بالىڭىزنى كۆزى چىرايلىق تۇغۇلسىكەن دەمسىز، كىلىپ كۆرىۋىلىڭ!
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5726:ئادەم ئۆگەندى
    ھەممەيلەن، كۆز قەلبنىڭ دەرىزىسى دىيىشىدۇ؛ ئەگەر بوۋىقىڭىزنىڭ چىرايلىق بىر جۈپ كۆز بار بولسا، ئۇنىڭ چىراي قىممىتىگە نۇمۇر قوشۇپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭ ئەقىللىق ئىكەنلىكىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ھامىلدار ئاياللارغا نىسبەتەن، ئۇلارنىڭ ئەڭ ئۈمىد قىلىدىغىنى، ھەم ئەقىللىق ھەم ئوماق بالىدىن بىرنى تۇغۇش بولۇپ، ئەڭ ياخشىسى كۆزلىرىنىڭ يوغان تۇغۇلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
   بالىنىڭ كۆزى، كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ئىرسىيەت ئامىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان بولۇپ، قوش قاپاقلىق بولۇش، كىرپىكىنىڭ ئۇزۇن قىسقا بولۇشى، كۆزلىرىنىڭ چوڭ كىچىكلىكى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىرسىيەت ئامىلى بىلەن باغلىنىشلىق بولىدۇ. ئىرسىيەت ئىلمى نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، كۆزى چوڭ بولۇش، كۆرۈنەرلىك تىپتىكى ئىرسىيەتكە كىرىدىغان بولۇپ، ئەگەر ئاتا-ئانىسى ئىچىدىكى بىر تەرەپنىڭ كۆزلىرى يوغان بولسىلا، كەلگۈسىدە بالىسىنىڭمۇ كۆزلىرىنىڭ يوغان تۇغۇلۇش ئىھتىماللىقى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ.
   ئىرسىيەت ئامىلىدىن باشقا، بوۋاقنىڭ كۆزىنىڭ قانداق بولۇشى، ئەمىلىيەتتە ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى يىمەك-ئىچمەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك. تۆۋەندىكى يىمەكلىكلەرنى، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە كۆپرەك يەپ بەرگەندە، كۆزنى تېخىمۇ چىرايلىق قىلىپلا قالماي، يەنە تېخى كۆرۈش قۇۋۋىتىنىمۇ ئاشۇرىدۇ.
بىنەپشە رەڭلىك يىمەكلىكلەر
   "خاتىرىلەردە ئېيتىلىشىچە،  تارىختىكى داڭلىق ھەكىم لى شىجىننىڭ كۆز كىسىلى بار بولۇپ، ناگاندا بىر نەرسىلەرنى ئىنىق كۆرەلمەيدىغان بولۇپ قالىدىكەن. كىيىن ئۇ دورا يېغىش جەريانىدا، يىلتىز قىسمى ئۇزۇن ۋاقىت توڭلىغان يەر ئاستىدا ئۆسىدىغان كۆك رەڭلىك مىۋىنىڭ(مالىنا، 蓝莓)، ئۆزىنىڭ كىسىلىگە قارىتا شىپالىق ئۈنۈم بىرىدىغانلىقىنى بايقاپ، ئۇزۇن مۇددەت بۇ مىۋىنى ئىستىمال قىلغان ھەمدە ياشقا چوڭايغانسىرى كۆزلىرى ئۆتكۈرلىشىپ كەتكەن. بۇ سەۋەپلىك، لى شىجىن بۇ مىۋىنى، ئالاھىتەن ئۆزىنىڭ "ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى"غا كىرگۈزۈپ، تا ھازىرغىچە تارقىلىپ كەلگەن.
   مالىنا نىمە ئۈچۈن كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاسراشقا پايدىلىق بولىدۇ؟ چۈنكى، مالىنا تەركىبىدە سىئانىن دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ماددا بار بولۇپ، بۇ ماددا بولسا ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددىدۇر؛ ئۇ ئادەملەرنىڭ بەدىنىنىڭ ئىممۇنت كۈچىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە قان تۇمۇرلىرىنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئايلىنىش سېستىمىسىنى ياخشىلايدۇ؛ تىرىنىڭ پاقىراقلىقىنى ئاشۇرۇپ، بوغۇملارنىڭ ھەرىكەتچانلىقىنى ياخشىلايدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە، كۆرۈش پەردىسى ھۈجەيرىلىرىدىكى كۆرۈش بىنەپشە ماددىسىنىڭ قايتا پەيدا بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېقىننى كۆرەر كۆز بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ھەمدە كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ياخشىلايدۇ.
    شۇڭا ھامىلدار ئاياللار، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سىئانىن تەركىبى مول بولغان يىمەكلىكلەرنى، مەسىلەن، لى شىجىن ئىشلەتكەن مالىنا، بىنەپشە رەڭلىك ئۈزۈم، بىنەپشە رەڭلىك تاتلىق ياڭيۇ قاتارلىقلارنى كۆپرەك يەپ بىرىش كىرەك؛ بۇ يىمەكلىكلەرنىڭ سىئانىن تەركىبى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ھامىلدار ئايالنىڭ كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، تىرىسىنى ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ياخشىلاپلا قالماستىن، يەە ھامىيلىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ يىتىلىشىگە، كۆزلىرى تېخىمۇ نۇرلۇق ھەم چىرايلىق ھالدا تۇغۇلۇشىغا پايدىلىق بولىدۇ.
چوڭقۇر دېڭىزدا ياشايدىغان بېلىق تۈرلىرى
   نۇرغۇن ماقالىلاردا، ھامىلدار ئاياللارنىڭ ھەر ھەپتىسىگە 2-1قېتىم بېلىق يىيىشى، ئەڭ ياخشىسى چوڭقۇر دېڭىز رايونىدا ياشايدىغان بېلىقلارنى ئىستىمال قىلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ؛ بۇ نىمە ئۈچۈن؟  چۈنكى، چوڭقۇر دېڭىز رايونىدىكى بېلىق تەركىبىدە DHAماددىسى مول بولۇپ، DHAماددىسى بولسا، ھامىيلىنىڭ چوڭ مىڭىسى ۋە نىرۋا سېستىمىلىرىنىڭ يىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، يەنە ھامىيلىنىڭ كۆرۈش سىزىم نۇر سىزىم ھۈجەيرىلىنىڭ يىتىلىشى ۋە ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ بۇندىن باشقا، ئۇ يەنە ھامىلدار ئايالنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلى خامۇشلىشىش كىسىلى بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ.
    DHAبولسا، چوڭ مىڭە ۋە كۆرۈش پەردىسىنىڭ مۇھىم بولغان تەشكىل قىلغۇچى قىسمى بولۇپ، ئادەم چوڭ مىڭە پوستلاق قەۋىتىدىكى مىقدارى %20كە يىتىدۇ، كۆزنىڭ كۆرۈش تور پەردىسىدىكى ئىگىلىگەن نىسبىتى ئەڭ چوڭ بولۇپ، تەخمىنەن %50كە يىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھامىلدار ئاياللار ھامىيلىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ يىتىلىشىدىكى ئىھتىياجنى قامداش ئۈچۈن، DHA تولۇقلاشقا مۇھتاج بولىدۇ. بولۇپمۇ ھامىيلە 5ئايلىققا توشقاندىن كىيىن، ھامىيلىنىڭ ئاڭلاش سىزىمى، كۆرۈش سىزىمى، تىگىشىش سىزىمى قاتارلىقلارنى غىدىقلاپ، ھامىيلە چوڭ مىڭە پوستلاق قەۋىتىدىكى سىزىم مەركىزى نىرىپ سېستىمىسىدىكى نىرۋونلارنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇڭا، ھامىلدار ئاياللارنىڭ ھەر ھەپتىدە 3-2قېتىم چوڭقۇر دېڭىز رايونىدا ياشايدىغان بېلىق تۈرى يىمەكلىكلىرىنى ئىستىمال قىلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئەگەر بېلىق يىيىشنى ياخشى كۆرمىسە، بىۋاستە DHA ئىچىپ بەرسىمۇ بولىدۇ.
     چوڭقۇر دېڭىز رايونىدا ياشايدىغان بېلىق تۈرلىرىدىن باشقا، يەنە ياڭاق، خاسىڭ قاتارلىق قاتتىق پوستلۇق مىۋىلەر، خاسىڭ يېغى، پۇرچاق يېغى قاتارلىقلارنىڭمۇ DHA تەركىبى مول بولىدۇ.
   ئاخىرىدا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىكى شۇكى، بۇ يىمەكلىكلەر ھامىيلىنىڭ كۆرۈش ئىقتىدارىنىڭ يىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بالىنىڭ كۆزلىرىنىڭ تېخىمۇ چىرايلىق تۇغۇلۇشىغا پايدىلىق بولسىمۇ، ئەمما ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، يەنىلا ئۇزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىغا ئەھمىيەت بەرمەك لازىم. بالىنىڭ كۆزى چىرايلىق تۇغۇلسا بولاتتى، ياكى بالا چىرايلىق تۇغۇلسا بولاتتى دەپ، مەلۇم بىر خىل يىمەكلىكنىلا يەپ، باشقا يىمەكلىكلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ، تاماق تاللايدىغان ئەھۋالنىڭ كىلىپ چىقىشىدىن ساقلانماق لازىمدۇر.

يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى نىمىنى بىلدۈرىدۇ؟

بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلغان ۋاقىتتىكى بەدەن ئېغىرلىقى ئوخشاش بولمايدۇ؛ ئادەتتە بەش جىڭ، ئالتە، يەتتە جىڭ، سەككىز جىڭ تۇغۇلىدىغانلارمۇ بار؛ ئ

تۇغۇتتا ئەگەشمە كىسەللىك قالغان قالمىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز

ئاياللار تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن ئىنتايىن ئاجىزلىشىپ كىتىدىغان بولۇپ، بىرەر ئەگەشمە كىسەللىك قېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ياخشى كۈتۈنۈشى لا

بوۋاقلار قانچىلىك بولغاندا چوڭلارنىڭ تامىقىنى يىسە بولىدۇ

ئادەتتە چوڭلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى، تەم سەزگۈ ئەزاسى ۋە ئاشقازان-ئۈچەيلىرى پۈتۈنلەي يىتىلىپ بولغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تامىقى چوڭ پارچە ھە

ئوپراتسىيە قىلىپ تۇغدۇرغان ۋە ئانىسى ئۆزى تۇغقان بالىنىڭ پەرقى

ئادەتتە ئاياللارنىڭ تۇغۇتى ئىككى خىلغا بۆلىنىدۇ: ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇش ۋە ئۆزى تەبىئى تۇغۇش؛ بۇ ئىككى خىل تۇغۇت ئۇسۇلىدا بەلگىلىك پ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدۇ

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ تورغا چىقىپ بۇ بىر جۈملە سۆزنى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ باقسىڭىز، شۇھام

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号