يىگىرمە يىلدىن كىيىن بۇ تۆت خىل بالىلار ئاسانلا شاللىنىپ كىتىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6572:ئادەم ئۆگەندى
   ئاتا-ئانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز ئەڭ چوڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، بالىلىرىمىزنى ياخشى يىگۈزۈپ ياخشى كېيگۈزۈپ، ئەڭ ياخشى مەكتەپتە ئوقىتىمىز ھەم ئۇلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ بىلىملەرنى ئۆگىنىشىگە شارائىت يارىتىپ بىرىمىز. گەرچە بىز پۈتۈن زىھنىمىز بىلەن بالىلارنىڭ كەلگۈسىدە تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشى ئۈچۈن تىرىشساقمۇ، ئەمما بىز كۈچەپ بولالمايدىغان ياكى ھەمدەمدە بولالمايدىغان كۈنلەر ھامان كىلىدۇ. بۇنىڭغا ئامال يوق، بالىلار ئەتىگە، نامەلۇم بولغان يېراق كەلگۈسىگە تەۋە؛ بىز ھەتتا ئەتىگىمۇ ئۇلىشالماسلىقىمىز مۇمكىن.
    بىز بالىلارنىڭ قولىقىنى تولغان تۇرالمايدىغان بولۇپ قالغان ۋاقىتتا، ئۇلار يەنە داۋاملىق ئۆگىنىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولالارمۇ؟
   بىز بالىلارنىڭ قولىنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرلىيەلمەيدىغان بولۇپ قالغاندا، ئۇلار يەنە بۇ جەمئىيەتكە ياخشىراق سىڭىشىپ كىرەلەرمۇ؟
   بىز ئۇلارنىڭ كەينىدە قايتا تىرەك بولۇپ تۇرالمايدىغان بولۇپ قالغان ۋاقىتتا، ئۇلار يەنە كەينىگە چىكىنمەستىن ھەم قورقۇپ قالماستىن، داۋاملىق ئۆزىنىڭ تاللىشىدا چىڭ تۇرالارمۇ؟
   20يىلدىن كىيىنكى ئاشۇ ئەتىدە، قانداق خىلدىكى بالىلار ئاسان شاللىنىپ كىتىدۇ؟
مەجبۇرى ئۆگەنگەن بالىلار
   بۇ خىلدىكى بالىلار بەلكىم ناھايىتى ئەقىللىق كىلىشى، ھەتتا ئۆگىنىش نەتىجىسى ياخشى بولۇشى مۇمكىن؛ بىراق، ئۇلاردا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش روھى كەمچىل. مۇئەللىم ۋە ئاتا-ئانىسى ئۇلارنىڭ يېنىدا قولىقىنى تولغاپ، ئۇلارنى ئۆگىنىشكە ئۈندەپ تۇرغان ۋاقىتتا، ئۇلار تىرىشىپ ئۆگىنىدۇ؛ بىراق، مۇئەللىم ياكى ئاتا-ئانىسى ئۇلارنىڭ قولىقىنى تولغاپ تۇرمىسا، ئۇلار دەرھال بوشىشىپ كىتىدۇ.
   كىشىلىك ھايات، بىر خىل ئۆزلۈكسىز ئۆگىنىش جەريانى بولۇپ، بۇنىڭدا بىز ئاندىن جەمئىيەتتىكى رىقابەت كۈچىمىزگە كاپالەتلىك قىلالايمىز. ھازىرقى جەمئىيەت ھەربىر سىكونتتا تىز سۈرئەتتە ئالغا ئىلگىرلەپ مېڭىۋاتىدۇ، ئەگەر بىز سەللا ئىھتىيات قىلمىساق، سەپتىن چۈشۈپ قېلىپ، جەمئىيەت تەرىپىدىن شاللىۋىتىلىمىز. پەقەت مەڭگۈ توختىماي ئۆگىنىش پوزۇتسىيەسىنى ساقلىغان ۋاقتىمىزدىلا، بالىلار ئاندىن قاينام ئىچىدە باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرلەپ، كەلگۈسىدىكى رىقابەت ئىچىدە بىر كىشىلىك ئورۇنغا ئىگە بولالايدۇ.
ئۆز ھۆددىسىدىن ئۆزى چىقالمايدىغان بالىلار
   ھازىر نۇرغۇن بالىلار ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلغاندىن كىيىن، ئۆزى قانداق تۇرمۇش كەچۈرۈشنى بىلەلمەيدۇ، قايسى ۋاقىتتا تاماق يىيىشنى، قايسى ۋاقىتتا ئۇخلاشنى، قانداق كىيىم كىيىشنى ۋە ئۆينى قانداق رەتلەشنى بىلمەيدۇ؛ ئاتا-ئانىسىنىڭ خەۋەر ئېلىشى بولمىسا، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى قالايمىقانلىشىپ كىتىدۇ.
   بالىلار ھامان بىركۈنى بىزدىن ئايرىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز چوقۇم ئالدىنئالا تەييارلىق كۆرۈپ، ئۇلارغا مەدىنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىتىش بىلەن بىرگە، ئۇلارغا يەنە تۇرمۇش بىلىملىرىنىمۇ ئۆگىتىشىمىز كىرەك؛ ئۇلارغا ئاددى ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشنى ئۆگىتىپ، ئۇلارنى بىزدىن ئايرىلغاندىن كىيىنمۇ ئۆزىنىڭ رەتلىك تۇرمۇش مۇھىتىنى بەرپا قىلالايدىغان قىلىشىمىز كىرەك.
ئۆزى مۇستەقىل تاللاش قىلالمايدىغان بالىلار
    بەزى ئاتا-ئانىلار، بالىسى كىچىك ۋاقىتتىن باشلاپلا ئۇلارنىڭ ئورنىدا قارار چىقىرىشنى ياخشى كۆرىدۇ؛ قايسى خىل كۇرۇسقا قاتنىشىش دىگەنگە ئوخشاش ئىشلاردىن باشلاپ، ئۈستىگە نىمە كىيىش، قانچىلىك تاماق يىيىش دىگەنگە ئوخشاش كىچىك ئىشلارغىچە، ئاتا-ئانىسى ئۇلار ئۈچۈن تاللاش قىلىپ بىرىدىغان بولغاچقا، بالىلار تەدرىجى ھالدا ئۆزىنىڭ مۇستەقىل كۆز قارىشىنى يوقىتىپ قويىدۇ.
   كىشىلىك ھايات، شىددەت بىلەن ئېقىۋاتقان دەرياغا ئوخشايدىغان بولۇپ، ھە دىگەندىلا بەزىبىر ئاچال يوللارغا دۇچار بولىمىز. تاللاش قىلىشقا دۇچ كەلگەن ۋاقىتتا، بەزىلەر پۇرسەتنى چىڭ تۇتىۋىلىپ، بىراقلا كۆتۈرۈلۈپ كىتىدۇ؛ يەنە بەزىلەر بولسا قورقۇپ ئىككىلىنىپ، ئېقىمغا ئەگىشىپ ماڭىدۇ. مۇستەقىل كۆز قارىشى بار بالىلار، ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغلىشىشقا جۈرئەت قىلىدىغان بولۇپ، مۇستەقىل كۆز قارىشى يوق بالىلار بولسا، تاللاشقا دۇچ كەلگەندە قورقۇپ، رىقابەت ئالدىدا ئاجىز خارەكتىر ئىپادىلەيدۇ. بۇنداق بالىلار ئاسانلا جەمئىيەتنىڭ شاللىۋىتىشىگە ئۇچرايدۇ.
جاپاغا چىدىمايدىغان بالىلار
    ھەربىر بالا ئاتا-ئانىسىنىڭ يۈرىكىدىكى گۆش، شۇڭا ئۇلار بالىسىنىڭ جاپا تارتىشىغا چىدىمايدۇ؛ ئۇلار ھەمىشە ئۆزىنىڭ تارتقان جاپاسى يەتكۈچە بولدى دەپ قاراپ، بالىسىنىڭ ئىزچىل تۈردە ئوڭۇشلۇق تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
   بىراق ئەمىلىيەتتە، كىشىلىك ھاياتتا قانداقمۇ بوران-چاپقۇنلار يوق بولسۇن؟ كىممۇ بىر ئۆمۈر ئوڭۇشلۇق ھالدا ئۆتۈپ كىتەلەيمەن دەپ ئېيتالىسۇن؟ كىشىلىك ھاياتتا، ھامان سىزنى يېقىتىپ قويىدىغان بىر نەچچە ئورەك بار بولۇپ، سىزنى ساقلاپ تۇرغان جاپا-مۇشەققەتلەر بار بولىدۇ. بالىنىڭ گەرچە قوسىقىدا بىلىمى يەتكۈچە بار بولسىمۇ، ئەمما ئەگەر ئۇلار بىر نەچچە ئورەكلەردىن قورقۇپ، كىشىلىك ھاياتنى بەك جاپالىق بىلسە ھەمدە يېقىلغان يىرىدىن قايتا تۇرىدىغان جۈرئىتى بولمىسا، ئۇلارنىڭ ئۆگەنگەنلىرىنىڭ ھېچ ئەھمىيىتى بولمايدۇ. شۇڭا، بالىلارنى ئازراق جاپا تارتقۇزۇپ، ئۇلارنى ئازراق ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچراتساق، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ قەيسەر ئادەم بولۇشىغا پايدىلىق بولىدۇ.

