ھامىلدارلىقتا بۇ ئۈچ ۋاقىتتا سۇنى كۆپرەك ئىچىپ بىرىڭ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6210:قېتىم كورۇلدى
    ئايال كىشى ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ئۇلارنىڭ قوسىقىدا بالا بار بولغاچقا، قايتا بىرلا ئادەم ھىسابلانمايدۇ؛ شۇڭا تاماق يىيىش ياكى سۇ ئىچىش بولسۇن، مىقدار جەھەتتە ئىلگىرىكىگە قارىغاندا كۆپرەك يىيىشى ۋە ئىچىشى لازىم بولىدۇ.
   قوساقتىكى ھامىيلە، ۋاقتىنچە بالىياتقۇدىكى  باش سۈيى ئىچىدە تۇرىدىغان بولۇپ، ھامىلدار ئايالنىڭ ئادەتتىكى سۇ ئىچىش مىقدارى، باش سۈيىنىڭ مىقدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئەگەر باش سۈيى يىتىشمەسلىك مەسىلىسى كۆرۈلسە، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ھەتتا ھامىيلىگە ئوكسىگىن يىتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن، ھامىيلىنىڭ نورمال يىتىلىشى ئۈچۈن، باش سۈيىنىڭ يىتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كىرەك.
   ئادەتتە، ھامىلدار ئايال بۇ ئۈچ ۋاقىتتا سۇنى كۆپرەك ئىچىپ بەرسە، باش سۈيى تېخىمۇ يىتەرلىك بولۇپ، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە پايدىلىق بولىدۇ.
ئەتىگىنى ئورنىدىن تۇرغاندىن كىيىن، ئاچ قووساققا بىر ئىستاكان ئىلمان سۇ ئىچىپ بىرىش
   كىچىسى ئۇخلىغان ۋاقىتتا، كۆپ قىسىم كىشىلەر كىچىسى ئورنىدىن تۇرۇپ سۇ ئىچمەيدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن، بىر كىچە ئۇخلاپ دەم ئالغاندىن كىيىن، بەدەندىكى سۇ تەركىبى زور مىقداردا ئازىيىپ، ئادەم ئەتىگىنى ئورنىدىن تۇرغاندا، بىر خىل بەدەندە سۇ كەمچىللىك ھالىتىدە تۇرىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك، ئايلىنىش ۋە مىتابولىزىم سۈرئىتى ئاستىلاپ كىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەتىگىنى ئورنىمىزدىن تۇرغاندىن كىيىن بىر ئىستاكان سۇ ئىچىپ بەرسەك، بەدەندە كەملەپ كەتكەن سۇ تەركىبىنى ۋاقتىدا تۇلۇقلاپ، قاننىڭ قۇيۇقلۇق دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىشكە ھەمدە قان ئايلىنىش ۋە مىتابولىزىمنى تىزلىتىشكە بولىدۇ. ئەلۋەتتە، ھامىلدار ئايالغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، يۇقارقىلاردىن باشقا، يەنە بالىياتقۇدىكى باش سۈيىنى تۇلۇقلاش رولىنى ئويناپ، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە پايدىلىق بولىدۇ.
ئۇخلاشتىن بىر سائەت بۇرۇن بىر ئىستاكان سۇ ئىچىش
   ئالدىدا سۆزلەپ ئۆتكەنگە ئوخشاش، بىر كىچىلىك ئۇخلاش جەريانىدا، ئادەم بەدىنىدە ئاسانلا سۇ تەركىبى كەملەپ كىتىش كۆرىلىدۇ؛ ھامىلدار ئاياللارغا نىسبەتەن بولسا، باش سۈيى كەملەپ كىتىش خەۋپى تۇغۇلىدۇ. شۇڭا، بۇ مەسىلىلەرنىڭ كۆرۈلۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۇخلاشنىڭ بىر سائەت ئالدىدا بىر ئىستاكان سۇ ئىچىپ بەرسەك، بەدەندىكى سۇ تەركىبىنى ئۈنۈملۈك ساقلاپ، باش سۈيىنى ۋاقتىدا تۇلۇقلاشقا پايدىلىق بولىدۇ. بۇ يەردە شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كىرەككى، سۇ ئىچىپلا ئۇخلاشقا ياتماسلىق كىرەك؛ بولمىغاندا، كىچىسى كىچىك تەرەت قىستاپ، ئۇيقۇ سۈپىتىگە تەسىر يىتىدۇ، بۇ سەۋەپلىك قوساقتىكى ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ.
مۇنچىغا چۈشۈپ چىققاندىن كىيىن ۋە ھەرىكەتلىنىش جەريانىدا سۇ ئىچىپ بىرىش
   ئەمىلىيەتتە، ھامىلدار ئايالنىڭ قايسى ۋاقىتتا سۇنى كۆپرەك ئىچىپ بىرىشى كىرەكلىكى، ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى سۇ تەركىبىنىڭ خورىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ھامىلدار ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، يۇيۇنغان ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى سۇ تەركىبى ئاسانلا خوراپ كىتىدۇ؛ شۇڭا يۇيۇنۇپ بولغاندىن كىيىن، ئەڭ ياخشىسى بىر ئىستاكان سۇ ئىچىۋىتىش كىرەك. بۇندىن باشقا، ھەرىكەت قىلىش جەريانىدا تەر كۆپ چىقىدىغان بولغاچقا، بەدەندىكى سۇنىڭ خورىشى تىزلاپ كىتىدۇ؛ شۇڭا بۇنداق ئەھۋالدىمۇ سۇ تۇلۇقلاشقا دىققەت قىلماق لازىم.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

ھامىلدار ئايالنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىنىڭ ھامىيلىگە تەسىرى زور

ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىدا باشقا بىر كىچىك ھاياتلىق بار بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەرىكەت-قىلمىشلىرى، قوساقتىكى بالىنىڭ بىخەتەرلىكىگ

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بۇ تۆت خىل كىيىم بالىلارنىڭ يەسلىدە كىيىشىگە ماس كەلمەيدۇ

بالىسى تۇغۇلغاندىن كىيىن، ئانىلار ياسىنىشقا ئەھمىيەت بىرىدىغان بولۇشقا باشلايدۇ؛ بىراق، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەمەس، بەلكى بالىسىنىڭ ياسىنىش

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

بالىنىڭ گېلى ئاغرىپ قالغاندا قانداق ئۇزۇقلىنىشى كىرەك

بوۋاقلار ئادەتتە ئۆزىنىڭ گېلىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز بولغاچقا، ئەگەر ئۇلار توختىماي يىغلاپ، سۈت ئىچىشكە ئۇنىمىس

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号