بالىلار مىڭىسىگە قۇۋۋەت تۇلۇقلايدىغان يىمەكلىكلەر
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6066:قېتىم كورۇلدى
تۇخۇم—چوڭ مىڭىنىڭ يىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ
   تۇخۇم، ئادەتتە كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل ئۇزۇقلۇق مەنبەسى بولۇپ، ئۇزۇقلۇقشۇناسلار تەرپىدىن، "پۈتۈنلەي ئاقسىللاشقان ئەندىزە" دەپ تەرىپلىنىدۇ.
   تۇخۇم سېرىقى تەركىبىدە، لېتسىتىن، تىرگلىتسىرىد، خولىستىرىن ۋە تۇخۇم سېرىقى ماددىسى مول؛ بۇ ماددىلارنىڭ نىرىپلارنىڭ يىتىلىشىگە قارىتا مۇھىم رولى بار بولۇپ، چوڭ مىڭىنىڭ يىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.
ياڭاق—ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ
   ياڭاق تەركىبىدە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتالىرى مول بولۇپ، خولىستىرىننىڭ مىقدارىنى تۆۋەنلىتەلەيدۇ، شۇڭا ياڭاق يەپ بىرىشنىڭ يۈرەككە قارىتا بەلگىلىك پايدىسى بار.
   بۇندىن باشقا، ياڭاق تەركىبىدە يەنە ۋىيتامىن B ۋە ۋىيتامىن E قاتارلىقلارمۇ مول بولۇپ، ھۈجەيرىلەرنىڭ قېرىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى پ، ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش رولىنى ئوينايدۇ.
كاۋا—مىڭىنىڭ ئايلىنىشىغا پايدىلىق
   كاۋا تەركىبىدە كاروتىن ماددىسى مول. گوللاندىيىلىك ئالىملارنىڭ تەتقىق قىلىپ بايقىشىچە، كاروتىن ماددىسىنى كۆپلەپ قوبۇل قىلغاندا، نىسبەتەن سەزگۈر بولغان تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدىكەن.
   بۇندىن باشقا، كاۋا ئۇرۇغى تەركىبىدە سىنىك ماددىسى بار بولۇپ، مىڭىنىڭ يىتىلىشىگە ۋە مىڭە قىسمىنىڭ ئايلىنىشىغا پايدىلىق بولىدىكەن. ئەگەر بەدەندە سىنىك ماددىسى كەملەپ كەتسە، ئاسانلا ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى چىكىنىپ كىتىش، دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرەلمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرىلىدىكەن.
خەيدەي—مىڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ
  خەيدەي تەركىبىدە لىنولىئىك كىسلاتا، لىتسىتىن قاتارلىق ئۇزۇقلۇق تەركىبلەر بار بولۇپ، بۇ ماددىلارنىڭ مىڭىنى قۇۋۋەتلەش ئۈنۈمى بار. بۇندىن باشقا، خەيدەي تەركىبىدىكى گۈڭگۈرت تۈرىدىكى ماددىلار، چوڭ مىڭىنىڭ تەرەققىياتى جەريانىدا كەم بولسا بولمايدىغان ماددىلاردۇر.
بانان—مىڭە ھۈجەيرىلىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ
   بانان تەركىبىدە، مىنرالنى ماددىلار ۋە كالى ئىئونى بار بولۇپ، بەدەندىكى ناترى ئىئونىنى نىتراللاشتۇرالايدۇ ھەمدە ھۈجەيرە ۋە ئورگانىزىملارنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ. شۇڭا، ھەمىشە بانان يەپ بەرگەندە، مىڭىنى قۇۋۋەتلەشكە پايدىلىق بولىدۇ.
كالا سۈتى—نىرۋا ھۈجەيرىلىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ
   كالا سۈتى تەركىبىدە، ئاقسىل، كالتسىي ۋە ئادەم مىڭىسىگە زۈرۈر بولغان ئامىنو كىسلاتالار بار. كالا سۈتى تەركىبىدىكى كالتسى ئادەم بەدىنىگە ئەڭ ئاسان سۈمۈرۈلىدىغان بولۇپ، چوڭ مىڭە مىتابولىزىمىدا كەم بولسا بولمايدىغان ماددىدۇر.
   بۇلاردىن باشقا، كالا سۈتى تەركىبىدە يەنە، نىرىپ ھۈجەيرىلىگە پايدىلىق بولغان ۋىيتامىن B1قاتارلىق ماددىلار بار.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

ھامىلدار ئايالنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىنىڭ ھامىيلىگە تەسىرى زور

ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىدا باشقا بىر كىچىك ھاياتلىق بار بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەرىكەت-قىلمىشلىرى، قوساقتىكى بالىنىڭ بىخەتەرلىكىگ

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بۇ تۆت خىل كىيىم بالىلارنىڭ يەسلىدە كىيىشىگە ماس كەلمەيدۇ

بالىسى تۇغۇلغاندىن كىيىن، ئانىلار ياسىنىشقا ئەھمىيەت بىرىدىغان بولۇشقا باشلايدۇ؛ بىراق، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەمەس، بەلكى بالىسىنىڭ ياسىنىش

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

بالىنىڭ گېلى ئاغرىپ قالغاندا قانداق ئۇزۇقلىنىشى كىرەك

بوۋاقلار ئادەتتە ئۆزىنىڭ گېلىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز بولغاچقا، ئەگەر ئۇلار توختىماي يىغلاپ، سۈت ئىچىشكە ئۇنىمىس

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号