بوۋاقلارغا قوشۇمچە يىمەكلىكلەرنى قانداق يىگۈزۈش كىرەك
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 10510:قېتىم كورۇلدى
   يېرىم ياشقا توشقاندىن كىيىن، بوۋاقلارنىڭ يۇتۇش ئىقتىدارىدا ئىلگىرلەش ئىنتايىن زور بولىدۇ؛ تىلىنى كۆتۈرۋىلىش رىفلىكىسى ئاساسى جەھەتتىن يوقايدۇ، يۇتۇش رىفلىكىسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، يىمەكلىكلەرنى يۇتۇشى تېخىمۇ ماسلىشىشچان بولۇپ ئۆزگىرىدۇ. بۇ ئەھۋال، بوۋاقلارنىڭ سۇيۇق ۋە ئۇماچ ھالىتىدىكى يىمەكلىكلەردىن، ئۇششقا چانالغان ۋە نىسبەتەن چوڭراق پارچىلانغان يىمەكلىكلەرنى يىيىشكە قەدەم قويىشىغا ئاساس سالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، بوۋاقلارغا تەدرىجى ھالدا قاتتىق ھالەتتىكى يىمەكلىكلەرنى يىگۈزۈشنى باشلىساق بولىدۇ، ئەمما بەك تىز بولۇپ كەتمەسلىك كىرەك.
يىڭىچە ئۇسۇل—يىمەكلىكلەرنى قولىدا ئېلىپ يىيىش
   بۇ مەزگىلدە، بوۋاقلار تېخىمۇ كۆپ تۈردىكى ۋە مىقداردىكى قاتتىق ھالەتتىكى يىمەكلىكلەرنى ياخشى كۆرىدۇ. قاتتىق ھالەتتىكى يىمەكلىكلەر بوۋاقنىڭ تامىقىنىڭ ئاساسلىق قىسمىغا ئايلىنىپ، بىر ياش ئەتراپىدىكى بوۋاقلارنىڭ ئۇزۇقلۇق كىلىش مەنبەسىنىڭ يېرىمىنى ئىگەللەيدۇ. بۇ مەزگىلدە، يىڭى ئۆسۈپ-يىتىلىش، يىڭىچە ئۇزۇقلىنىش ئەندىزىسى ئېلىپ كىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، بوۋاقلارنىڭ بارماقلىرىنىڭ تۇتۇش ئىقتىدارىدا زور دەرىجىدە ئىلگىرلەش كۆرىلىدىغان بولۇپ، كىچىك پارچە يىمەكلىكلەرنى تۇتۇپ ئالالايدىغان بولىدۇ. بوۋاقلارنىڭ ئادەتتە يىڭى ئۆگەنگەن ئىشىغا قارىتا قىزىقىشى ئىنتايىن زور بولىدۇ، شۇڭا بۇ ۋاقىتتا، ئۇلارغا كىچىك پارچە يىمەكلىكلەرنى بىرىپ، ئۇلارنىڭ يىڭى ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇش كىرەك.
   بوۋاقلارنىڭ يىمەكلىكلەرنى قولىدا تۇتۇپ يىيىشىنى رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، بىز ئۇلارنىڭ ئالدىغا بىرەر قاچىغا پىشۇرغان سەۋزە پارچىسى ياكى بوۋاقلار چىشلىيەلەيدىغان مىۋە پارچىسى قاتارلىقنى قويۇپ بەرسەك بولىدۇ. چىشى چىقىۋاتقان بوۋاقلار، ئادەتتە سەل قاتتىقراق يىمەكلىكلەر ئارقىلىق چىشىنى بىلەشنى ياخشى كۆرىدۇ. بىراق، بوۋاقلارنىڭ قولىدا يىمەكلىكلەرنى تۇتۇپ يىيەلەيدىغان بولىشىنىڭ پايدىسىز تەرەپلىرىمۇ بار؛ يىمەكلىك ۋە تاماق قاچىلىرى، ئۇلار قىزىقىدىغان نەرسىلەرگە ئايلىنىپ قېلىپ، بوۋاقلار بۇ نەرسىلەرنى ئۈستەلگە ئۇرۇپ ياكى ئېتىپ تاشلاپ خاپا قىلىدۇ. بۇ بەلكىم بوۋاقلارنىڭ يىمەكلىك يىيىشنى رەت قىلغانلىقى ئەمەس، بەلكىم ئۇنىڭ يىڭى ماھارەت ئۈستىدە ئىزدىنىش ئىھتىياجىنى ئىپادىلىگەنلىكى بولۇشى مۇمكىن.
بوۋاقلارنى ئۇزۇقلاندۇرۇش تاكتىكىسى
