئەمىلىيەتتە ھامىلدارلىق ئوتتۇرا سىزىقى بولۇپ، تىبابەتتە يەنە ئاق سىزىق دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ يەردە بەلكىم بەزى ھامىلدار ئاياللار مەندە نىمىشقا بۇنداق سىزىقچە يوق دەپ سورىشى مۇمكىن؛ ئەمىلىيەتتە، ھەر بىر ھامىلدار ئايالدا بۇ خىل سىزىقچە بار، پەقەت بەزىلەرنىڭ ئىنتايىن سۇس بولۇپ، ئىنىق كۆرگىلى بولمايدۇ. بۇ سىزىقچە، قوساق قىسىم مۇسكۇل تالالىرىنىڭ بىرىكىشىدىن شەكىللەنگەن بولۇپ، مۇسكۇل تالالىرى ئۈستىگە چاپلىشىۋالىدىغان بولغاچقا، ئادەتتە بىز كۆرىدىغان ھامىلدارلىق ئوتتۇرا سىزىقىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇنداقتا، نىمىشقا پەقەت ھامىلدار ئاياللاردىلا بۇ خىل سىزىقچە شەكىللىنىدۇ؟ چۈنكى، ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ئۇلارنىڭ تېنىدىكى ھورمۇن سەۋيىسىدە ئۆزگىرىش كۆرۈلۈپ، قاراڭ رەڭ ماددىسى ئېشىپ كىتىدىغان بولغاچقا، بۇ خىل قارا سىزىقچە پەيدا بولىدۇ.
ھامىلدارلىق ئوتتۇرا سىزىقچىسىنىڭ قانداق رولى بار؟
   1. ھامىلدار ئايالنىڭ بەدەن ساپاسىغا ھۆكۈم قىلىش
   ئوخشاشلا ھامىلدارلىق ئوتتۇرا سىزىقچىسى، ئەمما ھەربىر ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىدىكى بۇ سىزىقچە ئوخشىمايدىغان بولۇپ، پەرق ئاساسلىقى سىزىقنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى، توم-ئىنچىكىلىكى ۋە رەڭگىنىڭ قېنىق-سۇسلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ.
بۇ ئەمىلىيەتتە، ھامىلدار ئايالنىڭ يېشى، بەدەن ساپاسى، ھورمۇن سەۋيىسى قاتارلىق كۆپ تەرەپلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا، تىرىسى قارىغا مايىل بولغان كىشىلەردىكى قارا رەڭ ماددىسى ، تىرىسى ئاق كىشىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئاسان چۆكۈپ يىغىلىدۇ.
   2. ھامىلدارلىق ئوتتۇرا سىزىقچىسى، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم بولغان ئاناتومىيلىك بەلگە
   ھامىلدارلىق ئوتتۇرا سىزىقچىسى، قوساق قىسىم مۇسكۇللىرى جىيەنمو پەردىسىنىڭ بىرىكىشىدىن شەكىللەنگەن ھەمدە مۇسكۇل تالالىرى ئۈستىگە چاپلاشقان بولۇپ، ئادەتتە دوۋسۈن سۆڭىكىنىڭ تۇتاشقان جايىدىن ئۈستىگە قاراپ سوزۇلۇپ، كىندىكتىن ئۆتۈپ كۆكرەك سۆڭىكىگە تۇتىشىدۇ. بۇ سىزىقچە ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىنى ئوڭ-سول جەھەتتىن تەڭ ئوتتۇرىدىن ئىككىگە بۆلىدىغان بولۇپ، ئادەم بەدىنى ئانوتومىيەسىدە مۇھىم بىر بەلگە ھىسابلىنىدۇ.
ھامىلدارلىق ئوتتۇرا سىزىقچىسى ھامىيلىنىڭ جىنسىي ئايرىمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟
   خەلق ئارىسىدا، نۇرغۇنلىغان چوڭلار ھامىلدارلىق ئوتتۇرا سىزىقچىسىغا ئاساسەن ھامىيلىنىڭ جىنىسىي ئايرىمىسىغا ھۆكۈم قىلىدۇ؛يەنى، ھامىلدارلىق ئوتتۇرا سىزىقچىسى توم ھەم ئوڭ تەرەپتىراق بولسا ئوغۇل بالا، ئەكسىچە بولسا قىز بالا دەپ قارايدۇ. ئەمىلىيەتتە، ئازراق بىر ساۋاتقا ئىگە ئادەم، بۇنىڭ ھېچقانداق بىر ئىلمى ئاساسى يوق ئىكەنلىكىنى بىلەلەيدۇ. ھامىلدار ئاياللار بۇنداق ئەپقاچتى  گەپلەرگە ئىشەنمەسلىكى كىرەك. ئادەتتە، ھامىيلىنىڭ جىنسىي ئايرىمىسى، ئىسپىرما بىلەن تۇخۇم بىرىككەن ۋاقىتتىلا بىكىتىلىپ بولىدىغان بولۇپ، باشقا ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن ئۆزگىرىشى مۇمكىن ئەمەس؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى بەزىبىر ئالاھىدىلىكلەرگە قاراپلا ئايرىغىلى بولىدىغانمۇ ئەمەس.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

ھامىلدار ئايالنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىنىڭ ھامىيلىگە تەسىرى زور

ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىدا باشقا بىر كىچىك ھاياتلىق بار بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەرىكەت-قىلمىشلىرى، قوساقتىكى بالىنىڭ بىخەتەرلىكىگ

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بۇ تۆت خىل كىيىم بالىلارنىڭ يەسلىدە كىيىشىگە ماس كەلمەيدۇ

بالىسى تۇغۇلغاندىن كىيىن، ئانىلار ياسىنىشقا ئەھمىيەت بىرىدىغان بولۇشقا باشلايدۇ؛ بىراق، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەمەس، بەلكى بالىسىنىڭ ياسىنىش

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

بالىنىڭ گېلى ئاغرىپ قالغاندا قانداق ئۇزۇقلىنىشى كىرەك

بوۋاقلار ئادەتتە ئۆزىنىڭ گېلىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز بولغاچقا، ئەگەر ئۇلار توختىماي يىغلاپ، سۈت ئىچىشكە ئۇنىمىس

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号