بالىنىڭ بۇ ئىككى يىرىنى كۆپرەك سىلاپ بەرسە بالا ئەقىللىق بولىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6210:قېتىم كورۇلدى
   ھەربىر بوۋاقنىڭ تۇغۇلۇشى، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۈمىدىنى ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ. ھەربىر ئاتا-ئانا ئۆز بالىسىنىڭ ساغلام خۇشال، ئەقىللىق ھەم يامان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئەمىلىيەتتە، بالىڭىزنى تېخىمۇ ئەقىللىق بولسۇن دىسىڭىز، ئادەتتە ئۇلارنىڭ ئالقىنى بىلەن تاپىنىنى كۆپرەك سىيلاپ بەرسىڭىز بولىدۇ.
    بىز ھەمىشە، ئادەمنىڭ ئون بارمىقى يۈرىكىگە تۇتىشىدۇ دەيمىز؛ بۇنىڭدىكى سەۋەپ بولسا، قول بارماقلىرىدىكى نىرىپ ئۇچلىرىنىڭ تارقىلىشى نىسبەتەن كۆپ بولۇپ، بوۋاقلارنىڭ قوللىرىنى ھەمىشە ئۇۋلاپ يىنىك ئۇرۇپ بەرگەندە، ئۇلارنىڭ قولىدىكى نىرىپلار ئارقىلىق چوڭ مىڭىگە رىفلىكىس يەتكۈزۈپ، بوۋاقلارنىڭ نىرۋونلىرىنى غىدىقلاش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ؛ بۇنىڭدا، بوۋاقنىڭ چوڭ مىڭىسىنىڭ يىتىلىشى تېخىمۇ تىز بولىدۇ.
   بۇنىڭ بىلەن بىرگە، بوۋاقلارنىڭ پۇتىدىمۇ نۇرغۇنلىغان پەللىلەر بار بولۇپ، بۇ پەللىلەرنى ئۇۋۇلاپ بەرگەندە، بوۋاقنىڭ بەدىنىدىكى قان ئايلىنىشنى تىزلىتىپ، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ ساغلام ئۆسۈشىگە پايدىلى بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ ئىممونت كۈچىنىمۇ ئاشۇرىدۇ. تەتقىقات نەتىجىلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بەدىنى ساغلام، ئىممونت كۈچى يۇقىرى بولغان بالىلار تېخىمۇ ئەقىللىق بولىدىكەن.
   شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار بوۋىقىنىڭ قوللىرىنى ۋە پۇتىنى سىيلاپ ئۇۋۇلاپ بەرسە، ئۇلارنىڭ چوڭ مىڭىسىنىڭ يىتىلىشىنى غىدىقلاشقا پايدىللىق بولۇپلا قالماي، ئەڭ مۇھىم بولغىنى، ئۇلارنىڭ بوۋىقى بىلەن بولغان يېقىنلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، بوۋاققا سىرتقى دۇنيادىكى مۇھەببەتنى ھىس قىلدۇرىدۇ. بۇلار ئاندىن، بوۋاقنىڭ چوڭ مىڭىسىنىڭ يىتىلىشىدىكى تىزلەتكۈچ ھىسابلىنىدۇ.
    بىراق، بوۋاقلارنىڭ بەدىنىدىكى يەنە ئۈچ جاينى ئىمكان قەدەر سىيلاپ ئۇۋىلىماسلىق كىرەك، بولمىغاندا بوۋاقنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر يىتىدۇ.
   بوۋاقلارنىڭ شىنمىن ئىشىكى(囟门،باش چوقا قىسمىدىكى) ۋە يۈز قىسمىنى سىيلاپ ئۇۋلىماسلىق كىرەك.
   بوۋاقلارنىڭ شىنمىن ئىشكى ئالدى شىنمىن ۋە كەينى شىنمىن ئىككىگە بۆلىنىدىغان بولۇپ كەينى شىنمىن 3-2ئايلىق بولغاندىلا يېپىلىپ بولىدۇ؛ ئالدى شىنمىن بولسا 24-8ئاي ئەتراپىدا ئاندىن يېپىلىپ بولىدىغان بولۇپ، بۇ ئارلىقتا يېپىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى نورمال ھىسابلىنىدۇ. يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ باش سۆڭىكى ئالتە پارچە سۆڭەكتىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، بۇ ئالتە پارچە سۆڭەك ئۇنچە مۇستەھكەم ئەمەس؛ بولۇپمۇ ئالدى پىشانىسىنىڭ ئۈستى قىسمى، ئوتتۇرىدىكى مەركىزى قىسمى ۋە ئارقا مىڭە تەرەپ(يەنى كەينى شىنمىن ئورنى) ئىنتايىن ئاجىز كىلىدۇ. بەزى بالىلارنىڭ ئالدى شىنمىننىڭ ئارىلىقى نىسبەتەن كەڭ بولۇپ، نەپەسلەنگەندە كۆپۈپ پەسىيىپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئالدى شىنمىن يىتىلىش مەزگىلىدە تۇرۋاتقان، يەنى تېخى تۇلۇق يېپىلىپ بولالمىغان بوۋاقلارنىڭ باش قىسمىنى ئىمكان قەدەر ئاز تۇتماق كىرەك. بولمىغاندا، ئەگەر بىرەر زەخمىگە ئۇچراپ قالسا، بوۋاقنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنىڭ يىتىلىشگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە تېخى ئاسانلا مىڭە ياللۇغلىنىپ قېلىش قاتارلىق كىسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
   بوۋاقلارنىڭ چىرايى، ئادەمنى ئەڭ خۇشال قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ گۆشلۈك ھەم يۇمران كەلگەن يۈزلىرىنى، كىمنىڭلا كۆرسە بىر تۇتۇپ باققۇسى ھەم سۆيۈپ قويغۇسى كىلىپ كىتىدۇ. بىراق، بوۋاقلارنىڭ يۈزىنى تۇتىمەن دەپلا تۇتۇشقا بولمايدۇ. چۈنكى، بوۋاقلارنىڭ كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى نىسبەتەن ئاجىز بولۇپ، ئادەمنىڭ قولىدا ئادەتتە باكتىرىيەلەر بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا، سەللا ئىھتىيات قىلمىساق، بوۋاقلارنى باكتىريە ۋىرۇسلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىتىمىز. ئەگەر بوۋاقنىڭ يۈزىنى دائىم سىيلىساق، يەنە ئۇلارنىڭ سەيشىيەن بېزى ۋە سەيشىيەن كانىلىنى زەخمىگە ئۇچرىتىپ، بوۋاقتا شۆلگەي ئېقىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بوۋاقنىڭ ئېغىز بوشلۇقى شىلىمشىق پەردىسىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ.

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بۇ تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىڭ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايال تۆۋەندىكى تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىشى كىرەك، بولمىغاندا، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر ي

بۇ تۆت خىل كىيىم بالىلارنىڭ يەسلىدە كىيىشىگە ماس كەلمەيدۇ

بالىسى تۇغۇلغاندىن كىيىن، ئانىلار ياسىنىشقا ئەھمىيەت بىرىدىغان بولۇشقا باشلايدۇ؛ بىراق، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەمەس، بەلكى بالىسىنىڭ ياسىنىش

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号