بالىڭىز تاماق تاللايدىغان بولىۋالسا قانداق قىلىش كىرەك
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 10748:قېتىم كورۇلدى
   بالىلارنىڭ تاماق تاللىشى، ئادەمنىڭ بېشىنى قاتۇرىدىغان بىر مەسىلە! ئۆزى ياقتۇرمايدىغان يىمەكلىكلەرنى كۆرسە، يا ئېغىزىنى قەتئى ئاچمايدۇ، يا بولمىسا يەپ بولۇپ تۈكۈرۋىتىدۇ...ئۇنىمۇ يىمەيدۇ، بۇنىمۇ يىمەيدۇ، ئاتا-ئانىسى بولسا، ئۇنىڭغا ئۇزۇقلۇق يىتىشمەي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ بولالماي قالىدۇ.
   ئەمىلىيەتتە، بالىلارنىڭ تاماق تاللايدىغان بولۇپ قېلىشىغا نىسبەتەن، "ئالدىنى ئېلىشقا" ۋە "قۇتقۇزۇۋىلىشقا" بولىدۇ.
   تاماق تاللايدىغان بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ئىككى مەزگىلنى ئۆتكۈزۈۋەتمەسلىك كىرەك.
   بىرىنچى مەزگىل، بوۋاققا قوشۇمچە يىمەكلىك بىرىشنى باشلاشتىن بۇرۇنقى، ئانىنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلى ۋە ئىمىتىش مەزگىلى
كۆپچىلىككە بەلكىم مەلۇملۇق بولۇشى مۇمكىن؛ ئەمىلىيەتتە بوۋاقنىڭ تەم خاھىشى، ئانىسىنىڭ قوسىقىدىكى ۋاقىتتىلا يىتىلىشكە باشلايدۇ. ھامىلدارلىق مەزگىلى ۋە ئىمىتىش مەزگىلىدە، ئانىنىڭ يىگەن يىمەكلىكىنىڭ تەمى، باش سۈيى ياكى ئانا سۈتى ئارقىلىق بالىغا يەتكۈزۈلىدۇ.
    شۇڭا، ئادەتتە تاماق تاللايدىغان ئانىلارمۇ، بالىڭىز ئۈچۈن، يەيدىغان يىمەكلىك تۈرىنى ئىمكان قەدەر موللاشتۇرۇشىڭىز كىرەك. بۇنىڭدا، قوسىقىڭىزدىكى بالىڭىزنىڭ، كەلگۈسىدە ھەرخىل يىمەكلىكلەرنى قوبۇل قىلىش دەرىجىسى يۇقىرىراق بولىدۇ.
   ئىككىنچى مەزگىل، بوۋاقلار يىڭىدىن قوشۇمچە يىمەكلىك يىيىشنى باشلىغان ۋاقىت
    بۇ مەزگىل تېخىمۇ مۇھىم بولۇپ، بالىلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان تەملەرنى قوبۇل قىلىشنى ئۆگىنىشىدىكى ئەڭ ياخشى مەزگىل. ئادەتتە، بىر ياشقا توشقاندىن كىيىن يىمەكلىك تاللايدىغان بولىۋالىدىغان بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى، بىر ياشقا كىرىشتىن ئىلگىرى يەپ باققان يىمەكلىكلىرىنىڭ تۈرى بەك ئاز بولغانلىقىدىن بولىدۇ، ياكى بولمىسا، ئىزچىل تۈردە ئىزىپ قاينىتىپ يىگۈزۈپ، يىمەكلىكنىڭ شەكىل ھالىتىنى ۋاقتىدا تەڭشىمىگەنلىكتىن بولىدۇ.
    قوشۇمچە يىمەكلىكلەرنى قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى مەزگىلدە، بوۋاقلارنى كۆپرەك يىمەكلىك تۈرىگە ئۇچراشتۇرساق، ئۇلار تۇتۇپ بېقىپ، پۇراپ تېتىپ بېقىپ، ھەرخىل يىمەكلىكلەرنى ئومۇميۈزلۈك جەھەتتىن تۇنۇيدۇ، بۇنىڭدا بالىلارنىڭ يىمەكلىك تاللىشىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.
    ئەگەر تاماق تاللايدىغان بولۇپ بولغان بولسا قانداق "قۇتقۇزۇش" كىرەك؟
   ئەگەر بالا تاماق تاللايدىغان بولىۋالغان بولسا قانداق قىلىش كىرەك؟ ئالدىرماڭ، تۆۋەندىكى ئاماللارنى كۆرۈپ بېقىڭ!
   ئالدى بىلەن، بوۋاقنى ئالداشقا بولمايدۇ. ئۇنىڭغا ئېغىزىڭغا گۆش سالىمەن دەپ، ئۇ ئېغىزىنى ئاچقاندىن كىيىن چىچەكسەي سەپ قويسىڭىز، بۇنىڭدا بوۋاق سىزگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىدۇ.
   بالىلار تېخى كىچىك ۋاقتىدا يىمەكلىك تاللايدىغان بولىۋالسا، ئۇنى كۆپرەك زورلاپ سىناپ بېقىڭ(نەچچە ئون قېتىم بولسىمۇ زىرىكىپ قالماڭ)، كۆپرەك رىغبەتلەندۈرۈڭ.
   بۇندىن باشقا يەنە، يىمەكلىكنى تەييارلاش جەھەتتە كۆپرەك زىھىن سەرپ قىلىڭ. مەسىلەن، بالىلار يىشىل كۆكتات يىيىشنى ياقتۇرمىسا، ئۇنى ئۇششاق چاناپ قاتلىما ئارىسىغا قوشۇۋىتىڭ؛ ياكى بالا يىيىشكە ئامراق بولغان يىمەكلىكلەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، بوۋاق ياخشى كۆرىدىغان ھەرخىل شەكىللەرگە كەلتۈرۈپ تەييارلاپ بىرىپ سىناپ بېقىڭ.
   بىراق يېراقنى كۆزلىگەندە، بالىلارغا يىمەكلىكنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى ئىرىنمەي چۈشەندۈرۈپ بىرىپ، ئۇلارنىڭ تۇنۇشىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرىش كىرەك.

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بۇ تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىڭ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايال تۆۋەندىكى تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىشى كىرەك، بولمىغاندا، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر ي

بۇ تۆت خىل كىيىم بالىلارنىڭ يەسلىدە كىيىشىگە ماس كەلمەيدۇ

بالىسى تۇغۇلغاندىن كىيىن، ئانىلار ياسىنىشقا ئەھمىيەت بىرىدىغان بولۇشقا باشلايدۇ؛ بىراق، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەمەس، بەلكى بالىسىنىڭ ياسىنىش

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号