ئاتا-ئانىلارنىڭ لاياقەتسىز قىلمىشى تىزىملىكى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5696:ئادەم ئۆگەندى
   يېقىنداق خەۋەر قىلىنىشىچە، مەلۇم بىر يۇقىرى قەۋەتلىك ئولتۇراق رايونىدا، بىر كەپسىز بالا 32-قەۋەتنىڭ ئۆگزىسىگە چىقىپ پەسكە خىش تاشلاپ ئوينىغان؛ بۇ ۋاقىتتا بىر ئايال بالىسىنى يىتىلەپ ئولتۇراق رايون ئىچىدە ئايلىنىۋاتقان بولۇپ، ئۈستىدىن تاشلانغان خىش ئۇنىڭ كاللىسىغا چۈشكىلى تاسلا قالغان.
   بۇ ئىشقا قارىتا، ئۇ بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ قايتۇرغان ئىنكاسى بولسا، "خىش كاللىڭىزغا چۈشمىگەندىكىن، تىزدىن بالىنى قويىۋىتىڭ، ئۇنى قورقۇتۇپ قويماڭ" دىيىش بولغان.
   كەپسىز بالىلارنىڭ قىلمىشى گەرچە ئادەمنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرسىمۇ، ئەمما بۇنىڭغا قارىغاندا ئادەمنى تېخىمۇ ئاچچىقلاندۇرىدىغىنى، ئاتا-ئانىسىنىڭ پوزۇتسىيىسىدۇر.
   خەلق گىزىتىنىڭ مىكروبىلوگىدا ئېلان قىلىنغان "لاياقەتسىز ئاتا-ئانىلار"نىڭ لاياقەتسىز قىلمىشلىرى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۈگۈن بىز بۇنى يېغىنچاقلاپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسىنى ئاسانلا يامان ئۆگىتىپ قويىدىغان ئون تۈرلۈك لاياقەتسىز قىلمىشىنى خۇلاسىلاپ چىقتۇق. دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى مەزمۇنلاردا بولسۇن.
بالىغا ئالاھىدە ئىمتىياز بىرىش
   بالىلارنىڭ ئورنى ئۆيدە باشقىلاردىن بىر دەرىجە يۇقىرى بىكىتىلىپ، ھەممە جەھەتلەردە ئالاھىدە ئىتىبارغا ئىرىشسە، بۇ خىل قىلمىش ئۇزۇنغا داۋاملاشقانسىرى، بالىلار شەخسىيەتچى، ھىسداشلىق قىلىشنى بىلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.
بالىلار خاتالىق ئۆتكۈزسە، ئۇلارنى قانات ئاستىغا ئېلىش
   نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار "بالا تېخى كىچىك، ئىش ئۇقمايدۇ" دىگەننى باھانە قىلىپ، بالىلارنىڭ خاتالىقىنى قانات ئاستىغا ئالىدۇ؛ بۇنىڭدا، بالىلاردا توغرا-خاتا تۇنۇشى يوق بولۇپ قېلىپ، بالىلارنىڭ مىجەز-خارەكتىرىنى بۇرمىلىۋىتىدۇ.
بالىغا چېكىدىن ئاشۇرۇپ كۆڭۈل بۆلۈش
   بىر ئائىلە كىشىلىرى ھەرۋاقىت بالىنىڭ ھەربىر ئىشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، بالىنى ئۆزىنىلا مەركەز قىلىۋالىدىغان ھەمدە ھەممە ئادەم مىنىڭ دىگىنىم بويىچە ئىش كۆرۈشى كىرەك دەپ ئويلايدىغان قىلىپ قويىدۇ.
ئورۇنسىز تەلىۋىنى ئاسانلا قانائەتلەندۈرۈش
   بالا نىمىنى تەلەپ قىلسا ئاتا-ئانىسى شۇنى بىرىش. بۇنىڭدا بالا، قەدىرلەشنى بىلمەيدىغان، ماددى جەھەتتىن ھۇزۇرلىنىشنى ئاساس قىلىپ، باشقىلارغا كۈيۈنۈشنى بىلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.
بالىنىڭ ھۇرۇن ۋە رەتسىز ئادەتلىنىشىگە يول قويۇش
   بالىنىڭ تاماق تاللاش، ئەتىگەنلىكى ئورنىدىن تۇرماسلىق، ئويناشنى باشلىسا ئۆزىنى توختىۋالالماسلىق قاتارلىق ناچار ئادەتلىرىگە يول قويۇش؛ بۇنىڭدا بالىلار ئىرادىسىز ھەم ئالغا ئىنتىلىش روھى كەمچىل، ئەپلەپ-سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزۈشكە ئامراق بولۇپ قالىدۇ.
بالىغا يالۋۇرۇش
   مەسىلەن، بالىنى بىر تەرەپتىن بەزلىگەچ بىر تەرەپتىن يالۋۇرۇپ تاماق يىگۈزۈش، ئۇنىڭغا ھىكايىدىن ئۈچنى سۆزلەپ بىرىشكە ماقۇل بولغاندىن كىيىن ئاندىن تاماقنى يىگۈزۈپ بولۇش. سىز يالۋۇرغانسىرى بالا شۇنچە ئېشىۋالىدىغان بولۇپ، توغرا-خاتانى ئايرىمايدىغان بولۇپ قېلىپ، ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ ئىناۋىتىمۇ تۈگەيدۇ.
ھەممە ئىشىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىۋىلىش
   بەزى ئاتا-ئانىلار ئەزەلدىن بالىسىنى ئىشقا سالمايدۇ. 4-3ياشلارغا كىرىپ قالغاندىمۇ ئۇنىڭغا تاماقنى يىگۈزۈپ قويىدۇ، 6-5ياشلارغا كىرىپ قالغاندىمۇ ھېچقانداق ئىشقا قولى كەلمەيدۇ. بۇنداق بالىلار تىرىشچان ھەم ئاق كۆڭۈل، ئالغا ئىنتىلىش روھى بار بولالمايدۇ.
كىچىك ئىشلارنى چوڭ بىلىپ كىتىش
   بالىلار ئازراقلا مىجەزى يوق بولۇپ قالسا، ئاتا-ئانىلار قورقۇپ ئەنسىرەپ كىچىك ئىشنى يوغىنىتىۋىتىدۇ؛ بالىلارنى بىتەرەپلىمە ھالدا ئەركىلىتىۋىرىش، ئۇلارنىڭ ئاخىرىدا ئاتا-ئانىسىدىن بىرقەدەممۇ ئايرىلالمايدىغان، قورقۇنچاق چوڭ بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
مۇستەقىللىقىنى تارتىۋىلىش
   بەزى ئاتا-ئانىلار بالىسىدىن زىيادە ئارتۇق ئەنسىرەپ، ئۇلارنى ھېچ ئىش قىلغىلى قويمايدۇ؛ بۇنداق بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىغا تايىنىۋىلىش ئىدىيىسى كۈچلۈك بولۇپ، كۆپىنچە "ئۆيگە كىرسە يولۋاسقا ئايلىنىدىغان، سىرتقا چىقسا مۈشۈك بولۇپ قالىدىغان" بولۇپ قالىدۇ.
بالىنىڭ يىغلاپ خاپا قىلىشىدىن قورقۇش
   بالىسىنىڭ يىغلاپ خاپا قىلىشىدىن قورققان ئاتا-ئانىلار، ئىقتىدارسىز ئاتا-ئانىلاردۇر. ئەگەر بالىنىڭ ھەدىسىلا يىغلاپ ئۇششۇق قىلىدىغان، ھەتتا ئاتا-ئانىسنى ئۇرۇپ تىللايدىغان قىلمىشلىرىغا يول قويۇۋەرسەك، ئۇلارنىڭ شەخسىيەتچى، رەھىمسىز، ئۆز بېشىمچە ئىش كۆرىدىغان مىجەزلىك بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىمىز.

