سۈت پاراشوكلىرىنىڭ ئۇزۇقلۇق تەركىبىدە قانداق ئوخشىماسلىقلار بار
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6423:قېتىم كورۇلدى
   ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، ھازىرقى بازاردا سېتىلىۋاتقان سۈت پاراشوكلىرى ماس كىلىدىغان بوۋاقلارنىڭ يېشىغا ئاساسەن، بىرىنچى مەزگىللىك، ئىككىنچى مەزگىللىك ۋە ئۈچىنچى مەزگىللىك(一段奶粉、二段奶粉、三段奶粉) دەپ ئايرىلىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر، بىرىنچى مەزگىللىك سۈت پاراشوكى ئەڭ قىممەت، ئۇزۇقلۇق تەركىبىمۇ ئەڭ تۇلۇق بولىدۇ، شۇڭا بوۋاقلارغا ئىزچىل تۈردە بىرىنچى مەزگىللىك سۈت پاراشوكى ئىچكۈزۈش كىرەك دەپ قارايدۇ؛ ئۇلارنىڭ بۇنداق گەپلەرنى قەيەردىن ئاڭلاپ كەلگىنىنى بىلمىدىم، ئەمما بۇ قەتئى ئىلمى ئاساسى يوق، توغرا بولمىغان بىر قاراش.
سۈت پاراشوكى نىمە ئۈچۈن مەزگىللىك دەپ ئايرىلىدۇ؟
   ئانا سۈتى ئىنتايىن "ئەقلى ئىقتىدارلىق" بولۇپ، ئۇزۇقلۇق تەركىبى باشتىن ئاخىرى ئۆزگەرمەي بىر قىلىپتا كىلىدىغان ئەمەس؛ ئوخشاش بولمىغان ياش مەزگىلىدىكى بوۋاقلارنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن، ئانا سۈتىنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. شۇڭا ھەرقايسى مەزگىللەردىكى ئانا سۈتى، بالىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم.
   بالىلار رىتسىپلىق سۈت پاراشوكى، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئانا سۈتىنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتىنى تەقلىد قىلىپ چىقىش ئۈچۈن، بالىلارنىڭ ياش مەزگىلى ۋە ماس ھالدىكى ئۇزۇقلۇق ئىھتىياجىغا ئاساسەن، سۈت پاراشوكى رىتسىپىنى ئۆزگەرتىپ تەڭشەيدۇ؛ بۇ سەۋەپلىك، ھەرقايسى مەزگىللىك سۈت پاراشوكلىرى كىلىپ چىققان.
ئوخشاش بولمىغان مەزگىللىك سۈت پاراشوكلىرىنىڭ قانداق ئوخشاشماسلىقلىرى بار؟
   بازاردا ئومۇملاشقان سۈت پاراشوكلىرىنى مىسالغا ئالايلى:

بىرىنچى مەزگىللىك سۈت پاراشوكى
   6-0ئايلىق بوۋاقلارغا ماس كىلىدۇ ھەمدە بوۋاقلارنىڭ ئۇزۇقلۇق تەركىبلەرنى سۈمۈرۈشىگە ئەھمىيەت بىرىدۇ
   بىرىنچى مەزگىللىك سۈت پاراشوكى، ئاساسلىقى 6-0ئايلىق بوۋاقلارغا قارىتىلغان بولۇپ، بۇ مەزگىللىك بوۋاقلارنىڭ ئاشقازان ئۈچەي ئىقتىدارى تېخى تۇلۇق يىتىلىپ بولالمىغان، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى بولسا دەسلەپكى باشلىنىش قەدىمىدە تۇرىدۇ؛ شۇڭلاشقا، بىرىنچى مەزگىللىك سۈت پاراشوكى، بوۋاقلارنىڭ ئۇزۇقلۇق ماددىلارنى بەدىنىگە سۈمۈرۈپ قوبۇل قىلىشى ۋە ھەزىم قىلىشىغا تېخىمۇ بەكرەك ئەھمىيەت بىرىپ، ئۇلارنىڭ ساغلام ئىستىمال قىلىشىنى چىقىش نوقتىسى قىلىدۇ.

