كۆپچىلىك ئاڭلىدىڭلارمۇ يوق بىلمىدىم، يېقىندا تەيۋەندە بولغان بىر ۋەقەلىك توردا تارالدى.
ئۈچ ئايلىق بولغان بوۋاقنىڭ تاغىسىنىڭ ئايالى، بوۋاقنىڭ سۈت پاراشوكى ئىچىگە تۇز قوشۇۋىتىپ، بالىنى ئۆلۈپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان؛ بوۋاقنىڭ ئاتا-ئانىسى قان يىغلاپ قالغان، تاغىسىنىڭ ئايالى بولسا تۈرمىگە كىرگەن.

ئىشىنىمەنكى، ھەربىر ئاتا-ئانا بالىسىنىڭ سالامەتلىكىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ، بىراق ھەمىشە چوڭ مىڭىنىڭ يىتىلىشىنى نەزەردىن ساقىت قىلىدۇ. ئادەمنىڭ چوڭ مىڭىسى، ئۈچ قاداق ئېغىرلىقتىكى دەرىجىدىن تاشقىرى كومپىيوتىرغا ئوخشاش بولۇپ، ئىچىدە 100مىلياردتىن ئارتۇق نىرۋا ھۈجەيرىلىرى بار؛ ئادەم مىڭىسىدىكى بۇ ھۈجەيرىلەرنىڭ مۇرەككەپ بولغان ئۇلىنىشى، چەكسىز كەتكەن ئالەمدىكى يۇلتۇزلاردىنمۇ كۆپ بولۇپ، بۇلارنى قانداق ئاسراش ئىنتايىن مۇھىم.
"ھاياتلىق گىزىتى"، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تەتقىقاتلارنى بىرلەشتۈرۈپ ئانالىز قىلىش ھەمدە ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق شۇنداق يەكۈن چىقارغانكى، كۆپلىگەن ئامىللارنىڭ ئىچىدە، بالىلارنىڭ مىڭىسىگە زىيىنى ئەڭ چوڭ بولغىنى، كۈندىلىك تۇرمۇشتا نورمىدىن ئارتۇق تۇز ۋە قەنت قوبۇل قىلىش ئىكەن.
تۇز، تۇرمۇشتىكى ئومۇملاشقان ئاتىلىشى بولۇپ، ئۇنىڭ خېمىيىدىكى ئىلمى ئاتىلىشى، "ناترى خىلور" دىيىلىدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭ ماھىيىتى، "ناترى". بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى يىمەكلىكلەر ئىچىدىمۇ، ناترىي تەركىبلىرى يوق ئەمەس.

ناترىينىڭ ئادەم بەدىنىگە قارىتا بەلگىلىك پايدىلىق تەرىپى بار:
1. بەدەننىڭ سۇ تەركىبى ۋە سىڭىپ كىرىش بېسىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش
2. كىسلاتا ئىشقارلارنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاش
3. نىرۋا مۇسكۇللىرىنىڭ ئاكتىپلىقى ۋە روھلىنىش دەرىجىسىنى ساقلاش
4. مۇسكۇل ھەرىكىتى، ئىنىرگىيە مىتابولىزىمى، يۈرەك قان تۇمۇر ئىقتىدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك
5. قەنت مىتابولىزىمى، ئوكسىگىندىن پايدىلىنىش قاتارلىقلارمۇ ناترىيدىن ئايرىلالمايدۇ.
مۇددەتتىن بۇرۇن تۇز ئىستىمال قىلىشنىڭ زىيىنى
بوۋاق بالىلارنىڭ بۆرەك ئىقتىدارى تېخى تۇلۇق يىتىلىپ بولالمايدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ناترىيغا بولغان بەدەن سىرتىغا چىقىرۋىتىش ئىقتىدارى قورامىغا يەتكەن كىشىلەرنىڭكىدىن تۆۋەن بولىدۇ؛ بۇ سەۋەپلىك، ناترىينى كۆپ مىقداردا قوبۇل قىلىش، بۆرەككە بولغان بېسىمنى ئاشۇرۋىتىدۇ. بۇندىن باشقا، ناترىينىڭ كۆپ مىقداردا قوبۇل قىلىنىشى، كالتىسينىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرۋىتىلىشىنى ئاشۇرۋىتىدىغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق سۆڭەك تەركىبىدىكى كالتسىينىڭ ئېقىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، سۆڭەكنىڭ يىتىلىشىگە پايدىسىز بولىدۇ.
بوۋاقلار قانچىلىك بولغاندا تۇز يىسە بولىدۇ
بوۋاق بالىلار بىر يېرىم ياشقا كىرگەن ۋاقىتتا، ئاتا-ئانىلار ئۇلارنىڭ يىمەك-ئىچمىكىنى كۆزىتىشكە دىققەت قىلسا بولىدۇ. ئەگەر بالىلار ئازراق تەمى بار تاماقنى يىيىشنى ياخشى كۆرسە، ئۇنداقتا ئۇلارغا تەركىبىدە تۇز بار بولغان يىمەكلىكلەردىن ئازراق يىگۈزۈپ قويساق بولىدۇ؛ بىراق، تۇزى چوقۇم كەمرەك تېتىغان بولۇشى كىرەك. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، بالىلارنىڭ يۇد قوبۇل قىلىشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش كىرەك.
"يۇشۇرۇشن تۇزلار"نى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ
بالىلارنىڭ كۈندىلىك يىمەك-ئىچمىكىدىكى تۇز تەركىبىنىڭ قۇبۇل قىلىنىشىغا ئەھمىيەت بىرىپلا قالماي، يەنە بەزىبىر خىلدىكى "يۇشۇرۇن تۇزلار"نىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كىرەك. ھەممىمىز كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى، سانائەتتە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يىمەكلىكلەرلا ئەمەس، نۇرغۇنلىغان تەبىئى يىمەكلىكلەر تەركىبىدىمۇ ناترى بار. شۇڭا، ئاتا-ئانىلار بالا ئۈچۈن يىمەكلىك تاللىغان ۋاقىتتا، مەھسۇلاتنىڭ تەركىبى قىسمى كۆرسىتىلگەن جەدۋەلگە ياخشى قاراپ، ئىھتىياتسىزلىقتىن ناترىي قوبۇل قىلىش نورمىدىن ئېشىپ كىتىدىغان ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىن ساقلىنىش لازىم.