تۇغۇت، ئاياللارنىڭ ئۆمرىدىكى ئەڭ مۇھىم بىر ئىش؛ ئاياللار ئۆزىنىڭ تۇغقان بالىسىنى كۆرگەندىن كىيىن، ئۇلار تارتقان جاپاسىنىڭ ۋە ئاغرىقىنىڭ ھەممىنى ئۇنتۇيدۇ. ئايال كىشى ئەگەر ئۆزى تەبىئى تۇغسا، چوقۇم ئونىنچى دەرىجىلىك قاتتىق ئاغرىقنى باشتىن ئۆتكۈزىدۇ؛ ئەمما ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغقان ئاياللار گەرچە بۇ خىل قاتتىق ئاغرىقتىن قۇتۇلۇپ قالسىمۇ، ئەمما ئوپراتسىيە قىلغان جاراھەت ئېغىزىنىڭ ئاغرىقى ۋە تاتۇقتىن قۇتۇلالمايدۇ.
ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇشتا، ھامىلدار ئايال مەيلى قايسى خىل سەۋەبتىن ئوپراتسىيە ئارقىلىق تۇغۇشقا مەجبۇر بولغان بولسۇن، چوقۇم دوختۇرنىڭ تەكلىپ پىكىرىگە ئاكتىپلىق بىلەن ماسلىشىشى كىرەك، بۇنىڭدا ئاندىن تۇغۇت جەريانىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. تۇغۇتتىن كىيىن بولسا، تۇغۇتلۇق ئايالغا نىسبەتەن بولغان ئاسراشمۇ مۇھىم بولۇپ، ئەگەر ئاسراش مۇۋاپىق ھەم جايىدا بولسا، بەدەن ئورگانىزىملىرىنىڭ ئىقتىدارى ئاندىن تېخىمۇ ياخشى ئەسلىگە كىلەلەيدۇ.

يىمەك-ئىچمەككە دىققەت قىلىش كىرەك
ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغقان ئاياللارنىڭ، تۇغۇتتىن كىيىنكى 6سائەت ئىچىدە يىمەكلىك يىيىشى چەكلىنىدۇ؛ چۈنكى، ناركوزنىڭ تەسىرىدە، تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ ئاشقازان ئۈچەي ئىقتىدارى ئاجىزلىشىپ كىتىدىغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ ئاشقازان-ئۈچىيىنىڭ قىمىرلىشى ئاستىلاپ، ئۈچەيگە ئاسانلا يەل يېغىلىۋالىدۇ. ئالتە سائەتتىن كىيىن بولسا، سۇيۇق يىمەكلىكلەرنى ئاساس قىلىپ، يەل ھەيدەيدىغان شورپىلارنى، مەسىلەن قىزىل تۇرۇپ شورپىسى قاتارلىقلارنى ئىچىپ بەرسە بولىدۇ؛ 24سائەتتىن كىيىن بولسا يېرىم سۇيۇقلۇق يىمەكلىكلەرنى ئاساس قىلىش، مەسىلەن، شىفەن، سۇيۇقئاش قاتارلىقلار. ئادەتتە، ئوپراتسىيە ئارقىلىق تۇغقان ئاياللار، يېرىم سۇيۇق ھالەتتىكى يىمەكلىكلەرنى 2-1كۈن ئىستىمال قىلغاندىن كىيىن، ئادەتتىكىچە تاماق يىيىشكە ئۆتسە بولىدۇ. بىراق شۇنى ئەستىن چىقارماسلىقى كىرەككى، سۈت كەلتۈرىمەن دەپ، بەزىبىر مايلىق يىمەكلىكلەرنى، مەسىلەن، توخۇ شورپىسى، قوي گۆشى شورپىسى قاتارلىقلارنى ئالدىراپ ئىستىمال قىلماسلىق كىرەك.
ئۆزىدىكى چىللە خۇنى ئەھۋالىغا ھەرۋاقىت دىققەت قىلىش
تۇغۇتتىن كىيىن، چىللە خۇنىنىڭ ئەھۋالىغا دىققەت قىلىش لازىم بولىدۇ؛ بۇنىڭدا، چىللە خۇنىنىڭ مىقدارى، رەڭگى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىگە دىققەت قىلىش كىرەك. بۇندىن باشقا، ئوپراتسيە ئارقىلىق تۇغقان ئاياللاردىن قان كۆپرەك چىقىپ كىتىدىغان بولغاچقا، قان كىلىش ئەھۋالىغا تېخىمۇ بەكرەك دىققەت قىلىش كىرەك. ئەگەر كۆپ مىقداردا قان چىقىپ كىتىدىغان ئەھۋاللار بايقالسا، دوختۇرغا ۋاقتىدا كۆرۈنۈشى لازىم.

قوساق قىسىمدىكى جاراھەت ئېغىزىغا ئاسراش قىلىش
ئوپراتسيە قىلدۇرۇپ تۇغقان ئاياللار، پۈتۈنلەي ئەسلىگە كىلىپ بولۇشتىن ئىلگىرى، بەدىنىنى سۈرتۈپ يۇيۇنۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىشى كىرەك. بۇندىن باشقا، تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ چىللە خۇنى تۇلۇق تۈگەپ بوللمىغان ۋاقىتتا، ھەركۈنى ئىلمان سۇ بىلەن، تاشقى جىنسى ئەزانى 2-1قېتىم يۇيۇپ بىرىش كىرەك. جاراھەت ئېغىزىدا قىزىرىپ ئىششىش، ئاغرىق ياكى قىچىشىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەندە، ئۆزى قالايمىقان مەلھەم دورا سۈرىمەي، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈشى كىرەك.
مۇۋاپىق مىقداردا ھەرىكەتلىنىش
ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغقان ئاياللار، دوختۇرخانىدىن چىقىپ ئۆيىدە دەم ئېلىش بىلەن بىرگە، مۇۋاپىق تۈردە ھەرىكەتلىنىپ بىرىشى كىرەك. چۈنكى، مۇۋاپىق تۈردە ھەرىكەتلىنىش، ئوپراتسىيە ئارقىلىق تۇغقان ئايالنىڭ ئوپراتسىيەدىن كىيىنكى ئەسلىگە كىلىشىنى تىزلەشتۈرىدۇ ھەمدە قان نۆكچىسى پەيدا بولۇش قاتارلىق ئەگەشمە كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. تۇغۇتلۇق ئايال ئۆيدە مۇۋاپىق تۈردە مېڭىپ بەرسە بولىدۇ، ئەمما بەك چارچاپ كىتىشتىن ساقلىنىش كىرەك.

ئاخىرىدا، ئوپراتسىيە ئارقىلىق تۇغقان ئاياللارغا بىرىدىغان يەنە بىر تەۋسىيىمىز شۇكى، ئوپراتسىيەدىن كىيىن ياخشى روھى كەيپىياتنى ساقلاپ، يىتەرلىك دەرىجىدە ئارام ئالماق لازىم. بالىغا قاراپ چارچاش ھىس قىلغاندا، چوقۇم ئۆيىدىكىلەرنى ياردەمگە چاقىرماق لازىم.