ئىككىنچى مەزگىللىك سۈت پاراشوكى
    12-6ئايلىق بالىلارغا ماس كىلىدۇ ھەمدە ئاقسىل ۋە مىنرالنى ماددىلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئاساس قىلىنىدۇ
   ئىككىنچى مەزگىللىك سۈت پاراشوكى ئاساسلىقى 12-6ئايلىق بوۋاقلارغا قارىتىلغان بولۇپ، بۇ مەزگىلدىكى بوۋاقلارغا قوشۇمچە باشقا يىمەكلىكلەرنى يىگۈزۈش باشلانغان بولغاچقا، بوۋاقنىڭ سەمىرىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئىككىنچى مەزگىللىك سۈت پاراشوكلىرىنىڭ ياغ تەركىبى بەلگىلىك دەرىجىدە كېمەيتىلىدۇ؛ ئاقسىل، مىنرالنى ئىلمىنتلار قاتارلىق ئۇزۇقلۇق ماددا تەركىبلىرى ئازراق كۆپەيتىلىپ، ئەقلى ئىقتىدار ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ يىتىلىشىنى كۈچەيتىدىغان ئۇزۇقلۇق ماددىلار قوشۇلىدۇ.
ئۈچىنچى مەزگىللىك سۈت پاراشوكى
    36-12ئايلىق بالىلارغا ماس كىلىدۇ ھەمدە ئۇزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىغا تېخىمۇ كاپالەتلىك قىلىنىدۇ
   ئۈچىنچى مەزگىللىك سۈت پاراشوكى، ئاساسلىقى 3-1ياشلىق بالىلارغا ماس كىلىدىغان بولۇپ، بۇ مەزگىلدىكى بالىلار ئاساسى جەھەتتىن ھەر خىل يىمەكلىكلەرنى يىيەلەيدىغان بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا سۈت پاراشوكى، قايتا ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ئۇزۇقلۇق كىلىش مەنبەسى بولمايدۇ. ئۈچىنچى مەزگىللىك سۈت پاراشوكى، تائۇرىن كىسلاتاسى، DHA، كالتسىي، تۆمۈر، ۋىيتامىن قاتارلىق ئۇزۇقلۇق ماددىلارنىڭ نىسبىتىنى تەڭشەپ، بالىلارنىڭ ئۇزۇقلۇق قوبۇل قىلىشىنىڭ تېخىمۇ تەڭپۇڭ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
   ئاخىرىدا، كۆپچىلىكنىڭ بەزىبىر ئىلمى ئاساسى بولمىغان گەپ-سۆزلەرگە ئاسانلىقچە ئىشنىپ كەتمەي، لازىم بولغاندا ئالاقىدار ماتىرياللارنى كۆرۈپ بېقىش، ھەرگىز باشقىلارنىڭ گەپلىرىگە ئىشىنىپ، قارىغۇلارچە ئىش كۆرمەسلىكى لازىم. بالىلار ئوخشاش بولمىغان ياش مەزگىلىدە ئوخشاش بولمىغان ئۇزۇقلۇق ماددىلىرىغا ئىھتىياجلىق بولۇپ، مۇۋاپىق مەزگىلگە يەتكەن ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ سۈت پاراشوكى ئىچىشىنى تەدرىجى ھالدا تاشلاتقۇزۇشى كىرەك.

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بۇ تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىڭ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايال تۆۋەندىكى تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىشى كىرەك، بولمىغاندا، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر ي

بۇ تۆت خىل كىيىم بالىلارنىڭ يەسلىدە كىيىشىگە ماس كەلمەيدۇ

بالىسى تۇغۇلغاندىن كىيىن، ئانىلار ياسىنىشقا ئەھمىيەت بىرىدىغان بولۇشقا باشلايدۇ؛ بىراق، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەمەس، بەلكى بالىسىنىڭ ياسىنىش

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号