ھامىلدارلىق ئۈچىنچى ئېيىدىكى ھامىيلە مىدىرلاش ھادىسىسى ھەققىدە
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5815:قېتىم كورۇلدى
   نۇرغۇن ھامىلدار ئاياللار ھامىلدارلىق ئۈچىنچى ئېيىغا كەلگەندە، ناگاندا بىر ھامىيلىنىڭ مىدىرلىغانلىقىنى ھىس قىلىدۇ، بەزىدە بولسا سىزەلمەيدۇ؛ بۇنداق قانۇنىيەتسىز بولغان ھامىيلە مىدىرلاش ھادىسىسى، ھامىلدار ئايالىنى قوسىقىدىكى ھامىيلىنىڭ ساغلاملىقىدىن ئەنسىرتىپ قويىدۇ. ئەمىلىيەتتە، ھامىلدارلىق ئۈچىنچى ئېيى بولسا، ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىلىگە تەۋە بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ھامىيلە ئۇنچە چوڭ ئەمەس، ھەم تۇلۇق يىتىلىپ بولالمىغان، بۇ سەۋەپلىك، ھامىيلىنىڭ مىدىرلىشىمۇ ئىنتايىن ئاجىز بولىدۇ. شۇڭلاشقا، ھامىلدار ئايال كۆپىنچە ۋاقىتتا ھامىيلىنىڭ ئىنتايىن ئاجىز بولغان مىدىراشلىرىنى سىزەلمەيدۇ.

   بۇندىن باشقا يەنە، تۇنجى ھامىلدار بولغان ئاياللار ھامىيلىنىڭ مىدىرلىغان ۋاقىتتىكى سىزىمنى تازا ياخشى چۈشىنىپ كەتمىگەچكە، بەزىدە قوسىقى غورۇلداپ ئاۋاز چىقارسا، ھامىلدار ئايال بۇنى ھامىيلىنىڭ مىدىرلىشى دەپ چۈشىنىپ قالىدۇ. ئەمىلىيەتتە بولسا ئۇنداق ئەمەس.
   ھامىلدار ئاياللار ھامىيلىنىڭ مىدىرلىشىنى توغرا پەرقلەندۈرۈشكە چوقۇم دىققەت قىلىش كىرە. ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقى كۆپرەك غورۇلداپ ئاۋاز چىقىرىدىغان بولۇپ، بۇ ئادەتتە ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق، قوساق ئىسىلىش ياكى قوساق ئېچىش سەۋەبىدىن بولىدۇ، ھامىيلىنىڭ مىدىرلىغانلىقى ئەمەس. ھامىيلىنىڭ مىدىرلىشى بولسا، بەزىدە بىردىن بىردىن سىلكىپ مىدىرلايدۇ؛ بەزىدە بولسا ئاۋاز چىقىرىپ نەچچە ھەرىكەتنى بىر-بىرىگە ئۇلاپ ئىشلەپ ئارقىمۇ-ئارقا مىدىرلايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھامىلدارلىق ئاخىرىقى مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىدا ناھايىتى كۈرۈنەرلىك بولغان قانۇنىيەتسىز شەكىل كۆرىنىدۇ؛ ھامىلدار ئايال يەنە تېخى بەزىدە، بالىسىنىڭ قوسىقىدا پۇت-قوللىرىنى مىدىرلىتىۋاتقانلىقىنى سىزەلەيدۇ.
   ئەگەر ھامىلدار ئايال نىسبەتەن سەزگۈر بولسا، ياكى قوساق تىرىسى نىپىز، باش سۈيى ئاز، ھامىيلە بىرقەدەر چوڭ قاتارلىق ئەھۋاللار بولسا، ئۇنداقتا ھامىلدار ئايال ھامىلدارلىق ئۈچىنچى ئېيىدىلا ئاجىزراق بولغان ھامىيلە مىدىرلىشىنى سىزىپ يىتەلىشى مۇمكىن.
   چۈنكى، ھەربىر ئادەمنىڭ سەزگۈرلۈك دەرىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ؛ بەزىبىر سەزگۈر ھامىلدار ئاياللار، دەسلەپكى مەزگىلدە يىنىك ھامىيلە مىدىرلىشى كۆرۈلگەن ۋاقىتتىلا، ھامىلدار ئايال قوسىقىدىكى بالىسىنىڭ مىدىرلىغانلىقىنى سىزىپ يىتەلەيدۇ. بۇندىن باشقا، ئەگەر ھامىلدار ئايالنىڭ قوساق تىرىسى نىسبەتەن نىپىز بولسا ياكى باش سۈيى ئاز بولسا، ھامىلدارلىق ئۈچىنچى ئېيىدىلا ھامىيلىنىڭ مىدىرلىشىنى سىزىپ يىتەلىشى مۇمكىن. چۈنكى، ئەگەر ھامىلدار ئايالنىڭ قوساق تىرىسى قېلىن بولسا، بۇ، ھامىلدار ئايالنىڭ سىزىم ئىنكاسىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھامىيلىدە مىدىراش كۆرۈلگەن تەقدىردىمۇ ئۇلار بۇنى سىزەلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھامىيلىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىمۇ ھامىلدار ئايالنىڭ ھامىيلىنىڭ مىدىرلىشىنى سىزىپ يىتىش ۋاقتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئەگەر ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىلىدە ھامىيلە بىرقەدەر چوڭ بولسا، ئۇنداقتا ھامىلدار ئايالنىڭ ھامىيلىنىڭ مىدىرلىشىنى سىزىپ يىتىش ۋاقتىمۇ نىسبەتەن بالدۇرراق بولىدۇ.
   ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ھامىيلىنىڭ مىدىرلاش ئەھۋالى، ھامىيلىنىڭ بەزىبىر ئەھۋاللىرىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىدۇ، شۇڭا ھامىلدار ئاياللار بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كىرەك؛ بولۇپمۇ ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايال ھامىيلىدە مىدىرلاش كۆرۈلگەن كۆرۈلمىگەنلىكىگە چوقۇم دىققەت قىلىپ، ھامىيلىنىڭ مىدىرلىشى ۋە باشقا ئەھۋاللارنى توغرا پەرقلەندۈرۈشنى بىلىۋىلىشى كىرەك. ھامىلدارلىق كىيىنكى مەزگىلىدە بولسا، ھامىيلىنىڭ مىدىرلاش قېتىم سانىنى سانايدىغان ئادەتنى يىتىلدۈرۈش كىرەك. بىلىشىڭىز كىرەككى، ھامىيلىنىڭ ھەر سائەتتىكى مىدىرلاش قېتىم سانى ئۈچ سائەتتىن ئاز بولسا، ياكى ھەر ئون ئىككى سائەتتىكى مىدىرلاش قېتىم سانى يىگىرمە قېتىمغا يەمىسە، ئۇنداقتا بۇ، ھامىيلىدە بىنورماللىق كۆرۈلگەنلىكىنى ئىپادىلەپ بىرىدۇ.

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بۇ تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىڭ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايال تۆۋەندىكى تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىشى كىرەك، بولمىغاندا، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر ي

بۇ تۆت خىل كىيىم بالىلارنىڭ يەسلىدە كىيىشىگە ماس كەلمەيدۇ

بالىسى تۇغۇلغاندىن كىيىن، ئانىلار ياسىنىشقا ئەھمىيەت بىرىدىغان بولۇشقا باشلايدۇ؛ بىراق، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەمەس، بەلكى بالىسىنىڭ ياسىنىش

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号