ئانا سۈتىنىڭمۇ مىتال تەركىبى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كىتىشى مۇمكىن
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 8708:قېتىم كورۇلدى
   ھەممەيلەن ئانا سۈتىنى ئەڭ ساغلام بولغان بوۋاقلار يىمەكلىكى دەيدۇ، بىراق ھەر بىر قېتىم ئىمىتىلگەن ئانا سۈتىنىڭ ھەممىسىنى بىخەتەر دەپ مۇتلەقلەشتۈرۈپ ئېيتقىلى بولمايدۇ؛ ئەگەر ئانىنىڭ بەدىنىدىكى ئېغىر مىتال تەركىبى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتسە، ئانا سۈتى تەركىبىدىكى ئېغىر مىتال مىقدارىمۇ نورمىدىن ئېشىپ كىتىدىغان بولۇپ، ئەمگەن بالىغىمۇ زىيانلىق تەسىر ئېلىپ كىلىدۇ.
   ھازىر خەلقئارادا، ئادەتتە ئانا سۈتىنى بوۋاقلارغا ئەڭ ماس كىلىدىغان يىمەكلىك دەپ قارايدۇ. بىراق مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ كۈنسايىن ئېغىرلىشىشغا ئەگىشىپ، نۇرغۇنلىغان ئىمىتىدىغان بالىسى بار ئاياللار ئۆزىنىڭ بەزىبىر ئادەتلىرى ياكى يىمەك-ئىچمەك جەھەتتە دىققەت قىلمىغانلىق سەۋەبىدىن، بەدىنىدىكى ئېغىر مىتال تەركىبىنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا، ئانا سۈتىنىڭ تەركىبىدىكى ئېغىر مىتاللار مىقدارىمۇ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كىتىپ، بوۋاققا زىيانلىق تەسىر ئېلىپ كىلىدۇ. ئۇنداقتا، قايسى خىلدىكى ئىمىتىدىغان بالىسى بار ئانىلار، ئېغىر مىتال تەركىبى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كىتىش ئەھۋالىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كىرەك؟
تاماكا چىكىدىغانلار
   تاماكا، ئىمىتىدىغان بالىسى بار ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى نىكوتىننىڭ قۇيۇقلىقىنى ئاشۇرۋىتىپلا قالماي، بالىنىڭ نىرۋا سېستىمىسىغىمۇ غىدىقلاش پەيدا قىلىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئېغىر مىتال ھىسابلىنىدىغان قوغۇشۇن تەركىبىمۇ ئۆلچەمدىن ئېغىر دەرىجىدە ئېشىپ كىتىپ، بالىلار قايتۇرۋالغىلى بولمايدىغان نىرىپ زەخمىلىنىش ئەھۋاللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
   ھەل قىلىش ئۇسۇلى: ئەگەر ساغلام بىر بوۋاققا ئىرىشەي دىسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى ھامىلدارلىققا تەييارلىق كۆرۈشنى باشلىغان مەزگىلدىن تارتىپ، ئەر-خوتۇن ھەر ئىككەيلەن تاماكا چىكىشنى تاشلىشى كىرەك؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھامىلدارلىق ۋە يىڭى تۇغۇتلۇق مەزگىلىدىكى ئاياللار سىرتلارغا چىققاندا، ئەڭ ياخشىسى ماسكا تارتىۋىلىپ، باشقىلارنىڭ چەككەن تاماكىسىنىڭ ئىسىنى سۈمۈرۋىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىش كىرەك.
ھەمىشە دېڭىز ۋە دەريا مەھسۇلاتلىرى يىيىشنى ياخشى كۆرىغانلار
   نۇرغۇن ئاياللار بەلكىم ئاڭلاپ باققان، بېلىق تۈرىدىكى يىمەكلىكلەر تەركىبىدە، DHAماددىسى ئىنتايىن مول بولۇپ، بالىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ۋە ئەقلى ئىقتىدارىنىڭ يىتىلىشىگە پايدىسى زور. بىراق، ھازىر نۇرغۇنلىغان سۇ رايونلىرىدا ئېغىر دەرىجىدە سىمابتا بۇلغىنىش ئەھۋالى بار بولۇپ، ئەگەر ئىمىتىدىغان بالىسى بار ئايال ئىستىمال قىلغان دېڭىز ۋە دەريا مەھسۇلاتلىرى بۇ سۇ رايونىدىن كەلگەن بولسا، بەدەندىكى سىماپ ماددىسىنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئىمىتىدىغان بالىسىغىمۇ زور زىيان ئېلىپ كىلىدۇ.