تۇغۇتتا ياخشى كۈتۈنمىسىڭىز بۇ ئۈچ ئىشتىن قۇتۇلالمايسىز

يىڭى تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ كۈتۈنىشىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، ئەگەر تۇغۇت كۈتۈنىشى ياخشى بولمىسا، كىيىلىك تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، بۈگۈن ك

يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى نىمىنى بىلدۈرىدۇ؟

بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلغان ۋاقىتتىكى بەدەن ئېغىرلىقى ئوخشاش بولمايدۇ؛ ئادەتتە بەش جىڭ، ئالتە، يەتتە جىڭ، سەككىز جىڭ تۇغۇلىدىغانلارمۇ بار؛ ئ

تۇغۇتتا ئەگەشمە كىسەللىك قالغان قالمىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز

ئاياللار تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن ئىنتايىن ئاجىزلىشىپ كىتىدىغان بولۇپ، بىرەر ئەگەشمە كىسەللىك قېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ياخشى كۈتۈنۈشى لا

بوۋاقلار قانچىلىك بولغاندا چوڭلارنىڭ تامىقىنى يىسە بولىدۇ

ئادەتتە چوڭلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى، تەم سەزگۈ ئەزاسى ۋە ئاشقازان-ئۈچەيلىرى پۈتۈنلەي يىتىلىپ بولغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تامىقى چوڭ پارچە ھە

ئوپراتسىيە قىلىپ تۇغدۇرغان ۋە ئانىسى ئۆزى تۇغقان بالىنىڭ پەرقى

ئادەتتە ئاياللارنىڭ تۇغۇتى ئىككى خىلغا بۆلىنىدۇ: ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇش ۋە ئۆزى تەبىئى تۇغۇش؛ بۇ ئىككى خىل تۇغۇت ئۇسۇلىدا بەلگىلىك پ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号