تۇغۇتتا ياخشى كۈتۈنمىسىڭىز بۇ ئۈچ ئىشتىن قۇتۇلالمايسىز

يىڭى تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ كۈتۈنىشىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، ئەگەر تۇغۇت كۈتۈنىشى ياخشى بولمىسا، كىيىلىك تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، بۈگۈن ك

يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى نىمىنى بىلدۈرىدۇ؟

بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلغان ۋاقىتتىكى بەدەن ئېغىرلىقى ئوخشاش بولمايدۇ؛ ئادەتتە بەش جىڭ، ئالتە، يەتتە جىڭ، سەككىز جىڭ تۇغۇلىدىغانلارمۇ بار؛ ئ

تۇغۇتتا ئەگەشمە كىسەللىك قالغان قالمىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز

ئاياللار تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن ئىنتايىن ئاجىزلىشىپ كىتىدىغان بولۇپ، بىرەر ئەگەشمە كىسەللىك قېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ياخشى كۈتۈنۈشى لا

بوۋاقلار قانچىلىك بولغاندا چوڭلارنىڭ تامىقىنى يىسە بولىدۇ

ئادەتتە چوڭلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى، تەم سەزگۈ ئەزاسى ۋە ئاشقازان-ئۈچەيلىرى پۈتۈنلەي يىتىلىپ بولغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تامىقى چوڭ پارچە ھە

ئوپراتسىيە قىلىپ تۇغدۇرغان ۋە ئانىسى ئۆزى تۇغقان بالىنىڭ پەرقى

ئادەتتە ئاياللارنىڭ تۇغۇتى ئىككى خىلغا بۆلىنىدۇ: ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇش ۋە ئۆزى تەبىئى تۇغۇش؛ بۇ ئىككى خىل تۇغۇت ئۇسۇلىدا بەلگىلىك پ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号