   ھەل قىلىش ئۇسۇلى: ھامىلدارلىق مەزگىلى ۋە ئىمىتىش مەزگىلىدە، مۇۋاپىق تۈردە بەزىبىر سۇ مەھسۇلاتلىرىنى ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، ھەقىقەتەن بالا ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ DHA تۇلۇقلىغىلى بولىدۇ؛ بىراق لايىقىدا بولۇشقا ۋە پاكىزە سۇ رايونلىرىدىن كەلگەن بولۇشىغا دىققەت قىلىش كىرەك.
ھامىلدارلىق مەزگىلى ۋە ئىمىتىش مەزگىلىدە ھەمىشە گىرىم قىلىدىغان ۋە چېچىنى بۇيايدىغانلار
   ھازىرقى گىرىم بۇيۇملىرى ۋە چاچ بوياقلىرىدا،  ئادەتتە بەزىبىر ئېغىر مىتال ئىلمىنتلىرى بار بولۇپ، ھامىلدارلىق مەزگىلى ۋە ئىمىتىش مەزگىلىدە ھەمىشە گىرىم قىلىپ چاچ بوياتقاندا، تەركىبىدىكى ئېغىر مىتاللار ئاسانلا ئاجىز تىرىدىن ئۆتۈپ، قانغا سىڭىپ كىرىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك بەدەندىكى ئېغىر مىتال تەركىبىنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
   ھەل قىلىش ئۇسۇلى: ھامىلدارلىق ۋە بالا ئىمىتىش مەزگىلىدە، ئاياللار ئەڭ ياخشىسى گىرىم قىلىش ۋە چاچ بويىتىش قېتىم سانىنى ئازايتىشى، ھەتتا ئىمكان قەدەر ساقلىنىشى كىرەك؛ خىزمەت ئىھتىياجى سەۋەبىدىن گىرىم قىلىش كىرەك بولغان تەقدىردىمۇ، ئامال بار ئېغىر مىتال تەركىبى بار گىرىم بۇيۇملىرىنى تاللاپ ئىشلىتىش كىرەك.
خىزمەت جەريانىدا ھەمىشە قوغۇشۇنلۇق مەھسۇلاتلار بىلەن ئۇچرىشىدىغانلار
   قوغۇشۇن، ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل سانائەت مىتال ئىلمىنتى، شۇڭا، بەزى ئاياللار خىزمەت جەريانىدا، ھەمىشە قوغۇشۇنغا ئۇچرىشىپ قېلىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، قوغۇشۇن مىقدارى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كىتىشنىڭ بالىلارغا بولغان تەسىرى ئىنتايىن زور؛ ئاساسلىقى بالىلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى ۋە نىرۋا سېستىمىسىغا بولغان زىينى بىرقەدەر چوڭ.
   ھەل قىلىش ئۇسۇلى: ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھامىلدار ئايال، بۇ خىل خىزمەت مۇھىتى ياكى تۇرمۇش مۇھىتىدىن ئىمكان قەدەر بالدۇرراق ئايرىلىشى كىرەك؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە بەك چارچاپ كەتمەسلىككە دىققەت قىلىپ، ساغلام بولغان جىسمانىيەت ۋە روھىيەت بىلەن يىڭى ھاياتلىقنىڭ دۇنياغا كىلىشىنى كۈتىۋىلىش كىرەك.

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بۇ تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىڭ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايال تۆۋەندىكى تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىشى كىرەك، بولمىغاندا، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر ي

بۇ تۆت خىل كىيىم بالىلارنىڭ يەسلىدە كىيىشىگە ماس كەلمەيدۇ

بالىسى تۇغۇلغاندىن كىيىن، ئانىلار ياسىنىشقا ئەھمىيەت بىرىدىغان بولۇشقا باشلايدۇ؛ بىراق، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەمەس، بەلكى بالىسىنىڭ ياسىنىش

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号