ھامىلدار ئاياللار بۇ نەچچە خىل شورپىنى كۆپرەك ئىچىپ بىرىشى كىرەك
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5899:قېتىم كورۇلدى
    ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلاش ياخشى بولسا، قوساقتىكى بالا ئاندىن ساغلام ئۆسۈپ يىتىلەلەيدۇ. ئۇنداقتا، ياز كۈنلىرى ھامىلدار ئاياللار قانداق شورپا ئىچىپ بەرسە ياخشى بولىدۇ؟
كالا سۆڭەك شورپىسى
   ئۈنۈمى: كالا سۆڭىكى تەركىبىدە كالتسىي مول بولۇپ، ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىگە ئوخشاشلا پايدىلىق؛ ھامىلدارلىق ئاخىرىقى مەزگىلى، ھامىيلىنىڭ سۆڭەكلىرى يىتىلىدىغان ۋاقىت بولۇپ، كالتسىي ماددىسىغا ئالاھىدە ئىھتىياجلىق بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەمىشە كالا سۆڭەك شورپىسى ئىچىپ بىرىش كىرەك.
   كىتەرلىك ماتىريال: كالا سۆڭىكى، قارا قېرىنقولاق، موگو، تۇز
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. كالا سۆڭىكىنى قاينىغان سۇغا سېلىپ بەش مىنۇت قايناتقاندىن كىيىن سۈزۈپ ئېلىپ سۇدا بىر چايقىۋىتىمىز؛
   2. تەييارلىغان يىمەكلىك ماتىرياللىرىنى قوشۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيغاندىن كىيىن ئۈچ سائەت قاينىتىمىز؛ ئاخىرىدا تۇز قوشۇپ تەم تەڭشىسەكلا بولىدۇ.
بېلىق كاللىسى مور شورپىسى
   ئۈنۈمى: ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئاياللارنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا ماس كىلىپلا قالماي، پۈتكۈل ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ. ھامىيلىنىڭ مىڭىسى ۋە نىرۋا سېستىمىسىنىڭ يىتىلىشىگە پايدىلىق بولىدۇ.
   كىتەرلىك ماتىريال: بېلىق كاللىسى، مور
تەييارلاش ئۇسۇلى
    1. قۇم قازىنىنى ئېسىپ، ئازراق ماي قۇيۇپ قازاننى ياغلايمىز؛ كەينىدىن 50گىرام قوي مېيى قوشۇپ(كۆنەلمەيدىغانلار قوشمىساقمۇ بولىدۇ)، بېلىق كاللىسىنى قازانغا سالىمىز.
   2. بېلىق كاللىسىنى داغلاپ ھەر ئىككى يۈزى سارغايغاندىن كىيىن، تېتىتقۇ ھارىقى قوشۇپ، تۇۋاقنى يېپىپ ئازراق دۈملەيمىز؛ ئۈستىگە تۇز، غولپىياز مايسىسى، زەنجىۋىل، سۇ قوشۇپ، يۇقىرى ئوتتا قاينىتىمىز ھەمدە تۇۋاقنى يېپىپ كىچىك ئوتتا 20مىنۇت دۈملەيمىز.  بېلىق تىرىسى قولىشىپ، بېلىق كۆزى پولتىيىپ چىققان ھەمدە شورپا ئاق سۈتسىمان رەڭگە كىرگەن ۋاقىتتا، مورنى سېلىپ بىر قاينىتىپ پىشۇرۋەتسەكلا بولىدۇ.
كۆك كاۋا خەيدەي شورپىسى
   ئۈنۈمى: كۆك كاۋا ئىسسىق يەلنى ھەيدەپ، بەدەندىكى كىراخمال ۋە قەنت تەركىبىنىڭ ئىسسىقلىق ئىنىرگىيىسىگە ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئەمما ياغقا ئايلىنىپ كەتمەيدۇ؛ خەيدەينىڭ تەركىبىدە بولسا زور مىقداردا يۇد بار بولۇپ، يۇد ماددىسى ئاياللىق ھورمۇنىنىڭ ئاجرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆسىن گۈزەل لەشتۈرۈش ئۈنۈمى كۆرسىتىدۇ.
   كىتەرلىك ماتىريال: خەيدەي، كۆك كاۋا
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. مۇۋاپىق مىقداردا سۇ ئېلىپ، ئوتنى ياققاندىن كىيىن كۆك كاۋىنى، كەينىدىن خەيدەينى سالىمىز؛ قازان قايناپ چىققاندىن كىيىن،  ئاز مىقداردا تۇز قوشۇپ تەم تەڭشىسەكلا بولىدۇ.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

ھامىلدار ئايالنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىنىڭ ھامىيلىگە تەسىرى زور

ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىدا باشقا بىر كىچىك ھاياتلىق بار بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەرىكەت-قىلمىشلىرى، قوساقتىكى بالىنىڭ بىخەتەرلىكىگ

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بۇ تۆت خىل كىيىم بالىلارنىڭ يەسلىدە كىيىشىگە ماس كەلمەيدۇ

بالىسى تۇغۇلغاندىن كىيىن، ئانىلار ياسىنىشقا ئەھمىيەت بىرىدىغان بولۇشقا باشلايدۇ؛ بىراق، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەمەس، بەلكى بالىسىنىڭ ياسىنىش

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

بالىنىڭ گېلى ئاغرىپ قالغاندا قانداق ئۇزۇقلىنىشى كىرەك

بوۋاقلار ئادەتتە ئۆزىنىڭ گېلىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز بولغاچقا، ئەگەر ئۇلار توختىماي يىغلاپ، سۈت ئىچىشكە ئۇنىمىس

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号