مۇزىكا ئاڭلاش بوۋاقلارنىڭ مىڭىسىنىڭ يىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5692:ئادەم ئۆگەندى
   ھازىر بارغانسىرى كۆپ ئاتا-ئانىلار، بوۋاقلارغا بولغان دەسلەپكى تەربىيەنىڭ مۇھىملىقىنى تۇنۇپ يىتىپ، نۇرغۇن ئانىلار بوۋىقى تېخى قورسىقىدىكى ۋاقىتتىن باشلاپلا ئۇلار "ھامىيلە تەربىيىسى" ئېلىپ بېرىشنى باشلايدۇ. بىراق ئەمىلىيەتتە، ئىلمى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بوۋاق تېخى ئانىسىنىڭ قوسىقىدىكى ۋاقتىدا، ئۇلارنىڭ ئاڭلاش سىزىمى تۇلۇق يىتىلىپ بولالمايدۇ، ھەتتا يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭمۇ ئاڭلاش سىزىمى تېخى تولۇپ يىتىلىپ بولالمىغان بولىدۇ؛ شۇڭلاشقا، بوۋاق ئانىسىنىڭ قوسىقىدىكى ۋاقتىدا، ئۇلارغا ھامىيلە تەربىيەسى ئېلىپ بارساقمۇ، ئۇلارنىڭ "ئۈگىنەلىشى" ناتايىن. ئۇنداقتا، زادى قايسى ۋاقىتتا بوۋاقلارغا ئاڭلاش سىزىمى مەشىقى ئېلىپ بېرىشنى باشلاش كىرەك؟ دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى مەزمۇنلاردا بولسۇن.
ئاڭلاش سىزىمىنى مەشىقلەندۈرۈشنىڭ مۇھىملىقى
   ئىلمى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا ئاللىبۇرۇنلا شاۋقۇن-سۈرەن ئەمەس بەلكى قانۇنىيەتلىك چىققان ئاۋازلارنى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىدىغان ئالامەت كۆرىلىدىكەن؛ 1-2ئايلىق بوۋاقلار لىرىك مۇزىكىلارنى ئاڭلىغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭدىكى قانۇنىيەتلىك كەلگەن قىسىملىرىغا تېخىمۇ كۆپ دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرىدىكەن؛ يەنە بەزى تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، بوۋاق 5ئايلىق بولغاندىن باشلاپ، مۇزىكىنىڭ كەيپىيات جەھەتتىكى ئەھمىيىتىنى تۇنۇشنى ئۆگىنىدىكەن؛ مەسىلەن، ئۇ شوخ مۇزىكىلارنى ئاڭلىغان ۋاقتىدا، ھاياجانلىق تۇيغۇسى ئىپادىلەپ چىقىرىدىكەن، قايغۇلۇق مۇزىكا ئاڭلىغان ۋاقىتتا بولسا يىغلاش، ئويۇنچۇقلىرىنى ئېتىش قاتارلىق قىلمىشلار كۆرىلىدىكەن...
   مىڭە ئىلمى پەن-تېخنىكىسىدىكى ئەڭ يىڭى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بالىلارنىڭ 0-5ياشقىچە بولغان مەزگىلى، ئۇلارنىڭ چوڭ مىڭىسىنىڭ ئىككىنچى ئاساسى ئىقتىدار رايونى تىز سۈرئەتتە تەرەققى قىلىش مەزگىلى بولۇپ، بۇ رايوننىڭ تەرەققىياتى ئاساسلىقى سىرتقى مۇھىتنىڭ غىدىقلىشىغا تايىنىدىكەن. ئاڭلاش سىزىم نىرىپلىرى دەل مۇشۇ رايوندا بولۇپ، چوڭ مىڭىدە ئەڭ ئاۋال يىتىلىدىغان قىسىممۇ، دەل ئاڭلاش سىزىم نىرىپلىرى ئىكەن. مۇزىكىنىڭ ئىنسانلارغا بولغان پايدىسىنى كۆپ سۆزلەش كەتمەيدۇ؛ نۆۋەتتە، مۇزىكىنىڭ ئىنسانلارنىڭ تۇنۇش سېتسىتىمىسىنى كۈچەيتىشكە، كەيپىيات ئەقلى ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە، سىزىم ھەرىكەت سېستىمىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە، جىددى ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش سېستىمىسى ۋە ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى قاتارلىقلارنى كۈچەيتىشكە زور پايدىسى بار. شۇڭلاشقا مۇزىكا، بوۋاقلارنىڭمۇ كۆپ تەرەپلىمە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ. مۇزىكا بوۋاقلارنى ھىسياتقا تېخىمۇ باي قىلىپ، ئۇلارنىڭ چۈشىنىش ئىقتىدارى، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى، ئىپادىلەش ئىقتىدارى، پىكىرلىشىش ئىقتىدارى قاتارلىقلارنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ ۋە كۈچەيتىدۇ ھەمدە تەسەۋۋۇر كۈچىنى چېنىقتۇرىدۇ... بۇندىن باشقا، مۇزىكا يەنە ئادەمنىڭ ئوڭ مىڭىسىنى ئاچالايدىغان بولۇپ، ئوڭ ۋە سول مىڭىنىڭ ماس قەدەملىك تەرەققى قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ.
بالىلارغا مۇزىكا ئارقىلىق تەربىيەلەشنى قانداق ئېلىپ بېرىش كىرەك؟
بالىلارنى ئەستايىدىل ئاڭلىغىلى قويۇش
   رىېتىمى ئىنىق، قانۇنىيەتلىك بولغان ھەم ئاكتىپلىقنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان مۇزىكىلارنى بالىلارغا ئاڭلاتقۇزۇپ، بالىغا مۇزىكىنىڭ گۈزەللىكىنى ھىس قىلدۇرۇش ھەمدە بالىغا مۇزىكا رېتىمىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى بىلدۈرۈش. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاتا-ئانىسى بالىسىغا ناخشا ئېيتىپ بەرسىمۇ بولىدۇ. ئانىنىڭ ئاۋازى، بالا ئەڭ ئىشىنىدىغان، ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ھەم ئەڭ كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلايدىغان ئاۋازدۇر. سىز، ئۆزىڭىزنىڭ ئاۋازىنىڭ يېقىمسىز چىقىپ قېلىشىدىن، ئاھاڭنى ئالالماي قېلىشىڭىزدىن ئەنسىرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ؛ چۈنكى، بوۋاقلارنىڭ قەلبىدە، ئانىنىڭ ئاۋازى ئەڭ يېقىملىق ئاۋاز ھىسابلىنىدۇ. ئانا ناخشا ئېيتقان ۋاقىتتا، بوۋىقىنى تىزىغا قويۇپ ياكى قۇچىقىدا تۇتۇپ تۇرسا بولىدۇ، ۋە ياكى ئۇنىڭغا ھەمرا بولۇپ ئۇخلىشىپ بەرسىمۇ بولىدۇ. بۇنىڭدا، بوۋاق ئانىسى بىلەن يېقىن ئۇچرىشىپ، ئۇلار ئالاھىدە ئىھتىياجلىق بولغان "تىرە تىگىشىش ئۈنۈمى"نى قانائەتلەندۈرگىلى بولۇپلا قالماي، ئانىنىڭ ئاۋازى ئۇلارغا يەنە بىخەتەرلىك ۋە ئىللىقلىق تۇيغۇسى بېغىشلايدۇ ھەمدە بوۋاقنىڭ مىۋىسىگە قارىتا ئىنتايىن ياخشى ئۈنۈم كۆرسىتىدۇ.
پىكىرلىشىش ۋە بالىلار بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بېرىش
    بوۋاقلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشقا بولىدىغان ناخشىلارنى ئۇنىڭغا قويۇپ بىرىپ، ئانا بوۋىقى بىلەن بىرلىكتە ئاڭلىسا ھەم بەزىبىر ھەرىكەتلەرنى ئىشلىسە، ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ. مەسىلەن، "سىنىڭ بۇرنۇڭ قەيەردە؟"، "سىنىڭ ئېغىزىڭ قەيەردە؟"، "ئاسلانچاق قانداق توۋلايدۇ؟"، "سەن قەيەردە؟"دىگەنگە ئوخشاش ناخشىلارنىڭ، سىموۋوللاشتۇرۇلغان ھەرىكەتلىرى ۋە قول ئىشارەتلىرى بولۇپ، ئانا بوۋىقى بىلەن بىرگە ئاڭلاپ بۇ ھەرىكەتلەرنى ئىشلەپ بەرسە، بالىلارنىڭ تىل ئۆگىنىشىگە قارىتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.  بالىلار بۇ ناخشىلارغا غىڭشىش جەريانىدا، ناخشىدىكى سۆزلۈك ۋە بۇنىڭغا ماس ھەرىكەتلەر ئارقىلق، بەلگىلىك تىل ئىلمىنتلىرىنى ئۆگىنىۋالىدۇ.

يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى نىمىنى بىلدۈرىدۇ؟

بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلغان ۋاقىتتىكى بەدەن ئېغىرلىقى ئوخشاش بولمايدۇ؛ ئادەتتە بەش جىڭ، ئالتە، يەتتە جىڭ، سەككىز جىڭ تۇغۇلىدىغانلارمۇ بار؛ ئ

تۇغۇتتا ئەگەشمە كىسەللىك قالغان قالمىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز

ئاياللار تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن ئىنتايىن ئاجىزلىشىپ كىتىدىغان بولۇپ، بىرەر ئەگەشمە كىسەللىك قېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ياخشى كۈتۈنۈشى لا

بوۋاقلار قانچىلىك بولغاندا چوڭلارنىڭ تامىقىنى يىسە بولىدۇ

ئادەتتە چوڭلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى، تەم سەزگۈ ئەزاسى ۋە ئاشقازان-ئۈچەيلىرى پۈتۈنلەي يىتىلىپ بولغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تامىقى چوڭ پارچە ھە

ئوپراتسىيە قىلىپ تۇغدۇرغان ۋە ئانىسى ئۆزى تۇغقان بالىنىڭ پەرقى

ئادەتتە ئاياللارنىڭ تۇغۇتى ئىككى خىلغا بۆلىنىدۇ: ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇش ۋە ئۆزى تەبىئى تۇغۇش؛ بۇ ئىككى خىل تۇغۇت ئۇسۇلىدا بەلگىلىك پ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدۇ

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ تورغا چىقىپ بۇ بىر جۈملە سۆزنى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ باقسىڭىز، شۇھام

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号