   1. ئۇلارنىڭ قوسىقىنىڭ تېخى كىچىك ئىكەنلىكىنى ئەستىن چىقارماسلىق: ئاز مىقداردا كۆپ قېتىمغا بۆلۈپ ئۇزۇقلاندۇرۇش كىرەك. بوۋاقلارنىڭ ئاشقازىنى پەقەت مۇشتىچىلىك چوڭلۇقتا كىلىدۇ، شۇڭا بىر قېتىملىق تامىقى 5قوشۇقتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كىرەك. تەخسىگە بىر قېتىمدىلا بىرمۇنچە يىمەكلىكلەرنى ئېلىۋالماي، ئاۋال ئازراق ئېلىپ، يەپ بولغاندىن كىيىن يەنە قوشۇپ ئۇسۇپ بەرسەك بولىدۇ.
   2. يىمەكلىكلەرنىڭ تۈرىنى تەدرىجى ھالدا كۆپەيتىش: يىڭىدىن قاتتىق ھالەتتىكى يىمەكلىكلەرگە ئۇچراشقان بوۋاقلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كۆكتات بىلەن مىۋىلەرنى ئىزىپ شەربەت قىلىپ بەرسەك بىرقەدەر مۇۋاپىق. بوۋاقلارنىڭ بۇ يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىش تەجىربىسى بار بولغاندىن كىيىن، ئاندىن يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا يىمەكلىكلەرنى ئىزىپ لاي ھالىتىدە يىگۈزسەك، بۇنىڭ كەينىدىن ئاندىن ئۇششاق توغرا يىگۈزۈشكە ئۆتسەك بولىدۇ.
   3. مەجبۇرلىماسلىق: بالىلارنى تاماق يىگۈزۈشكە مەجبۇرلىماسلىق كىرەك؛ مەجبۇرلاش، پەقەت ساغلام بولمىغان تاماق يىيىش ئادىتىنىلا يىتىلدۈرۈپ قويىدۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ رولى بولسا، ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، بوۋاقلارغا ماس كىلىدىغان يىمەكلىكلەرنى تاللاپ بىرىشتۇر. بوۋاقلار بولسا، ئۆزىنىڭ ئىھتىياجى، كەيپىياتى، ئىقتىدارى ۋە ياقتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئۆزى يىگۈسى بار يىمەكلىكنى يەيدۇ.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

ھامىلدار ئايالنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىنىڭ ھامىيلىگە تەسىرى زور

ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىدا باشقا بىر كىچىك ھاياتلىق بار بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەرىكەت-قىلمىشلىرى، قوساقتىكى بالىنىڭ بىخەتەرلىكىگ

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بۇ تۆت خىل كىيىم بالىلارنىڭ يەسلىدە كىيىشىگە ماس كەلمەيدۇ

بالىسى تۇغۇلغاندىن كىيىن، ئانىلار ياسىنىشقا ئەھمىيەت بىرىدىغان بولۇشقا باشلايدۇ؛ بىراق، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەمەس، بەلكى بالىسىنىڭ ياسىنىش

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

بالىنىڭ گېلى ئاغرىپ قالغاندا قانداق ئۇزۇقلىنىشى كىرەك

بوۋاقلار ئادەتتە ئۆزىنىڭ گېلىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز بولغاچقا، ئەگەر ئۇلار توختىماي يىغلاپ، سۈت ئىچىشكە ئۇنىمىس

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号